پويىزدىكى ئېلىشىش(ئىليا بوتمان)

يوللىغۇچى : akpar يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-06 18:23:00

پويىزدىكى ئېلىشىش ئىليا بوتمان (روسىيە) پەتتارجان مۇھەممەت ئەرقۇت تەرجىمىسى. ئىككى ئەر غەمكىن ھالدا دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ تۇراتتى. يامغۇر يېغىۋاتقان بولغاچقا سىرت غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇلارنى...

    پويىزدىكى ئېلىشىش

      ئىليا بوتمان (روسىيە)

     پەتتارجان مۇھەممەت ئەرقۇت تەرجىمىسى.

       ئىككى ئەر غەمكىن ھالدا دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ تۇراتتى. يامغۇر يېغىۋاتقان بولغاچقا سىرت غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ يىنىدىكى بوۋاي قىزىقىش ئىلكىدە ئەتراپقا سەپسىلىپ قارايتتى.
       -مەن خوتۇنۇمدىن ئايرىلىپ چىقىپ كەتتىم،-دېدى سىمىز ئەر مەقسەتسىزلا.
        -خوتۇنۇم مېنى تاشلاپ كېتىپ قالدى،-دېدى يىنىدا ئولتۇرغىنى سۆز ئىلىپ.
       -مەن تېخى يېڭىلا ئۆيلەندىم،-دېدى بوۋاي خىجىل بۇلۇپراق. ئۈچەيلەن جىمىپ كېتىشتى.
        -مەن نەچچە كۈننىڭ ئالددىدا مىڭ دوللار پۇلۇمنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم،-دېدى سىمىز ئەر.
        -مەن يېڭىلا بەش مىڭ دوللىرىمنى چۈشۈرۈپ قۇيۇپتىمەن،-دېدى يېندىكىسى. 
       - مەن يېڭىلا بىر موتسىكىلىت ئۇتۇۋالدىم،-دېدى بوۋاي. سېمىز خاپا بۇلۇپ،بوۋايغا قاراپ يۆتىلىپ قويدى.
        -مىنىڭ كاناي ياللۇغى كىسىلىم بار،-دېدى سىمىز ئەر.
       -مىنىڭ ئاشقازان ياللۇغى كىسىلىم بار،دېدى يېنىدىكىسى- يەنە كېلىپ ئاستا خاراكتېرلىك.
        -مەن ئۆمرۈمدە ھىچقانداق ئاغرىق-سىلاق بۇلۇپ باقمىدىم،-دېدى بوۋاي. ئۈچەيلەننىڭ كۆزىدىن ئۇيقۇ قاچقان ئىدى.
        -مېنىڭ ئوغلۇم دائىم ئىككى نۇمۇر ئالىدۇ،-دېدى سىمىز ئەر يەنە سۆز باشلاپ.
        -مېنىڭ ئوغلۇم تېخى تۈنۈگۈنلا بىر نۇمۇر ئاپتۇ،-دېدى يېندىكىسى بېشىنى چايقاپ.
       -مېنىڭ نەۋرەم دائىم بەش نۇمۇر ئالىدۇ،- دېدى بوۋاي تەۋەززۇ بىلەن. سېمىز ئورنىدىن تۇرۇپ، كالىدەك بەستلىك تېنىنى رۇسلاپ، پوپوزا قىلغان تەلەپپۇزدا دېدى:
       -تۈنۈگۈن بىر ئاياق سېتىۋالغان ئىدىم، بۈگۈن بىر پاشىنسى چۈشۇپ قالدى.
        -تۈنۈگۈن مەنمۇ بىر ئاياق سىتىۋالغان ئىدىم،-دېدى يېنىدىكىسى تۇيۇقسىز بىر ئىش ئىسىگە كەلگەندەك،-باياتىن تىراللىبۇستا ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
        بوۋاي پۇتىدىكى كونا ئايىقىغا مەغرۇۇر قاراپ قۇيۇپ دېدى:
       -بۇ ئاياقنى كىيىۋاتقىلى 15يىل بولدى. بولدى،خەيىر-خوش، مەن چۈشۈپ قالىمەن، توندېروۋ ۋوگزالىغا كەلدۇق.
       -توندىروۋ ۋوگزالى؟!-دېدى سېمىز بېشىنى چاڭگاللاپ،-ئاپلا مەن بىر بېكەت ئۆتۇپ كىتىپتىمەن ئەمەسمۇ،
    -مەن ئىككى بېكەت ئۆتۈپ كېتىپتىمەن،-دېدى يېنىدىكىسى ئېغىر خۇرسىنىپ قۇيۇپ.

     -----«ياشلار ئۈچۈن پايدىلىنىش» گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىنىغان «تۇرپان» ژورنىلى

     2009-يىللىق1-سانىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق