ئاقىۋەت (بورگېس- ئارگېنتىنا)

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2009-01-23 13:57:00

ئاقىۋەتخورگى لوئىس بورگېس(ئارگېنتىنا) شىرئەلى مامۇت تەرجىمىسى كارۋاتتا ياتقان رېكاۋالون كۆزلىرىنى قىيا ئېچىپ پىلىكئوتتا توقۇلغان قىڭغىر-قىيسىق تۇرۇسقا قاراپ قويدى. يەنە بىر ئۆيدىن بىردەم-بىرد...

    ئاقىۋەت
    خورگى لوئىس بورگېس(ئارگېنتىنا)
    شىرئەلى مامۇت تەرجىمىسى

        كارۋاتتا ياتقان رېكاۋالون كۆزلىرىنى قىيا ئېچىپ پىلىكئوتتا توقۇلغان قىڭغىر-قىيسىق تۇرۇسقا قاراپ قويدى. يەنە بىر ئۆيدىن بىردەم-بىردەم گىتار ئاۋازى كېلەتتى. بۇ كۈي گوياكى ئىنتايىن ئەبگار بىر سىرلىق قەسىردەك ئىگىز-پەس، تولىمۇ ئۇزۇن ئىدى...
       ئۇ ئاستا-ئاستا رېئاللىققا قايتىپ كەلدى ۋە دائىمى ھادىساتلارنىڭ ھەرگىزمۇ يېڭىلىرى تۈپەيلى يوقىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى چۈشەندى. ئۇ كۆڭلىنى ھىچ يېرىم قىلماستىن كاردىن چىققا كېلەڭسىز بەدىنى بىلەن پۇتىغا ياپقان يۇڭ پالاسقا قاراپ قويدى. قىڭغىې قىيسىق ياغاچلار بىلەن ۋادەكلەنگەن دەرىزىنىڭ سىرتى پايانسىز دالا ۋە گۇگۇم ئىدى. ئۇ بىر ئۇخلاپ ئويغانغان بولسىمۇ تالا تۈز تېخىچە يۇپيۇرۇق تۇراتتى. ئۇ سول قولى بىلەن سىلاپ-سىپاشتۇرۇپ يۈرۈپئاخىرى كارۋىتىنىڭ ئاستىدىن بىر تال مىس قوڭغۇراقنى تاپتى-دە چايقىدى. نېرىقى ئۆيدىن ھېلىقى ئاددا كۈي تېخىچە ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئۇنى بىر نېگىر چېلىۋاتقان ئىدى. ئۇنىڭ بىر كەچقۇرۇنلۇقى بۇ يەرگە كېلىپ بىر نەچچە ناخشا ئېيتقۇسى كېلىپ قالغان ئىدى. بىراق كېلىپلا ياقا يۇرتلۇق بىرەيلەن بىلەن جىرلىشىپ قېلىپ تولىمۇ ئۇزۇن بىر ناخشىنى ئېيتتى ۋە ئۇتتۇرۇپ قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بۇ قاۋاقخانىدىن كەتمەيدىغان بولۇۋالدى. بىرىنى كۈتۈۋاتقاندەك قىلاتتى، ئەمما، گىتتارلا چالاتتىيۇ ناخشىسىنى ئېيتمايتتى. بەلكىم جىرلىشىپ ئۇتتۇرۇپ قويغىنى ئۇنىڭغا ھار كەلگەن بولسا كېرەك. كىشىلەرمۇ بۇ بىئازار كىشىنى ھەر كۈنى كۆرۈپ ئۆگىنىپ قېلىشقانىدى.
        قاۋاقخانا خوجايىنى رېكاۋالون شۇ قېتىمقى جىرلىشىشنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدۇ، ئۇلار جىرلاشقان كۈننىڭ ئەتىسى بىر نەچچە باغلام قوراينى يۆتكەيمەن دەپ ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ئوڭ تەرىپى تۇرۇپلا سېزىمىنى يوقىتىپ گەپتىنمۇ قېلىپ قالدى. ھىكايە قەھرىمانىنىڭ بېشىغا كەلگەن كېلىشمەسلىككە ئېچىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ بەختسىزلىكىدىنمۇ كۆڭلىمىز ئىختىيارسىز يېرىم بولىدۇ. ئەمما راكاۋالون ئۇنداق ئەمەس ئىدى. ئۇ ئولتۇرۇم بولۇپ قالغانلىقىغا ئىلگىرى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئېغىر كۈنلەر ۋە غېرىپلىقلارغا قانداق چىدىغان بولسد شۇنداق چىدىدى. ھازىر ئۇ ھايۋاندىن بەتەر بۇ تۇرمۇشقا شۇنداق كۆنۈپ كەتتى.
    ئۇ ئاسمانغا قاراۋېتىپ «ئاي قوتانلاپ قاپتۇ، يامغۇر ياغامدۇ نىمە دەپ ئويلىدى كۆڭلىدە. ئىندىئان سىياق بىر بالا (ئوغلىمىكىن) ئىشىكنى قىيا ئاچتى، رېكاۋالون ئۇنىڭغا قاۋاقخانىغا بىرى كەلگەن ئوخشىمامدۇ، دىگەن مەنىدە قارىۋىدى، جىمغۇر بالا ئۇنىڭغا ياق دىگەن مەنىدە قول ئىشارىسى قىلدى. ھېلىقى نېگىر مېھمان ھىساپلانمايتتى. روھسىز خوجايىن جايىدا قىمىرلىماستىن ، سول قولىدىكى مىس قوڭغۇراقنى بىر دەم جىرىڭلاتتى. ئۇ گويا بىر خىل مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. كەچكى شەپەقنىڭ شولىسىدا دالا خۇددىچۈشكە ئوخشاش سىرلىق تۈسكە كىرگەن ئىدى يىراق-يىراقلاردا -ئۇپۇقتا بى تال چېكىت تەۋرەنمەكتە ئىدى، ئۇ بارا بارا يېقىنلاپ كېلىپ بىر چەۋەندازغا ئايلاندى. ئۇ قاۋاقخانىغا، ياق ئۇدۇل قاۋاقخانا تامان چېپىپ كېلىۋاتاتتى. رېكاۋالون ئۇنىڭ شىلەپىسى، قارا يەلمىكى ۋە ئاق چاپاق قاراگىر ئېتىنى كۆردى.بىراق چىرايىنى ئىلغا قىلالمىدى. ئۇياق ئېتىنىڭ تىزگىنىنى سېرىپرەك يورغىلىتىپ كېلىۋاتاتى. ئۇ قاۋاقخانىغا ئىككى يۈز بار قالغاندا ئېتىنىڭ بېشىنى بۇرىۋىدى، رېكاۋالون ئۇنى كۆرەلمىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى-ئاتتىن چۈشكىنى ، ئاتنى شادىغا باغلىغىنى، گۇس-گۇس دەسسەپ قاۋاقخانىغا كىرىپ كەلگەنلىرىنى تۇيۇپ تۇردى. نېگىر بىر نەرسە ئىزدەۋاتقاندەك گىتارغا سىنچىلاپ قاراپ ئولتۇراتتى.
    ئۇ بېشىنىمۇ كۆتۈرمەستىن مۇلايىمغىنا :
    ـ زادى كېلىدىغىنىڭىزنى بىلەتتىم، جاناپ،ـ دېدى.
    قارشى تەرەپ توڭ تەگدى:
    ـسەنمۇ گېپىڭدە تۇرۇپسەن زەڭگى. شۇنچە كۈن ساقلىتىۋەتكەن بولساممۇ كەلدىم مانا. ئارىنى بىردەملىك سۈكۈت قاپلىدى، ئاخىرىدا نېگىر ئېغىز ئاچتى:
        ـ كۈتۈۋېرىپ كۆنۈپ كېتىپتىمەن. يەتتە يىل كۈتتۈم دەڭە.
        ئۇ ياق قىلچە تەمتىرىمەستىن چۈشەندۈردى:
       - بالىلىرىمنى كۆرمىگىنىمگە يەتتە يىل بولغان ئىكەن، ئاۋۇ بىر كۈنى ئۇلارنى ئۇچرىتىپ قالدىم. بىراق خەقنىڭ مەندەك بىر پىچاقۋاز  قاتىلنى كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمىدىم.
       ـ ئۇلارغا مەن قاراۋاتىمەنغۇ مانا،ـ دېدى نېگىر،ـ ئۇلارنى خاتىرجەم ياشىغىلى قويسىڭىزكەن. پەشتاختىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ياقا يۇرتلۇق رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈپ قويدى. بىر رومكا ھاراق كەلتۈرگۈزۈپ ھەممىنى ئىچىۋەتمەستىن بىر نەچچە يۇتۇم ئوتلاپ قويدى.
    ـ ئۇلارغا ئوبدان نەسىھەت قىلىپ قويدۇم ،ـ دېدى ئۇ ،ـ ئۇلار ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ. بەدەلمۇ كەتمەيدۇ. بۇنىڭدىن سىرت مەن يەنە ئۇلارغا :«ئەر ئەرنىڭ قېنىنى تۆكمەس» دەپ قويدۇم.
    نېگىر گىتارنى يېنىك تىرىڭلىتىپ تۇرۇپ :
        ـ ياخشى قىپسىز، ئۇلار بىزنى تارتىپ قالمىسۇن-دە،ـ دېدى.
       ھىچبولمىغاندا مېنى تارتىپ قالمىسۇن،ـ دېدى ياقايۇرتلۇق، ئاندىن ئۆز-ئۆزىگە گەپ قىلغاندەك قوشۇپ قويدى.،ـ قاتىل بولۇپ قېلىشىمنى پىشانەمدىن كۆرىمەن. تەقدىر-ئەزەل ھازىر يەنە قولۇمغا پىچاق تۇتقۇزدى.
        نېگىر قۇلاق سالمايۋاتقاندەك:
        ـ كۈزەك كىرگەنسېرى كۈن بارغانسېرى قىسقىراپ كېتىۋاتىدۇ،ـ دېدى.
        ـ تالا يۇپيۇرۇق تۇرمامدۇ،ـ دېدى قارشى تەرەپ ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ  نېگىرنىڭ ئالدىغا كېلىپ تاقىتى تاق بولغان ھالدا:
       _ گىتىرىڭنى قوي بۈگۈن سەن بىلەن باشقىچە بىر جىرلاشماقچىمەن،ـ دېدى.
        ئىككىيلەن ئىشىككە مېڭىشتى. ئىشىكتىن چىقا-چىقماستىنلا نېگىر:
       _ ئۆتكەنكىدەك يېڭىلىپ قالارمەنمىكىن،ـ دېدى كۇسۇرلاپ .
       قارشى تەرەپ ئەستايىدىلغىنا:
       ـ ئۆتكەن سەپەر سەن يېڭىلمىدىڭ، ئىككىنچى قېتىم بەسلەشكۈڭ بولغاچقا شۇنداق بولغان ، ـ دېدى.
        ئۇلار بىللە مېڭىپ قاۋاقخانىدىن يىراق بولمىغان بىر يەرگە كېلىپ توختاشتى. دالىدا يىراق يېقىننىڭ پەرقى يوق ئىدى، ئاي ئوخشاشلا يۇپيۇرۇق ئىدى.ئىككىيلەن تۇرۇپلا بىر-بىرىگە قاراپ تۇرۇپ كېتىشتى. ياقا-يۇرتلۇق تېپىنىكىنى شارتتىدە چىقىرىۋالدى. ئۇلار يەكمەكلىرىنى جەينىكىگە چۈشۈرۈپ قويغاندىن كېيىن، نېگىر:
        ـ تۇتۇشۇشتىن ئاۋال سەندىن بىر نەرسىنى ئۆتۈنىمەن. يەنى بۇ نۆۋەتمۇ سەن خۇددى يەتتە يىل ئاۋال ئاكامنى ئۆلتۈرىۋەتكەن چېغىڭدىكىدەك پۈتۈن-كۈچ قۇۋۋەت ۋە ماھارىتىڭنى چىقار.
        فىئېرلو پاراڭلىشىۋاتقاندا قىساسكارانە سۆزلەرنى تۇنجى قېتىم ئاڭلاۋاتقاچقىمۇ قاينىغان قانلىرى ئۇنىڭغا تېپىنەكتەك سانجىلىشقا باشلىدى. ئېلىشىش باشلاندى. ئۆتكۈر پولات تېپىنەك يالتتىدە قىلىپ نېگىرنىڭ يۈزىنى تىلىۋەتتى.
       گۇگۇمدىكى بىر سائەتلىك ئېلىشىشتا دالا بىر نەرسە دىمەكچىدەك ئاغزىنى ئۆمەللەيتتى: ئۇ ئەزەلدىن سۆزلىمەيدۇ، سۆزلىدىمۇ گېپى تۈگىمەيدۇ. بىز ئۇنىڭ تىلىنى چۈشەنمەيمىز. چۈشەنگەن تەقدىردىمۇ مۇزىكا تىلى بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىپ قالىمىز...
        قاۋاقخانا خوجايىنى رېكاۋالون كارۋىتىدا يېتىپ ئاقىۋەتنى كۆردى. نېگىر بىر قېتىمدا چېكىنىپ -چېكىنىپ كېلىپ بىرلا سىلجىدى-دە، تىغنى ئۇنىڭ يۈزىگە ئۇزاتقاندەك قىلىپلا  قورسىقىغا نەقلەپ تۈۋىگىچە ئۇرىۋەتتى. قارشى تەرەپ يىقىلدى ۋە يەنە بىر تىغ يېدى.
        خوجايىن ئېنىق كۆرەلمەي قالدى. فىئېرلو قوپالمىدى. نېگىر ئۇنىڭ ئازاپ بىلەن جان تالىشىۋاتقانلىقىنى كۈزىتىۋاتقاندەك قىمىر قىلماي تۇراتتى. ئاندىن ئۇ قىپقىزىل قانغا بويالغان خەنجىرىنى چۆپكە سۈرتىۋېتىپ ئارقىغىمۇ قاراپ قويماستىن قەدەملىرىنى ئېغىر ئېلىپ قاۋاقخانا تەرەپكە ماڭدى. ئۇ ھەقىقەتنىڭ ئەمرىنى ئادا قىلغان ئىدى. ئۇ ھازىر ھىچكىمگە ئوخشىمايدىغان بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
        توغرىراقى ئۇ بۆلەكچە بىر ئادەمگە ـ تەلىيى كاج كېلىپ بىر قاتىلغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 23:57:21]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.