خۇدانىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇن(لېۋ تولىستوي)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-23 13:22:00

خۇدانىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇنلېۋ تولىستوي(روسىيە) ئىنگىلىزچىدىن ئابدۇراخمان مەتنىياز تەرجىمىسى ۋلادىمىز شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ياش سودىگەر ئىۋان دمىترىيېۋىچ ئاكسيونوۋنىڭ ئىككى دۇكان، بىر يۈرۈش قور...

    خۇدانىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇن
    لېۋ تولىستوي(روسىيە)
    ئىنگىلىزچىدىن ئابدۇراخمان مەتنىياز تەرجىمىسى

        ۋلادىمىز شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ياش سودىگەر ئىۋان دمىترىيېۋىچ ئاكسيونوۋنىڭ ئىككى دۇكان، بىر يۈرۈش قورۇ ـ جايى بار ئىدى.
       ئاكسيونوۋ كېلىشكەن، ئالتۇن چاچلىرى بۈدۈر، خۇش چاقچاق، ناخشا خۇمار يىگىت ئىدى، ئىلگىرى كۈندىلا دېگۈدەك مەست يۈرەتتى، توي قىلغاندىن كېيىنمۇ ئاساسەن ئىچمەيدىغان بولغانىدى.
       ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئاكسيونوۋ ياشقا بىر شەھەرگە بارماقچى بولدى.
        _ئاكسيونوۋ، بۈگۈن يولغا چىقمىساڭ، ـ دېدى خۇتۇنى،
       _سەن توغرۇلۇق يامان چۈش كۆرۈپ قاپتىمەن.
       ـ ئۇ يەرگە بېرىپ كۆپ ئىچىۋېلىشىمدىن ئەنسىرەۋاتىسەنغۇ دەيمەن؟ ـ دېدى ئاكسيونوۋ كۈلۈپ تۇرۇپ.
       ـ نېمىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. بىلىدىغىنىم پەقەت يامان چۈش كۆرۈپ قالغانلىقىم، خالاس. چۈشۈمدە سەن بازاردىن قايتىپ كەلگەندە قالپىقىڭنى ئېلىپ قارىسام، چاچلىرىڭ ئاپئاق تۇرغۇدەك،
       ـ بۇ ياخشىلىقتىن بېشارەت، ـ دېدى ئاكسيونوۋ، ـ ماڭا قارىغىن، بىر تال مېلىمنى ساتالمىغان تەقدىردىمۇ ساڭا سوۋغات ئەكەلمەي قويمايمەن.
        ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ، ھارۋىلىق يولغا چىقتى. يېرىم يولدا بىر تونۇش سودىگەرگە ئۇچرىشىپ قالدى. كەچتە ئىككىسى بىر سارايغا چۈشتى. چاي ـ پاي ئىچىشكەندىن كېيىن ياتاقلىرىغا كىرىپ يېتىپ قېلىشتى.
        ئاكسيونوۋ سالقىندا يول ئاۋۇ تۇۋېلىش نىيىتىدە ھارۋىكەشنى تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇنلا ئويغىتىپ، ساراي ھەققىنى تۆلىۋەتكەندىن كېيىن سەپىرىگە راۋان بولدى. ئۇلار يىگىرمە بەش مىلچە يول يۈرگەندىن كېيىن ئېتىنى ئوتقا قويدى. ئاكسيونوۋ ئۆتەڭدىكى بىر سارايغا كىرىپ بىر ساماۋار جاينى قىزىنىپ ئەكىلىپ بېرىشكە بۇيرۇپ قويۇپ، گىتارىنى ئېلىپ چېلىشقا باشلىدى. توساتتىن، بىر ساقچى ھارۋىسى قوڭغۇراقلىرىنى جىرڭلىتىپ كېلىپ توختىدى ۋە بىر ساقچى ئەمەلدارى ئىككى ساقچىنى ئەگەشتۈرۈپ ياتاققا كىرپ كەلدى.
       ساقچى باشلىقى ئاكسيونوۋنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭ كىملىكىنى نەدىن كەلگەنلىكىنى سورىدى. ئاكسيونوۋ ھەممىسىگە تولۇق جاۋاب بەردى. ئاندىن «چاي ئىچەمسىز؟» دەپ قوشۇپ قويدى. ئەمما، ساقچى باشلىقى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ سوراپ: «ئاخشام كېچىنى قەيەردە ئۆتكۈزدۈڭ؟ ئۆزۈڭ يالغۇزمۇ ياكى يەنە بىر سودىگەر بىلەن بىللىمۇ؟ بۈگۈن ئەتىگەن ئۇ سودىگەرنى كۆردۈڭمۇ؟ نېمىشقا تاڭ ئاتماستىنلا سارايدىن كېتىپ قالدىڭ؟» دېگەندەك سوئاللارنى سورىدى.
       ئاكسيونوۋ ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق سوئاللارنى سورىغانلىقىدىن ئەجەبلەنسىمۇ ئەمما ھەممىگە ئەينەن جاۋاب بەردى. ئاخىرىدا:
       ـ مېنىڭدىن نېمىشقا بۇنچىۋالا كوچىلاپ سوراپ كېتىسىز؟ ئوغرىلىق ياكى بۇلاڭچىلىق قىلمىسام، مەن ئۆزۈمنىڭ سودا ئىشلىرىم بىلەن كېتىۋاتىمەن. مەندىن بۇنچىۋالا سوراپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، ـ دەپ قوشۇپ قويدى،
       ـ مەن مۇشۇ رايوندىكى ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ـ دېدى ساقچى باشلىقى، ـ مېنىڭ سەندىن بۇنداق سوئاللارنى سورىشىم، تۈنۈگۈن كەچتە سەن بىلەن بىللە ياتقان ھېلىقى سودىگەرنى بىرى بۇغۇزلىۋېتىپتۇ. بىز سېنىڭ نەرسىلىرىڭنى ئاختۇرىمىز.
       ئۇلار بىر ئۆيگە كىرىپ ئاكسيونوۋنىڭ يۈك ـ تاقلىرىنى يېشىپ ئاختۇرۇشنى، ساقچى باشلىقى بىر سومكىدىن بىر پىچاقنى چىقىرىپ «بۇ كىمنىڭ پىچىقى!» دەپ ئەنسىز ۋارقىرىدى.
        ئاكسيونوۋ سومكىدىن قان يۇقى بىر پىچاقنىڭ چىققانلىقىنى كۆرۈپ سۈركۈنۈپ كەتتى.
        ـ بۇ پىچاق قانداق بۇلۇپ قان يۇقى بولۇپ قالدى؟
        ئاكسيونوۋ كېكەچلەپ تۇرۇپ ئارانلا:
        ـ مەن... بىلمەيمەن... مېنىڭ ئەمەس، ـ دېگەن گەپنىلا دېيەلىدى.
       ـ ئۇ سودىگەر بۈگۈن ئەتىگەندە بوغۇزلىۋېتىلگەن ھالدا كارۋىتىدا يېتىپتۇ، ـ دېدى ساقچى باشلىقى، ـ پەقەت سەنلا شۇنداق قىلىش ئېھتىمالى بولغان بىردىنبىر ئادەم. ئۆي ئىچىدىن تاقالغان، ئۆيدە باشقا ھېچكىم يوق، سومكاڭدا بۇ قان يۇقى پىچاق بار ئىكەن، چىرايىڭدىنمۇ بىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنى قانداق ئۆلتۈرگەنلىكىڭنى ۋە قانچىلىك پۇلىنى ئوغرىلىغانلىقىڭنى ئېيتىپ بەر.
       ئاكسيونوۋ بۇ ئىشنى ئۆزىنىڭ قىلمىغانلىقىنى، ئۇ سودىگەر بىلەن بىرگە چاي ئىچكەندىن كېيىن ئۇنى كۆرمىگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ سەككىز مىڭ رۇبلىسىدىن باشقا پۇلى يوقلۇقىنى، ئۇ پىچاقنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ قەسەم قىلدى. ئەمما، ئۇنىڭ كانىيى بوغۇلۇپ، چىرايى تاتىرىپ، قورققىنىدىن گۇناھكاردەك تىترەپ تۇراتتى.
       ساقچى باشلىقى ساقچىلارغا ئاكسيونوۋنى باغلاپ ھارۋىغا تاشلاشنى بۇيرىدى. ساقچىلار ئۇنىڭ پۇتلىرىنى باغلاپ ھارۋىغا تاشلىغاندا، ئاكسيونوۋ چوقۇنۇپ تۇرۇپ يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ پۇل ـ ماللىرى مۇسادىرە قىلىنىپ، يېقىن ئەتراپتىكى كىچىك بىر شەھەرنىڭ تۈرمىسىگە قاماپ قويۇلدى. ئاڭغۇچە ۋلادىمىر شەھىرىدىن ئۇنىڭ ئارخىپى ئېنىقلىنىپ كېلىندى، ئۇ يەردىكىلەر ئۇنىڭ بۇرۇن ھاراقكەش بولسىمۇ، ئەمما ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا، بىر سودىگەرنى ئۆلتۈرۈپ يىگىرمە مىڭ رۇبلى پۇلىنى بۇلىۋالغان، دەپ بىرلا جىنايەت ئارتىلدى.
        ئۇنىڭ خوتۇنى نېمە ئىشلار بولۇپ كەتكىنىگە چۈشىنەلمەيلا قالدى. بالىلىرى ئۇششاق، بىر بالىسى تېخى ئەمچەكتە ئىدى. ئۇ بالىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ، ئېرى سولانغان تۈرمىگە باردى. 
        دەسلەپتە ئېرى بىلەن كۆرۈشەلمىدى. ئەمما، يېلىنىپ ـ يالۋۇرۇپ يۈرۈپ ئاخىر كۆرۈشۈشكە رۇخسەت ئالدى. ئېرىنىڭ ئۇچىسىدا مەھبۇس كىيىمى، پۇت ـ قوللىرىدا كويزا ـ كىشەن، ئوغرى قاراقچىلار بىلەن بىللە سولانغانلىقىنى كۆرۈپ، ھوشىدىن كېتىپ خېلى ئۇزاققىچە ئېسىگە كېلەلمىدى، ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن بالىلىرى بىلەن ئېرىنىڭ قېشىغا كىرىپ ئولتۇردى. ئۆيدە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئېرىگە سۆزلەپ بەردى. ئاندىن، زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدى. ئېرى ئۇنىڭغا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ بەردى، ئۇ «ئەمدى قانداق قىلىمىز؟» دەپ سورىدى.
        ـ چار پادىشاھقا مەندەك بىر گۇناھسىز ئادەمنىڭ ناھەق ئۆلۈپ كەتمەسلىكىنى تىلەپ ئىلتىماس سۇنايلى، ـ دېدى ئېرى. خوتۇنى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ چار پادىشاھقا ئەرز سۇنغانلىقىنى، ئەمما جاۋابى بولمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئاكسيونوۋ ئۈندىمىدى، پەقەت خۇرسىنىپلا قويدى.
       ـ چۈشۈمدە سېنى چاچلىرىڭ ئاقىرىپ كەتكەن ھالدا كۆرۈشۈپ سەۋەبسىز ئەمەسكەن، ـ دېدى خوتۇنى، ـ ئاشۇ كۈنى يولغا چىقمىساڭ بوپتىكەن. قەدىرلىكىم، خوتۇنۇڭغا راستىنى ئېتقىن، بۇ ئىشنى راست سەن قىلمىغان، شۇنداقمۇ؟
       ـ بۇ گېپىڭچە سەنمۇ مەندىن گۇمانلىنىۋېتىپسەن ـ دە! ـ دېدى ئاكسيونوۋ ۋە يۈزىنى ئېتىۋېلىپ يىغلاپ كەتتى. بىر ساقچى كېلىپ ئۇنىڭ خوتۇنى، باللىرىنى ھەيدىدى. ئاخىرى ئۇلار ئامالسىز خوشلاشتى. ئائىلىسىدىكىلەر كەتكەندىن كېيىن ئاكسيونوۋ خوتۇنىنىڭمۇ ئۆزىدىن گۇمانلىنىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ ئۆزىگە ئۆزى: «قارىغاندا، بۇ ئىشنى پەقەت تەڭرىلا بىلىدىغان ئوخشايدۇ. ئەمدى بىزگە ئۇنىڭدىن مېھر ـ شەپقەت كۈتمەكتىن باشقا ئامال يوق» دەپ پىچىرلىدى. ئاكسيونوۋ قايتا ئەرز قىلمىدى. ئۇ ھەممە ئۈمىدىنى ئۈزۈپ پەقەت تەڭرىگە ئىبادەت قىلىش بىلەنلا ئۆتىدىغان بولدى. ئاكسيونوۋ راسا دۇمبالانغاندىن كېيىن كاندا ئىشلەشكە پالاندى. يارىسى ـ ساقايغاندىن كېيىن باشقا جىنايەتچىلەر بىلەن بىرگە سىبىرىيىگە ھەيدەلدى.
       ئاكسيونوۋ سىبىرىيىدە يىگىرمە بەش يىل مەھبۇس بولدى.
        ئۇنىڭ چاچلىرى قاردەك ئاقارغان، ساقال ـ بۇرۇتلىرى شالاڭلىشىپ چارلاشقان، خۇشاللىقى يوقالغان، بېلى مۈكچىيىپ، يول مېڭىشى ئاستىلاپ، ئاز سۆزلەيدىغان، كۈلەلمەيدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئەمما، ئىبادىتىنى زادىلا تاشلىمىدى، ئاكسيونوۋ تۈرمىدە موزدۇزلۇقنى ئۆتىنىۋالدى، ئازراق پۇل تېپىپ «ئەۋلىيالار قىسسىسى»نى سېتىۋالدى. ئۇ بۇ كىتابنى تۈرمىنىڭ يورۇق جايلىرىدا ئوقۇيتتى، يەكشەنبە كۈنلىرى تۈرمە چېركاۋىدا ئىنجىل پارىلىرىنى ئوقۇپ مۇناجات قىلىپ تۇردى. ئۇنىڭ ئاۋازى بۇرۇنقىدەكلا ساز ئىدى.
        تۈرمە نازارەتچىلىرى ئاكسيونوۋنىڭ مۇلايىملىقىنى ياقتۇراتتى، تۈرمىداشلىرىمۇ ئۇنى ھۈرمەتلەيتتى. ئۇلار ئۇنى «بوۋا»، «ئەۋلىيا» دەپ ئاتىشاتتى. تۈرمە نازارەتچىلىرىگە قانداق تەلەپلىرى بولسا ئاكسيونوۋغا دېگۈزەتتى. جىنايەتچىلەر ئارىسىدا ماجىرا چىقسا، ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ھەل قىلىشاتتى. ئاكسيونوۋغا ئائىلىسىدىن ھېچقانداق خەۋەر بولمىدى، بىر كۈنى تۈرمىگە يېڭى جىنايەتچىلەر كەلدى. كەچتە كونا جىنايەتچىلەر يېڭى كەلگەنلەرنى ئورىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ قايسى شەھەر، قايسى يېزىدىن كەلگەنلىكىنى، نېمە جىنايەت بىلەن كېسىلگەنلىكلىرىنى سوراشتى. شۇلارنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى غەمكىن تىڭشاپ ئولتۇردى.
       ئاتمىش ياشلاردىكى ئېگىز. بەستلىك، چاچ ـ ساقاللىرى پاكىز چۈشۈرۈلگەن بىر مەھبۇس باشقىلارغا ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى،
       ـ مەن ئات قوشۇلغان، بىر چانىنى ئېلىپ ماڭغانلىقىم ئۈچۈنلا، ئوغرىلىق قىلدىڭ دەپ قارىلىنىپ قولغا ئېلىندىم، چانىنى ئۆيگە تېزىرەك بېرىۋېلىپلا قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئالغانىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە چانا بىر دوستۇمنىڭ ئىدى. مەن بۇرۇن جىنايەت ئۆتكۈزگەن، ئەسلى شۇ چاغدىلا بۇ يەرگە كېلىشىم كېرەك ئىدى. ئەمما ئۇ چاغدا مەن تۇتۇلمىغان. ھازىر بۇ يەرگە گۇناھسىزلا ئېلىپ كېلىندىم، بۇ يەرگە بۇرۇنلا كېلىشىم كېرەك ئىدى، بەك كېچىكىپ كەلدىم.
        ـ سەن قەيەرلىك؟ ـ سورىدى بىرى ئۇنىڭدىن.
       ـ ئېيتقىنا ماكار، ۋلادىمىرلىق سودىگەر ئاكسيونوۋلارنى تونۇمسەن؟ ـ سورىدى ئاكسيونوۋ، ـ ئۇلار ھازىرمۇ ھاياتمۇ؟
       ـ تونۇمامدىغان، ئەلۋەتتە تونۇيمەن، ئۇلارنىڭ دادىسى سىبىرىيىدە بىزگە ئوخشاش مەھبۇس بولسىمۇ، ئۇلار باي ئادەملەر. ساڭا كەلسەك بوۋا، قانداق قىلىپ بۇ يەرگە كېلىپ قالغان؟
        ئاكسيونوۋ ئۆزىنىڭ بەختسىز كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەشنى خالىمىدى. پەقەت خورسىنىپلا قويدى. ئاندىن:
       ـ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن، يىگىرمە بەش يىل بولدى، ـ دېدى.
       ـ نېمە جىنايەت بىلەن؟ ـ سورىدى ماكار.
        ئاكسيونوۋ كۆپ سۆزلەشنى خالىماي «ئىشقىلىپ بىر جىنايەت، جىنايەت ئۆتكۈزگەندىكىن جازاسىنى تارتىشىم كېرەك ـ تە» دەپلا قويدى، لېكىن، ئۇنىڭ تۈرمىداشلىرى يېڭى مەھبۇسقا ئاكسيونوۋنىڭ سىبىرىيىگە قانداق كېلىپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىشتى. ماكار بۇلارنى ئاڭلاپ ئاكسيونوۋغا قاراپ تىزىنى شاپىلاقلاپ تۇرۇپ:
       ـ ۋاي، بۇ قىزىق ئىشكەنغۇ، ھەقىقەتەن بەك قىزىق ئىشكەن، بىراق سەن بەك قېرىپ كېتىپسەن ، بوۋا! ـ دېدى.
       باشقىلار ئۇنىڭ نېمىشقا مۇنچىۋالا ھاياجانلىنىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بۇرۇن ئاكسيونوۋنى كۆرگەن ـ كۆرمىگەنلىكىنى سوراشتى. ئەمما، ماكار جاۋاب بەرمىدى، پەقەت «بۇ يەردە ئۇچراشقىنىمىز ئاجايىپ ئىش بولدى، بالىلىرىم» دەپلا قويدى. ئۇنىڭ سۆزى ئاكسيونوۋنى، بۇ ئادەم ئۇ سودىگەرنى كىمنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلىدىكەن، دېگەن گۇمانغا سېلىپ قويدى. شۇڭا:
       ـ ماكار، سەن بەلكىم شۇ قېتىمقى ۋەقەنى ئاڭلىغان بولغىيتتىڭ ياكى بۇرۇن مېنى كۆرگەندۇرسەن؟ ـ دەپ سورىدى.
        ـ نېمىشقا ئاڭلىماي، بۇ ئىش ئالەمگە پۈر كەتكەن تۇرسا، ئەمما ئۇ بۇرۇنقى ئىشلار، ھازىر ئۇنتۇپ كەتتىم.
        ـ بەلكىم ھېلىقى سودىگەرنى كىمنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئاڭلىغان بولغىيتتىڭ؟ ـ سورىدى ئاكسيونوۋ.
       ـ ئۇنى چوقۇم سومكىسىدىن پىچاق چىققان ئادەم ئۆلتۈرگەن، ـ دېدى ماكار كۈلۈپ قويۇپ، ـ پىچاقنى سومكاڭغا تىقىپ قويغان تەقدىردىمۇ، ئۇ تۇتۇلمىغۇچە ئوغرى ھېسابلانمايدۇ. پىچاقنى قانداقسىگە ئۇخلاۋاتقان ئادەمنىڭ بېشىنىڭ ئاستىدىكى سومكىغا تىقىپ قويغىلى بولسۇن، ئۇ تىقىپ بولغۇچە ئويغىنىپ كەتمەمدۇ.
        ئاكسيونوۋ ھېلىقى سودىگەرنى ئۆلتۈرگەن ئادەمنىڭ مۇشۇ ئادەم ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى ـ دە، ئورنىدىن تۇرۇپ نېرى كەتتى. شۇ ئاخشىمى ئۇ كېچىچە كىرپىك قاقمىدى. چىرايى خاپا، كۆڭلىنى ھەرخىل خىياللار چىرمىۋالغانىدى. خوتۇنىنىڭ بازارغا مېڭىش ئالدىدىكى چىرايىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى. ئۇلار ئەينى چاغدىكىدەك ئۇششاق، بىرى يەردە، بىرى ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا ئىدى، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ياش ۋە شوخ چاغلىرىنى، سارايدا گىتار چېلىۋاتقاندا قىلمىغانلىقىنى ئەسلىدى، يىگىرمە بەش يىللىق تۈرمە ھاياتىدا يېگەن تاياقلىرى، تارتقان ئازابلىرى بىر ـ بىرلەپ كۆز ئالدىدىن ئۆتتى. بۇ پېشكەللىكلەرنىڭ ئۆزىنى شۇ قەدەر ئېچىنىشلىق ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى ئويلاپ ئۆلۈۋالماقچىمۇ بولدى. «بۇلارنىڭ ھەممىسىگە شۇ مۇناپىق سەۋەبچى» دەپ ئويلىدى ئاكسيونوۋ، ئۇ ماكارغا شۇ قەدەر ئۆچ بولۇپ كەتتىكى، ئۇنىڭدىن ئۆچىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆلۈپ كەتسىمۇ مەيلى ئىدى، ئەمما، ماكارغا يېقىن يولىمىدى، ھەتتا ئۇنىڭغا قارىغۇسىمۇ كەلمىدى.
       ئىككى ھەپتە شۇ تەرىقىدە ئۆتتى. ئاكسيونوۋ كېچىلىرى ئۇخلىيالمايدىغان، ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەيدىغان بولۇپ قالدى.
        بىر كۈنى ئاخشىمى ئۇ بىر تاختاينىڭ ئاستىدىن توپا چىقىرىپ قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ توختاپ بۇ نېمە ئىشتۇ، دەپ قاراپ تۇراتتى، توساتتىن، ماكار تاختاينىڭ ئاستىدىن ئۆمىلەپ چىقتى ۋە ئاكسيونوۋغا ھودۇققان ھالدا قاراپ قالدى. ئاكسيونوۋ قارىماي ئۆتۈپ كەتمەكچى بولۇۋېدى، ماكار ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۆزىنىڭ تامنىڭ ئاستىدىن بىر تۆشۈك كولىغانلىقىنى، توپىنى ئۆتۈكىگە قاچىلاپ، ھەركۈنى جىنايەتچىلەرنى ئەمگەككە يالاپ ماڭغاندا يول بويىغا تۆكۈۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
       ـ پەقەت سەن قېرىلا زۇۋان سۈرمىسەڭ بولدى، ئۆزۈڭمۇ چىقىپ كېتەلەيسەن. ئەگەر دەپ قويىدىغان بولساڭ ئۇلار مېنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋېتىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭدىن بۇرۇن مەن سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن.
        ئاكسيونوۋ ئاچچىقىدىن تىترەپ كەتتى ۋە رەقىبىگە غەزەپ بىلەن قاراپ قويدى. ئۇ قولىنى سىلكىپ تارتىۋېلىپ:
        ـ مەن قېچىپ كېتىشنى خالىمايمەن. سېنىڭمۇ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق. سەن مېنى بۇرۇنلا ئۆلتۈرۈپ بولغان. بۇ ئىشىڭغا كەلسەك، مېنىڭ ئېيتىش ـ ئېيتماسلىقىم خۇدانىڭ ھۆكمىگە باغلىق، ـ دېدى.
        ئەتىسى جىنايەتچىلەرنى ئەمگەككە ئېلىپ ماڭغاندا ساقچى بىر جىنايەتچىنىڭ ئۆتۈكىدىن توپا تۆككەنلىكىنى سېزىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن تۈرمە ئاختۇرۇپ، تۆشۈك تېپىۋېلىندى. تۈرمە باشلىقى بارلىق جىنايەتچىلەردىن تۆشۈكنى كىمنىڭ كولىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرگەن بولسىمۇ، ئۇلار بۇ ئىشنى بىلمەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتىشتى، چۈنكى، ئۇلار ماكارنى دەپ قويسا، ئۇنىڭ ئۆلگۈچە تاياق يەيدىغانلىقىنى بىلىشەتتى. ئاخىرى تۈرمە باشلىقى ئاكسيونوۋنىڭ راستچىل ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، ئۇنىڭغا:
        ـ بوۋاي، سەن دۇرۇس ئادەم، خۇدا ھەققىدە تۆشۈكنى كىمنىڭ كولىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگىن، ـ دېدى. ماكار بۇ ئىشنىڭ ئۆزى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقتەك، تۈرمە باشلىقىغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى. ئاكسيونوۋغا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدىمۇ قاراپ قويمايتتى. ئاكسيونوۋ خېلى بىر چاغقىچە جىمىپ كەتتى. «مەن نېمىشقا مېنىڭ ھاياتىمنى نابۇت قىلغان ئادەمنى قوغداپ قالىمەن؟ ئۇ مەن تارتقان جاپا ـ مۇشەققەتلەرگە بەدەل تۆلىشى كېرەك. ئەمما، ئۇنى ئېيتىپ قويسام، ئۇلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى قاتىل دەپ خاتا گۇمان قىلىپ قالغان بولسام، ئۇ چاغدا قانداق بولىدۇ؟» دېگەنلەرنى ئويلىدى.
        ـ ھەقېرى، ـ دېدى تۈرمە باشلىقى، ـ راستىنى ئېيتقىن، تامنىڭ ئاستىنى زادى كىم كولىدى؟
       ئاكسيونوۋ ماكارغا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويۇپ:
       ـ ئېيتىپ بېرەلمەيمەن، جانابلىرى. تەڭرىمۇ ئېيتىپ بېرىشىمنى راۋا كۆرمەيدۇ. مېنى نېمە قىلغۇلىرى كەلسە. مەن ئۆزلىرىنىڭ ئالقىنىدىكى ئادەم، ـ دېدى.
       تۈرمە باشلىقى خېلى كۈچەپ باققان بولسىمۇ، ئاكسيونوۋ دەپ بەرمىدى. بۇ ئىش شۇنىڭ بىلەن بولدى قىلىندى. شۇ كېچىسى ئاكسيونوۋنىڭ كۆزى ئەمدى ئۇيقۇغا بېرىشىغا، بىر ئادەم ئاستا كېلىپ ئۇنىڭ كارىۋىتىدا ئولتۇردى. قاراڭغۇدا ئۇ ئۇنىڭ ماكار ئىكەنلىكىنى تەستە ئىلغا قىلالىدى.
       ـ سەن مېنى يەنە نېمە قىلماقچى؟ ـ دېدى ئاكسيونوۋ، ـ بۇ يەرگە نېمىدەپ كەلدىڭ؟
        ماكار گەپ قىلمىدى. ئاكسيونوۋ ئورنىدىن تۇرۇپ:
        ـ نېمە قىلماقچىسەن؟ يوقال، بولمىسا كۆزەتچىنى چاقىرىمەن! ـ دېدى.
    ماكار ئاكسيونوۋنىڭ ئاغزىنى ئېتىۋېلىپ:
        ـ ئاكسيونوۋ، مېنى كەچۈرگىن! ـ دەپ پىچىرلىدى.
       ـ نېمە ئىشقا؟ ـ سورىدى ئاكسيونوۋ،
       ـ ھېلىقى سودىگەرنى ئۆلتۈرۈپ، پىچاقنى سېنىڭ نەرسىلىرىڭنىڭ ئارىسىغا مەن يوشۇرۇپ قويغان، ئەسلىدە، سېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىدىم. سىرتتىن ۋاراڭ ـ چۇرۇڭ كۆتۈرۈلۈپ قالدى. شۇڭا، پىچاقنى سېنىڭ سومكاڭغا تىقىپ قويۇپ دېرىزىدىن سەكرەپ قېچىپ كەتكەن.
        ئاكسيونوۋ جىمىپ كەتتى، ئۇ نېمە دېيىشىنى بىلمەيتتى.
        ماكار يەرگە تىزلىنىپ تۇرۇپ:
       ـ ئاكسيونوۋ، مېنى كەچۈرگىن! خۇدا ھەققىدە مېنى كەچۈرگىن. مەن سودىگەرنى ئۆلتۈرگەنلىكىمنى ئىقرار قىلىپ، سېنى تۈرمىدىن چىقىرىۋېتىمەن، ـ دېدى.
         ـ دېمەككە ئاسان، ـ دېدى ئاكسيونوۋ، ـ لېكىن بۇ يىگىرمە ئالتە يىلدا مەن سېنىڭ كاساپىتىڭدىن ئاز جاپا تارتمىدىم. ئەمدى نەگىمۇ بارىمەن؟... خوتۇنۇم ئۆلدى. باللىرىم مېنى ئۇنتۇپ كەتتى. مېنىڭ بارار يېرىم يوق...
        ماكار ئورنىدىن تۇرماي، بېشىنى يەرگە ئۇرۇپ تۇرۇپ:
       _ ئاكسيونوۋ، مېنى كەچۈرگىن، ـ دەپ يىغلاپ كەتتى، ـ ئۇلار مېنى ھەرقانچە ئۇرۇپ دۇمبالىسىمۇ، ھازىر سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرغاندىكىدەك ئېغىر كەلمەيتتى... سەن ماڭا ئىچ ئاغرىتىپ ھېچنېمە دېمىدىڭ. گەرچە مەن بىر ئەسكى ئادەم بولساممۇ، ئىيسانىڭ ھەققىدە مېنى كەچۈرگىن!
       ئۇنىڭ نالىسىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز ئاكسيونوۋنىڭ كۆزلىرى ياشقا تولدى.
        ـ تەڭرى سېنى كەچۈرىدۇ!ـ دېدى ئۇ، ـ بەلكىم، مەن سەندىنمۇ بەتتەر ئەسكىدۇرمەن.
        ئۇ بۇ سۆزلەر بىلەن كۆڭلى ئارام تاپقاندەك، ئۆيىگە بولغان سېغىنىشلىرىمۇ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندەك بولدى. بۇرۇنقىدەك تۈرمىدىن چىقىشنى خىيال قىلىپمۇ كەتمىدى. پەقەت ئاخىرقى سائەتلىرىنىڭ يېتىپ كېلىشىنىلا ئۈمىد قىلدى.
       ماكار ئاخىر ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنى ئىقرار قىلدى. ئەمما، قويۇپ بېرىش بۇيرۇقى يېتىپ كەلگەندە ئاكسيونوۋ ئۆلۈپ بولغانىدى.

    «دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ1995 يىلى 1 ـ سانىدىن ئېلىندى.»
    (ئىنگلىزچە «ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىنگلىز تىلى» ناملىق كىتابتىن) .

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 10:22:33]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق