ساھىپجامالنىڭ ياتىقى(مارسېل. ئەيمىي)

يوللىغۇچى : rastqil يوللىغان ۋاقىت : 2008-04-04 13:01:00

ساھىپجامالنىڭ ياتىقى مارسېل ئەيمىي مارسېل ئەيمىيمارسېل. ئەيمىي(1967- 1902)، فىرانسىيىنىڭ 20-ئەسىردىكى «قىسقا ھېكايە پىرى» دەپ نام ئالغان داڭلىق يازغۇچىسى. بۇ ئەسەردە رىئاللىق بىلەن بىمەنە يۇمۇر...

     

    ساھىپجامالنىڭ ياتىقى

    مارسېل ئەيمىي

     

     

    مارسېل ئەيمىيمارسېل. ئەيمىي(1967- 1902)،  فىرانسىيىنىڭ 20-ئەسىردىكى «قىسقا ھېكايە پىرى» دەپ نام ئالغان داڭلىق يازغۇچىسى. بۇ ئەسەردە رىئاللىق بىلەن بىمەنە يۇمۇر يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، ساختىلىقتىن چىنلىقنى، توقۇلمىدىن رىئاللىقنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئەسەردە ۋەقەلىك، ھېسسىيات ھەم چوڭقۇر رېئال ئەھمىيەت بار. بۇ ئەيمىينىڭ كۈچ سەرپ قىلىپ يازغان ئەسەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

     

     

    جون شىركەتنىڭ ئاددىي بىر خىزمەتچىسى، بويتاقلار بىناسىنىڭ تۆتىنچى قەۋىتىدىكى بىر ئۆيدە ئولتۇرىدۇ. ئۆچكە ساقال، قارا گەردىشلىك كۆزەينەك تاقايدىغان ئادەم. ئۇ ئوتتۇز ياشقا كىرگەن يىلى ئۆزىدە تامدىن يۇقماي ئۆتەلەيدىغان ئىقتىدار بارلىقىنى بايقىدى. شۇ كۈنى كەچتە، ئىشتىن چۈشۈپ ئەمدىلا ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە تۇيۇقسىز كارىدورنىڭ چىرىقى ئۆچۈپ قالدى، قاراڭغۇلۇقتا ئىشىكنى سىلاپ ئاچماقچى بولۇپ تۇرغىنىدا تۇيۇقسىز توك كەلدى، قارىسا ئۆزى ئۆينىڭ ئىچىدە تۇرغان، ئىشىكمۇ قۇلۇپلاقلىق پېتى تۇرغان، ئۇ بۇنىڭدىن خاۋاتىرسىزلىنىپ ئەتىسى دوختۇرغا كۆرۈندى. دوختۇر ئۇنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ «بۇرمىسىمان قاتتىقلىشىش كېسىلى» دەپ دىئاگنوز قويدى ھەمدە ئۇزاق ئۈنۈملۈك دورىدىن بىر قۇتا بېرىپ يىلدا ئىككى تال ئىچىشكە بۇيرىدى. جون ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن دورىدىن بىر تالنى ئىچىپ يەنە بىر تالنى تارتمىغا تاشلاپ بۇ ئىشنى تېزلا ئۇنتىدى. بىر يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ تامدىن يۇقماي ئۆتۈپ كېتىدىغان ئىقتىدارى ئەسلىگە كەلدى، بىراق تاسادىپى بولۇپ قالمىسا ئۇ بۇ ئىقتىدارىنى ئىشلەتمەيتتى، چۈنكى ئۇ خەتەردىن نېرى قاچىدىغان، قانۇننىڭ سىزىقىدىن چىقماي ياشايدىغان يۇۋاش ئادەم ئىدى، ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتقاندا ئاچقۇچ بىلەن ئىشىكنى ئېچىپ كىرەتتى، تامدىن يۇقماي ئۆتۈشنى بولسا ئويلاپمۇ قويمايتتى. ئەگەر ئەشۇ قېتىم بېشىغا كۈن چۈشمىگەن بولسا ئۇ مەڭگۈ مۇشۇ پېتى ئۆتۈپ كەتكەن بولار ئىدى.

     

    شۇ چاغدا شېركەتتە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىپ دېرېكتور جوننىڭ مۇتەئەسسىپلىكىنى ياقتۇرماي، ئۇنى ئىسلاھاتقا پۇتلىكاشاڭ بولمىسۇن دەپ دېرېكتور ئىشخانىسىنىڭ يېنىدىكى ئەسكى-تۈسكى نەرسىلەرنى قويىدىغان بىر كىچىك ئامبارغا يۆتكىۋەتكەن ئىدى. ئامبارنىڭ ئىشىكى تولىمۇ پاكار ھەم تار بولۇپ، بۇنىڭدىن جون تولىمۇ ھار ئالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككى ئىشخانىنىڭ ئارىلىقىدىكى تامنىڭ قېتىغا ئەرۋاھتەك كىرىپ بېشىنى تامدىن چىقاردى، بۇ چاغدا دېرېكتور تازا قېتىرقىنىپ ھۆججەت كۆرۈۋاتقان بولۇپ، توساتتىن بىرسىنىڭ يۆتىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا جوننىڭ بېشى تامدىن چىقىپ تۇرغان، كۆزلىرى بولسا ئۆچمەنلىك بىلەن قادىلىپ تۇرغان. تېخى ئۇ ئاز كەلگەندەك ئۇ باش زۇۋان سۈرۈپ دېرېكتورنى راسا تىللىدى:

    ـ ھۇ لۈكچەك، خۇمپەر، نومۇسسىز!

    دېرېكتور قورققىنىدىن ئەرۋاھى ئۇچۇپ قوشنا ئىشخانىغا يۈگۈرۈپ كىرسە، جون بۇرۇنقىدەكلا باش چۆكۈرۈپ ئىشلەۋاتقان. ئۇ ئۇزاق سەپسېلىپ باشقا ئەھۋالنى بايقىمىغاندىن كېيىن قايتىپ كىرىپ ئەمدىلا ئولتۇرۇپ تۇرىشىغا ھېلىقى باش يەنە بېشىنى تامدىن چىقىرىپ « لۈكچەك، خۇمپەر، نومۇسسىز» دەپ تىللىدى ھەمدە شۇ كۈنى بۇ ئىش 20 قېتىم تەكرارلاندى. كېيىن بۇ ئىش ھەر كۈنى داۋاملاشتى. بىچارە دېرىكتور بۇ ئىش تۈپەيلى ساراڭ بولۇپ بالنىستتا يېتىپ قالدى، يېڭى دېرېكتور ئالماشقاندىن كېيىن جوننى ئىشخانىغا ئالماشتۇرۇپ قويدى. بۇ غەلىبە جوننىڭ ۋۇجۇدىدا توسۇۋالغىلى بولمايدىغان بىر ئىستەكنى ئويغاتتى...

     

    ئۇ تامدىن يۇقماي ئۆتەلەيدىغان ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئىشلىتىپ چوڭراق ئىش قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكتى - دە، ئارقا-ئارقىدىن دېلو سادىر قىلىپ، بانكا، بايلارنىڭ تۇرالغۇسى، ئۈنچە- مەرۋايىت دۇكانلىرىنى قۇرۇغدىدى... ھەر قېتىم دېلو سادىر قىلىپ بولغاندىن كېيىن نەق مەيدانغا «خاخا قىلدى» دەپ يېزىپ قوياتتى. ھەپتىدىن كېيىن «خاخا» دېگەن ئىسىمنىڭ داڭقى پۇر كەتتى. ساقچىلار دېلونى پاش قىلالمىدى، ئۇ ھەر كۈنى ئىشقا ۋاقتىدا بېرىپ-كېتىپ تۇردى. ھەر كۈنى ئەتىگەندە، ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى «خاخا»نىڭ سىرلىق دېلولىرى ھەققىدە ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ئۇنى ئاجايىپ قالتىس، خاسىيەتلىك ئادەم! دەپ ماختايتتى.

     

    جون بۇنىڭدىن تولىمۇ خوش بولاتتى. بىر كۈنى ئۇ چىداپ بولالماي «خاخا»نىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى خىزمەتداشلىرىغا جاكارلىدى. لېكىن خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭغا ئىشىنىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە قاتتىق مازاق قىلدى. جون ئۆزىنىڭ «خاخا» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كېيىنكى قېتىم دېلو سادىر قىلغاندا قەستەن ساقچىلارغا تۇتۇلۇپ بېرىپ تۈرمىگە كىردى. ئەتىسى پۈتۈن گېزىتلەر جوننىڭ سۈرىتىنى باش بەتكە چىقاردى، خىزمەتداشلىرى قاتتىق ھەيران قېلىپ مۇشۇنداق ئالاھىدە ئىقتىدارلىق كىشى بىلەن خىزمەتداش بولۇپ تۇرۇقلۇق ئۇنى بىلمەي يۈرگەنلىكىدىن ئۆكۈندى.

     

    جونچۇ؟ ئەكسىچە، تۈرمىگە كىرگىنىدىن خۇشال بولدى. تۈرمىنىڭ تېمى قېلىن بولغاچقا ئۇ تامدىن يۇقماي ئۆتۈش خۇمارىنى راسا چىقىرىۋالدى. قولغا ئېلىنغان كۈننىڭ ئەتىسى، گۇندىپايلار جوننىڭ ئۆزىگە تۇيدۇرماي تامغا مىخ قېقىپ تۈرمە باشلىقىنىڭ سائىتىنى ئىلىپ قويغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭ كىتاپ ئىشكاۋىدىن ئوغرىلاپ چىققان « ئۈچ قىلىچۋاز» دېگەن كىتاۋىنىڭمۇ تۇرغانلىقىنى بايقىدى. بۇ ئىش تۈرمىدىكى چوڭ- كىچىك ئەمەلدارلارنىڭ چوققىسىدىن تەر چىقىرىۋەتتى!

     

    شۇ كۈنى كەچتە جون قاتتىق نازارەت ئاستىدا تۈرمىدىن يېرىم كېچىدە قېچىپ چىقتى. ئۈچ كۈندىن كېيىن دوستلىرى بىلەن قاۋاقخانىدا ئىچىشىپ، چاقچاقلىشىپ ئولتۇرغان يېرىدىن يەنە قولغا ئېلىندى. يالاپ ئېلىپ بېرىلغان كېيىن بەش يەردىن قۇلۇپلانغان تۈرمىگە سولاندى. كىم بىلسۇن، شۇ كۈنى كەچتە يەنە تامدىن يۇقماي ئۆتۈپ تۈرمە باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ راھەتلىنىپ ئۇخلىدى. ئەتىسى ئەتىگەندە ئويغىنىپ قوڭغۇراقنى بېسىپ ئايال خىزمەتكارغا ناشتىلىق ئەكىلىشنى بۇيرىدى. ئايال خىزمەتكار قورققىنىدىن چىرقىرىدى. بىر نەچچە گۇندىپاي يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇنى كارىۋاتتىن تارتىپ ئېلىپ ماڭغاندا ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسەتمىدى.

     

    تۈرمە باشلىقى بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئۇ سولانغان تۈرمە ئىشىكىگە يەنە بىر قۇلۇپ ئورناتتى. بىراق، چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا جون يەنە ئىنسى- جىنغا تۇيدۇرماي تۈرمىدىن قېچىپ چىقىپ يېقىن ئەتراپتىكى بىر ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يەپ قورسىقى تويغاندىن كېيىن تۈرمە باشلىقىغا تېلېفۇن قىلدى:

    ـ ۋەي، تولىمۇ خىجىلمەن، باياتىن ھەميىنىڭىزنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپتىمەن. خۇجايىن مېنى تۇتۇپ قالدى، خاپا بولماي بىرسىنى ئەۋەتسىڭىز، تاماق پۇلىنى تۆلىۋەتسە بوپتىكەن...

     

    تۈرمە باشلىقى ئاشپۇزۇلغا يۈگۈرۈپ دېگۈدەك بېرىپ ئاچچىقتىن بوغۇلۇپ جوننى راسا تىللىدى. جون بۇنىڭدىن قاتتىق خورلۇق ھىس قىلىپ ئەتىسى تۈرمىدىن يەنە قاچتى ۋە شۇ قاچقانچە قايتا كەلمىدى. بۇ قېتىم ئۇ ئۆزىگە ھېزى بولۇپ ئۆچكە ساقىلىنى قىرىپ، قارا كۆزەينەك تاقاپ، كۈندىلەڭ شەپكە، گۈللۈك چاپان، گولف توپ تەنھەركەتچىلىرى كىيىدىغان شىمنى كىيىپ خەق تونۇيالمايدىغان سىياقتا ياسىنىۋالدى. ئۇ شەھەر ياقىسىدىكى بىر بىنادا ئولتۇردى، ئۇ بۇ ئۆينى تۇنجى قېتىم تۈرمىگە كىرىشتىن بۇرۇن ئېلىپ قويغان بولۇپ شۇ چاغدىلا بىر قىسىم ئۆي جاھازىلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىۋالغان ئىدى. ئەمدى ئۇنىڭغا تامدىن يۇقماي ئۆتۈش سەل مەزىسى قالمىغاندەك، ھەرقانچە قېلىن، ئېگىز تاممۇ خۇمارىدىن چىقالمايدىغاندەك تۇيۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا مىسىردىكى ئەلئېھرامدىن ئۆتۈپ بېقىش خىيالى ئويغاندى. جون بىخارامان ھالدا مىسىر سەپىرى تەييارلىقىنى قىلدى. بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، شەھەر ياقىسىدىكى چىغىر يولدا سەيلى قىلىۋېتىپ بىر چىرايلىق چوكان بىلەن ئىككى قېتىم ئۇچرىشىپ قالدى، شۇ ھامان يۈرىكىگە ئوت تۇتۇشۇپ مىسىرغا سەپەر قىلىش خىيالىنى يەتتە قات ئاسماننىڭ نېرىسىغا چۆرىۋەتتى. ئۇ چوكانمۇ ئۇنىڭ ئۆزىگە كۆيۈپ قالغانلىقىنى سېزىپ، شەھلا كۆزلىرىنى ئوينىتىپلا كەتتى. ئەپسۇس، جون كېيىن ئۇ سەتەڭنىڭ ئېرى بارلىقىنى، تولىمۇ كۈنلەمچى، غەلىتە مېجەز، قوپال كىشىلىكىنى، ھەر كۈنى كەچ سائەت ئون بىلەن سەھەر سائەت تۆتكىچە سىرتقا قىمار ئوينىغىلى چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى، خوتۇنىنى ئۆيگە يالغۇز سولاپ قويۇپ، ماڭىدىغان ۋاقتىدا ئىشىك-دېرىزىلەرنى نەچچە يەردىن قۇلۇپلايدىغانلىقىنى ئاڭلىدى.

     

    بەزىلەر جونغا: « ئۇنى ئېرى بەك چىڭ تۇتىدۇ، ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىمەن دەپ چۆچۈرىنى خام سانىما» دەپ ئاگاھلاندۇردى. بىراق بۇ گەپ بىلەن ئۇنىڭ ئىشتىياقى تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى. ئەتىسى چۈشتىن كېيىن ھېلىقى چىغىر يولغا يەنە سەيلىگە چىقىپ ئۇ چوكاننى يەنە ئۇچرىتىپ قالدى. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مېڭىپ يېقىن ئەتراپتىكى بىر چەرچىن ماللار دۇكىنىغا كىردى. ئايال بىرنەرسە سېتىۋېلىپ دۇكاندارغا پۇل تۆلەيدىغان ۋاقتىدا جون ئايالغا كۆڭلىنى ئىزھار قىلىپ ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا مەقسەتلىك يېقىنلاشقانلىقىنى، بولمىسا بۇ يەرگە كەلمەيدىغانلىقىنى، ئاخشاملىققا ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

     

    چوكان شەلپەردەك قىزىرىپ، بېشىنى چايقىغان ھالدا:

    ـ ۋىيەي، ھەرگىز كىرەلمەيسىز، ـ دېدى. بىراق بۇ جونغا قانچىلىك ئىش ئىدى؟ سائەت 10 بولۇشىغا بۇ يەرگە كەلدى-دە، يولنىڭ بىر تەرىپىدە پايلاپ تۇرۇپ چوكاننىڭ ئېرى چىقىپ ئىشىكنى نەچچە يەردىن قۇلۇپلاپ ماڭغاندىن كېيىن تامدىن يۇقماي ئۆتۈش ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ بىردەمدىلا چوكان ياتقان ئۆيگە ئۈنۈپ بولدى. ساھىپجامال قاتتىق ھەيران قالغان ھالدا ئۇنى چىڭ قۇچاقلىدى، يېرىم كېچىگىچە ۋىسال پەيزىنى قۇچۇشتى. ئەمما، ئەتىسى ئەھۋال تازا ئوڭۇشلۇق بولمىدى، جوننىڭ بېشى قاتتىق ئاغرىپ كەتتى.

     

    جون بۇ باش ئاغرىش سەۋەبىدىن چوكان بىلەن يەنە ئۇچرىشالماسلىقنى ھەرگىز خالىمايتتى. شۇنىڭ بىلەن زۇكام دورىسى تېپىپ ئىچىش ئۈچۈن، تارتمىسىنى ئېچىپ بىر دورا قۇتىسىنى ئالدى-دە، ئۇنىڭدىن ئەتىگەندە بىر تالنى، چۈشتىن كېيىن بىر تالنى ئىچتى. كەچتە باش ئاغرىقى خېلى قويۇپ بەردى، ئىككىسى يەنە سەھەر سائەت ئۈچكىچە بىرگە بولۇپ كۆزى قىيمىغان ھالدا خوشلاشتى. جون چوكان ياتقان ئۆينىڭ تېمىدىن ئۆتۈۋاتقاندا تۇساتتىن، بېلى بىلەن ئىككى مۆرىسىنىڭ تامغا ئازراق سۈركىلىۋاتقانلىقىنى سېزىپ تولىمۇ غەلىتىلىك ھىس قىلدى، « ئەجابا، زۇكام دورىسىنىڭ سەۋەبىمىدۇ؟» دەپ ئويلىدى ئۇ. ھويلا تېمىدىن ئۆتۈۋاتقان ۋاقىتتا تام خېلى قاتتىق تۇيۇلدى، بەدىنى تامنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە، يەنە ئالدىغا سىلجىيالمىدى. پەقەت شۇ چاغدىلا ئاندىن ئۇ ئۆتكەن يىلى دوختۇر ئۇنىڭ «بۇرمىسىمان قاتتىقلىشىش» كېسىلىگە قارىتا يېزىپ بەرگەن ئۇزاق ئۈنۈملۈك دورىنى ئېسىگە ئالدى. ئۇ دورىنى زۇكام دورىسى دەپ بىر كۈندە ئىككى ۋاخ ئىچىۋەتكەچكە دورىنىڭ تەسىر قىلىش كۈچى ئېشىپ كەتكەن ئىدى! شۇنىڭ بىلەن جون تامنىڭ ئىچىگە مەڭگۈلۈك سولىنىپ قالدى، تا بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇنىڭ تېنى تام بىلەن بىرىكىپ تۇرماقتا. كېچىدە ھەممە ئۇخلاپ ئەتراپ تىمتاسلىققا چۆمۈلگەندە بۇ يەردىن ئۆتۈپ قالغان كىشىلەر قەبرىستاندىكى ئاۋازغا ئوخشايدىغان بىر ئاۋازنى ئاڭلىيالايدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق