ئىككى راھىب

يوللىغۇچى : koz يوللىغان ۋاقىت : 2009-03-22 21:47:00

ئىككى راھىب ئۆز ئارا خوشنا ئىككى تاغنىڭ چوقىسىدىكى ئىككى بۇتخانىدا بىردىن راھىب ياشايدىكەن،ئىككى تاغدىن چۇشىدىغان چېغىر يول ئۆز ئارا تۇتىشىدىكەن،بۇ ئىككى راھىب ھەر كۈنى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ت...

         ئىككى راھىب

      ئۆز ئارا خوشنا ئىككى تاغنىڭ چوقىسىدىكى ئىككى بۇتخانىدا بىردىن راھىب ياشايدىكەن،ئىككى تاغدىن چۇشىدىغان چېغىر يول ئۆز ئارا تۇتىشىدىكەن،بۇ ئىككى راھىب ھەر كۈنى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا تاغدىن چۈشۈپ سۇ توشىدىكەن، كۈنلەر ئۇزارغانسىرى بۇ ئىككى راھىب ئۆز ئارا تونۇشۇپ دوسىت بولۇپ قاپتۇ. كۈنلەر بىر خىل يۇسۇندا ئۆتۈپ كېتىۋىرىپتۇ،بىلىپ-بىلمەي ئارىدىن بەش ئەتىياز بەش كۈز ئۆتۈپ كىتىپتۇ. بىر كۈنى تۇيۇقسىز سول تەرەپتىكى تاغدا تۇرىدىغان راھىب سۇ توشۇشقا چۇشمەپتۇ، ئوڭ تەرەپتىكى تاغدا ياشايدىغان راھىب :بەلكىم ئۇ ئۇخلاپ قالغان ئوخشايدۇ -دەپ ئويلاپتۇ. ئككىنجى كۈنىمۇ سول تەرەپتىككى راھىب سۇ توشۇشقا تاغدىن چۈشمەپتۇ، ئۈچىنچى كۈنىمۇ ئوخشاش ،بىر ھەپتە ئۆتۈپتۇ يەنىلا ئوخشاش، مۇشۇ تەرىقىدە بىر ئاي ئۆتۈپتۇ... ئوڭ تەرەپتىكى تاغدا تۇرىدىغان راھىب ئاخىر تاقەت قىلالماپتۇ-دە ئۇ بەلكىم ئاغىرىب قالغاندۇ دەپ ئويلاپ ، ئۇنى يوقلاش ئۈچۈن سول تەرەپتىكى تاققا قاراپ يول ئاپتۇ. ئۇ تاغ چوقىسىدىكى بۇتخانىغا كەلگەندە قاتتىق ھەيران قاپتۇ،چۈنكى ئۇنىڭ بۇ دوستى بۇتخانىدا تەيجى گۇمپىسى مەشىق قىلۋاتقاننىكەن،ئۇنىڭ بۇ قىياپىتى بىر ئاي سۇ ئىچمىگەن كىشىگە ھىچ ئوخشىمايدىكەن، ئۇ دوستىنىڭ يىنىغا بىرىپ ھەيرانلىق بىلەن » ساڭا تاغدىن چۈشۈپ سۇ توشۇمىغىلى بىر ئاي بولۇپ قالدى،ئەجىبا سەن سۇ ئىچمىسەڭمۇ بولىدىغان بولدىمۇ؟»دەپ سوراپتۇ. ئۇنىڭ دوستى ئۇنىڭغا «كەل ، كەل مەن ساڭا كۆرسىتەي» دەپ ئۇنى ئارقا ھويلىغا باشلاپ بىر قۇدۇقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ :«بۇ بەش يىلدىن بۇيان مەن ھەر كۈنى دۇۋا-تىلاۋەت،مەشىقنى تۈگۈتۈپ بولۇپ ، ئازىراق ۋاقىت ئاجرىتىپ مۇشۇ قۇدۇقنى قازدىم، گەرچە ھازىر بىز ياش ھەم كۈچلۈك،ئۆزىمىز تاغدىن چۈشۈپ سۇ توشۇپ ئىچەلگىنىمىز بىلەن ،ۋاقىت ئۇزارغانسىرى بىز قىرىپ ماڭالمىغىدەك بولۇپ قالغان ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ سۇ توشۇپ بىرىشىنى كۈتۈپ ياتامدۇق؟ شۇڭا مەن بەزىدە بەك ئادىراش بولۇپ كەتكەن ۋاقىتتىمۇ ،قۇدۇق قىزىش پىلانىمنى توختىتىپ قويمىدىم، قانچىلىك قازالىسام شۈنچىلىك قازدىم. بۈگۈنگە كەلگەندە،ئاخىرى قىزىپ سۇ چىقاردىم،شۇنىڭ بىلەن تاغدىن چۈشىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى،مەن تىخىمۇ كۆپ ۋاقتىمنى ،مەن ياخشى كۆرىدىغان تەيجى گۇمپىسىنى مەشىق قىلىشقا چىقىرالايدىغان بولدۇم.»-دەپتۇ.
          بىزنىڭ خىزمەت دائىرىمىزدە ، مۇئاشىمىز دەل ئاشۇ تاغدىن سۇ توشۇغانغا ئوخشايدۇ، بىز دائىم ئىشتىن چۈشكەندە ۋاقىتنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىلمەي كۆپ قىسىم ۋاقىتنى ئىسىراپ قىلىۋىتىمىز، ئەمەلىيەتتە بىز كەلگۈسىدىكى ئېھتىياجىمىز ئۈچۈن زاپاس خىزمەت ئىقتىدارى ھازىرلاشقا ھەرگىز سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك. بىر قۇدۇق قازسىڭىز ئۇ ئۆزىڭىزگە تەۋە،ئۆزىڭىزنىڭ يەنە باشقا قابىلىيەتلىرىڭىزنىمۇ كۆپىرەك ئىشقا سىلىپ تۇرۇڭ،كەلگۈسىڭىزدە بىر يول كۆپ بولىدۇ .مۇشۇنداق قارىغاندا كەلگۈسىدە بىز قىرىغاندا ،پۇت قولىمىزدا ماغدۇر قالمىغاندىمۇ بىز يەنە ئاۋالقىدەكلا سۇ ئىچىمىز ،بەلكى ئىلگىركىدىنمۇ تەشنالىق بىلەن ئىچىمىز ،ھەم ئۆلگىچە سۇ ئىچىشتىن توختىمايمىز. بىر ئىتىزنى كۆپ تىرىسىڭىز ،ئۆزىڭىزگە بىر يولنى كۆپ قالدۇرغان بولىسىز. بەلكىم سىز مەنمۇ ئىگېلىك تىكلەشنى بىلىمەن ، ئەمما بىرىنچىدىن مەبلەخ يوق، ئككىنچىدىن تېخنىكا يوق، مەن قانداقمۇ مىنىڭ ئۇ بىر قۇدۇقىمنى قازالايمەن دىيىشىڭىز مومكىن. ئامېرىكىلىقلاردا مۇنداق بىر جۈملە بار :«سىز مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنى ئويلىغان ۋاقىتتا ، پۈتكۈل دۇنىيا سىزگە يول بوشىتىدۇ».

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق