دانىشمەن-جىبران (لىۋان)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-02-12 20:33:29

دانىشمەنجىبران خېلىل جىبران (لىۋان)پولات ئامانيار تەرجىمىسى ياش ۋاقتىمدا، بىر دانىشمەننى زىيارەت قىلغانىدىم، ئۇ تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى خىلۋەت بىر ئورمانلىقتا تۇراتتى. بىز نېمىنىڭ گۈزەل ئەخلاق ...

    دانىشمەن
    جىبران خېلىل جىبران (لىۋان)
    پولات ئامانيار تەرجىمىسى

       ياش ۋاقتىمدا، بىر دانىشمەننى زىيارەت قىلغانىدىم، ئۇ تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى خىلۋەت بىر ئورمانلىقتا تۇراتتى. بىز نېمىنىڭ گۈزەل ئەخلاق ئىكەنلىكى توغۇرۇلۇق قىزغىن پاراڭلىشىۋاتقاندا،  بىر باندىت ئاقساقلىغىنىچە تاغقا يامىشىپ چىقىپ كەلدى. ئۇ ئالدىمىزغا كېلىپ دانىشمەننىڭ ئالدىغا تىزلاندى ـ دە:
       ـ ئى، دانىشمەن، مېنىڭ گۇناھلىرىم بەك ئېغىر، مېنى گۇناھلىرىمدىن مەغپرەت قىلغايسەن، ـ دەپ يالۋۇرغىلى تۇردى.
       ـ مېنىڭ گۇناھلىرىممۇ ئوخشاشلا ئېغىر، ـ دېدى دانىشمەن.
       ـ لېكىن مەن قاراقچى.
       ـ مەنمۇ شۇنداق.
       ـ مەن ئۇچىغا چىققان قاتىل، ـ دېدى باندىت، ـ سانسىزلىغان بىگۇناھلارنىڭ قانلىرى قۇلىقىم تۈۋىدە ئېچىنىشلىق نال قىلماقتا.
       ـ مېنىڭ قۇلىقىم تۈۋىدە مىڭلىغان ئادەملەرنىڭ ئىسسىق قېنى نالە قىلماقتا، چۈنكى مەنمۇ بىر قاتىل، ـ دېدى دانىشمەنمۇ.
       ـ مەن ھەددى ـ ھېسابسىز جىنايەت ئۆتكۈزدۈم.
       ـ مېنىڭ ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىمنىڭمۇ چېكى يوق.
       باندىت ئورنىدىن دەس تۇرۇپ دانىشمەنگە تىكىلگىنىچە تۇرۇپلا قالدى. ئۇنىڭ چىرايى غەلىتە بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇ ئىتتىك ئارقىسىغا بۇرۇلدى ـ دە، ئاقساقلىغىنچە تاغدىن چۈشۈپ كەتتى.
       ـ سىز نىمىشقا ئۆزاىڭىزگە بولمىغۇر بەتناملارنى چاپلايسىز. ئۇ ئادەمنىڭ سىزگە بولغان ئىشەنچىنى پۈتۈنلەي يوقاتقانلىقىنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟ ـ مەن ھەيرانلىق ئىچىدە دانىشمەندىن سورىدىم.
       ـ راست دەيسىز، ئۇ ماڭا بولغان ئىشەنچىنى پۈتۈنلەي يوقاتتى، ـ دېدى دانىشمەن، ـ ئەمما ئۇ كېتەر چېغىدا يەلكىسىدىكى ئېغىر يۈكتىن خالاس بولدى.
       دەل شۇ چاغدا، بىز  يىراقتىن ھېلىقى باندىتنىڭ ياڭراق ناخشا ئاۋازىنى ئاڭلىدۇق. ناخشا ساداسى  بۇ خىلۋەت جىلغىنى شادلىققا چۆمدۈرمەكتە ئىدى.
      
                (خەنزۇچە «مىكرو ھېكايىلەردىن تاللانما» ژۇرنىلىنىڭ 1989 - يىل 6 - سانىدىن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.