قانغا قان (مۇپاسسان)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2011-02-09 22:13:31

قانغا قانمۇپاسسان (فرانسىيە)ئارمان تەرجىمىسى ۋېلرونى تەرەپكە ئۆتمىگىنىمگە ئون بەش يىل بولغانىدى. بۇ يىل كەچ كۈزدە بۇرادىرىم سېۋالنىڭ قورۇقىغا ئوۋغا چىقىش باھانىسى بىلەن ئۇ يەرگە يەنە بېرىپ ق...



    قانغا قان

    مۇپاسسان (فرانسىيە)

    ئارمان تەرجىمىسى

     

     

       ۋېلرونى تەرەپكە ئۆتمىگىنىمگە ئون بەش يىل بولغانىدى. بۇ يىل كەچ كۈزدە بۇرادىرىم سېۋالنىڭ قورۇقىغا ئوۋغا چىقىش باھانىسى بىلەن ئۇ يەرگە يەنە بېرىپ قالدىم. سېۋال ۋېلرونىغا ئادەم ئەۋەتىپ پرۇسسىيىلىكلەر خاراب قىلىۋەتكەن قەدىمكى قەلئەسىنى ياسىتىپ قويغانىكەن.


        ئۇ جايغا بارسام سۆيۈنۈپ كېتىمەن. جاھاندا شۇنداق گۈزەل جايلارمۇ باركى، كىشى كۆرسە كۆرگۈسى كېلىدۇ. بىزدەك چوڭ شەھەرگە باغلىنىپ قالغانلارغا ئۇنداق جايدىكى بۇلاقلار، ئورمانلار، كۆللەر ۋە تاغ - ئېدىرلار ئاجايىپ سېھىرلىك تۇيۇلۇپ، رومانتىك ھېسلارنى ئويغىتىدۇ.
      
      ۋېلرونىڭ سەھراسىغا مەپتۇنمەن. ئەتراپنى ئوراپ تۇرغان بۈك - باراقسان دەرەخلەر، تومۇرلاردەك تەرەپ ـ تەرەپكە تاراپ، زېمىنغا قان بېرىۋاتقان، قوينىدا رەڭگارەڭ بېلىقلار ئەركىن ئۈزۈپ ئويناۋاتقان ئېرىق - ئۆستەڭلەرگە نەزەر تاشلىغىنىمدا، ئۆزۈمنى بەئەينى جەننەتتە يۈرگەندەك سېزىمەن. ئەنە  ئۆستەڭلەردە راھەتلىنىپ سۇغا چۆمۈلىمەن، ئۆستەڭ بويىدىكى قويۇق ئوت ـ چۆپلەر ئارىسىدىن كەكلىك تۇتىمەن.


      شۇ كۈنى ئوت ـ چۆپ ئارىسىدا كەكلىك قوغلاپ كېتىۋاتقان ئىككى ئوۋ ئىتىمنىڭ ئارقىسىدىن كېيىكتەك يەڭگىل يۈگۈرۈپ كېتىۋاتاتتىم. مەن سودېل ئورمانلىقىنىڭ پاسىلىدىكى چاتقاللىقنى ئەگىپ ئۆتۈپ، ۋەيرانە بىر ئۆينىڭ قېشىغا چىقىپ قالدىم.


       بىردىنلا 1869 ـ يىلىدىكى مەنزىرە كۆز ئالدىمغا كەلدى، ئۇ چاغدا بۇ ئۆي يېپيېڭى، ئەتراپى ئۈزۈم بارىڭى بىلەن ئورالغانىدى، ھويلىسىدا نۇرغۇن توخۇلار دانلاپ يۈرەتتى، ھالا بۈگۈن تاملىرى ئۆرۈلگەن خارابىلىكنى كۆرۈپ ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى. ھېلىمۇ ئېسىمدە، بىر كۈنى ھېرىپ ـ ئېچىپ كەلسەك، بىر موماي بىزنى مۇشۇ ئۆيگە باشلاپ ئۈزۈم ھارىقى بىلەن مېھمان قىلغانىدى. سېۋال ئۆي ئىگىسىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى سكزلەپ بەردى. موماينىڭ ئېرىنى قانۇنسىز ئوۋ قىلغانلىقى ئۈچۈن ساقچىلار ئېتىۋەتكەنىكەن. شۇ چاغدا موماينىڭ ئوغلىنىمۇ كۆرگەنىدىم، ئۇ جۇدەڭگۈ، ئېگىز بوي يىگىت ئىدى، ئەپتىدىن ئۇستا ئوۋچىلاردەك كۆرۈنەتتى. كىشىلەر بۇ ئائىلىدىكىلەرنى «قاراملار» دېيىشىدىكەن.


       بۇ شۇلارنىڭ جەمەتىنىڭ فامىلىسىدۇر ياكى لەقىمىدۇر.


      شۇلارنى ئويلاپ يىراق جايدا تۇرغان سېۋالنى چاقىردىم. ئۇ قاقىرىدەك يوغان ـ يوغان چامداپ قېشىمغا كەلدى.
       ـ بۇ ئۆينىڭ ئىگىسى نەگە كەتكەندۇ؟ ـ سورىدىم مەن.
      سېۋال تۆۋەندىكى ھېكايىنى ئېيتىپ بەردى.
     
       پرۇسسىيە ـ فرانسىيە ئۇرۇشى پارتىلىغاندا، موماينىڭ ئوتتۇز ئۈچ ياشلىق ئوغلى ئەسكەرلىككە كېتىپ، موماي يالغۇز قالدى. موماينىڭ ھال ـ كۈنى ياخشى بولغاچقا، ئۇنىڭدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز  ئىدى.


      موماينىڭ ئۆيى مەھەللىدىن خېلى يىراق ئورمانلىقنىڭ قېشىدا بولسىمۇ، موماي ھېچ نەرسىدىن قورقمايتتى. ئورۇق، ئېگىز بۇ موماينىڭ مىجەزىمۇ ئېرى بىلەن ئوغلىغا ئوخشاش قارام ئىدى، كىشىگە ئانچە چىراي ئاچمايتتى، كىشىلەرمۇ ئۇنىڭدىن ئەيمىنەتتى. سەھرا ئاياللىرىغۇ ئانچە كۈلۈپ ـ ئېچىلىپ كەتمەيدۇ، سەھرادا كۈلكە ـ چاقچاق، ئويۇن ـ تاماشا ئەرلەرگىلا مەنسۇپ. سەھرا ئاياللىرى بۇرۇقتۇملۇق، مەھكۇملۇق ئىچىدە ياشىغاچقا ، ئىچى تار ، نادان كېلىدۇ. ئەرلەر قاۋاقخانىلارغا ئانچە ـ مۇنچە كىرىپ كۆڭۈل ئېچىشنى، كۈلۈشنى بىلگىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ ئۆيدىن چىقالمايدىغان خوتۇنلىرىنىڭ چىرايى كۈلكىگە ئادەتلەنمىگەن.


       موماي ئۆز ئۆيىدە تەنھا ئۆتىۋەردى. ئۇزاق ئۆتمەيلا قىش كېلىپ، ھەممە يەرنى قار باستى. موماي مەھەللىگە ھەپتىدە بىر كىرىپ، بولكا، گۆش ئېلىپلا قايتىپ كېتەتتى. شۇ چاغدا مەھەللىدە بۆرە پەيدا بولۇپ قاپتۇ دېگەن گەپ تارالغاچقا، موماي ھەر كەلگەندە ئوغلىنىڭ داتلىشىپ كەتكەن، پاينىكى ئۇپرىغان مىلتىقىنى ئېسىۋالىدىغان بولدى. بەستلىك موماينىڭ قارلىق دالىدا سەل ئېڭىشىپ، يوغان ـ يوغان چامداپ مېڭىشلىرى تولىمۇ قىزىق كۆرۈنەتتى، بېشىدىكى قارا شىلەپە ئاق چاچلىرىنى ھىم ياپقان بولۇپ، مىلتىقىنىڭ ئۇچى شىلەپىدىن ئېگىز چىقىپ تۇراتتى.


       بىر كۈنى پرۇسسىيە قوشۇنى كەنتكە بېسىپ كىردى. ئۇلارنى كەنتتىكلەر بېقىشى كېرەك ئىدى. ئەسكەرلەر ھاللىق ئۆيلەرگە كۆپرەك، نامرات ئۆيلەرگە ئازراق تەقسىم قىلىندى، موماينى باي دەپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە  تۆت ئەسكەر ئەۋەتىشتى.


       موماينىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشقان چاچ ـ ساقىلى سېرىق، كۆزى كۆك يىگىتلەر شۇنچە جەبىر ـ جاپا تارتقىنىغا قارىماي تۇلۇمدەك سېمىز ئىدى. ئۇلار ئىستلارچى بولغىنى بىلەن مىجەز ـ خۇلقى خېلى تۈزۈك يىگىتلەر ئىدى. موماينىڭ ئۆيىدە ئۇلارغا بۇيرۇق چۈشۈرىدىغان كوماندىر يوق ئىدى. ئۇلار مومايغا قولىدىن كېلىشىچە غەمخورلۇق قىلدى، موماينىڭ پۇلىنى تېجەشكە ئىمكانقەدەر تىرىشتى، ئۆينىڭ ئېغىر ـ يېنىك ئىشلىرىنى تەڭ قىلىشپ بەردى. ئۇلار جاھاننى قار باسقان بولسىمۇ، قاق  سەھەردە كۆڭلەكچانلا قۇدۇق بېشىغا چىقىپ، شىمالىي ياۋروپالىقلارغا خاس قىزغۇچ بەدىنىنى مۇزدەك قۇدۇق سۈيىدە يۇياتتى. موماي ئۇلارنىڭ قورسىقىنىڭ غېمىنى قىلىپ، قازان بېشىدا پايپېتەك بولاتتى. يىگىتلەر بارا ـ بارا خۇددى ۋاپادار ئوغۇللاردەك موماينىڭ ئاشخانىسىنى تازىلايدىغان، دېرىزىلەرنى سۈرتىدىغان، ئوتۇن يارىدىغان، كۆكتات ئاقلايدىغان، كىر يۇيىدىغان، ھويلا ـ ئارامنى تۈزەشتۈرىدىغان بولدى.


       لېكىن موماينىڭ پىكىر ـ خىيالى ئۆز ئوغلىدا ئىدى. ئورۇق، ئېگىز، ئىلمەك بۇرۇن، قوڭۇر كۆز، قارا چاچ ـ ساقاللىق ئوغلىنىڭ سىمايىسى كۆز  ئالدىدىن كەتمەيتتى. ئۇ ئەسكەرلەردىن : «فرانسىيە چېگرا مۇداپىئە  ئارمىيىسىنىڭ شەھەر قوغدىغۇچى 23 ـ پولكىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ ئوغلۇم شۇ قىسىمدا ئىدى»  دەپ كۆپ قېتىم سورىدى.
      «بىلمەيدىكەنمىز، زادىلا خەۋىرىمىز يوق» دەپ جاۋاپ بېرەتتى ئەسكەرلەر فرانسۇزچىغا نېمىس تەلەپپۇزىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەپ، موماينىڭ دەردى يىگىتلەرگە ئايان ئىدى. بەلكىم ئۇلارنىڭ ئانىلىرىمۇ ئوغۇللىرىنىڭ يولىغا تەلمۈرۈۋاتقاندۇر. ئۇلار ئامال بار موماينىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا تىرىشاتتى، مومايمۇ ئۆيدىكى بۇ تۆت دۈشمىنىگە ئۆز ئوغلىدەك ئىجىل بولۇپ قالغانىدى. دېھقان خەقنىڭ ئېسىلزادىلەردەك ئۇنچە ئاداۋىتى قاتتىق بولمايدۇ. شۇڭا يوقسۇللۇق، ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان تەتۈر قىسمەتلەر ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ. توپ ـ توپى بىلەن قىرىلىپ، زەمبىرەك ئوقىدا كۇكۇم ـ تالقان بولىدۇ. ئۇلار ئاجىز، مۆمىن بولغاچقا، رەھىمسىز ئۇرۇشنىڭ قۇربانى بولۇپ قالىدۇ. ئۇلار ئۇرۇش تەلۋىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇرۇش قوزغايدىغانلىقىنى، نېمىنىڭ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان شان ـ شەرەپ، نېمىنىڭ ئاتالمىش سىياسىي تاكتىكا ئىكەنلىكىنى، ئۇرۇشقا ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ نۇرغۇن بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ.


       ئويلىمىغان يەردىن موماي ئۆيدە يالغۇز قالغان بىر كۈنى ئەتىگەندە بىر ئادەم يىراقتىن ئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ كەلدى. بىردەمدىن كېيىن موماي ئۇ كىشىنىڭ يېزا پوچتالىيونى ئىكەنلىكىنى تونۇدى. پوچتاليون قاتلاقلىق بىر پارچە خەتنى سۇندى. موماي كۆزەينەك قېپىدىن ياماقچىلىك قىلغاندا ئىشلىتىدىغان كۆزەينىكىنى ئېلىپ، خەتنى ئوقۇشقا باشلىدى:


       «موما، سىزگە بىر شۇم خەۋەرنى يەتكۈزمەكچىمەن. ئوغلىڭىز ۋېكتور تۈنۈگۈن زەمبىرەك ئوقىدا ئۆلدى، ئۇنىڭ تېنى ئىككى پارچە بولۇپ كېتىپتۇ، ھەممىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئوغلىڭىز بىلەن ئىككىمىز بىر قىسىمدا ئىدۇق، كۆڭلىمىزمۇ يېقىن ئىدى. ئۇ سىزنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى، ناۋادا ئۆزىگە بىرەر كېلىشمەسلىك بولۇپ قالسا، سىزگە ۋاقتىدا خەۋەر قىلىپ قويۇشۇمنى ئۆتۈنگەنىدى.

       ئوغلىڭىزنىڭ يانچۇقىدىكى سائەتنى ئېلىپ قويدۇم، ئۇرۇش تۈگىگەندە سىزگە يەتكۈزۈپ بېرىمەن.

      سىزگە سەمىمىي سالام يوللاپ:
      چېگرا مۇداپىئە 23 ـ قىسىم شەھەر قوغداش پولكىدىكى 2 ـ دەرىجىلىك ئەسكەر: رېۋوك.»


       خەت ئۈچ ھەپتىنىڭ ئالدىدا يېزىلغانىدى.


       موماي يىغا ـ زارە قىلمىدى. قاتتىق زەربىدىن سەزگۈلىرى ئۆلۈپ، كۆڭلى بۇزۇلغىنىنى تۇيمايۋاتقاندەك، قېتىپ تۇرۇپ قالدى. «ۋېكتورنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ»دېگەن ئوي كاللسىغا كەلگەندىلا ئاندىن كۆز چاناقلىرىغا ئاستا ـ ئاستا ياش تولۇپ، ئازابتىن يۈرىكى پىچاق بىلەن قوچىغاندەك ئېچىشىشقا باشلىدى. ھاياتىدىكى  ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلەر ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن بىر ـ بىرلەپ ئۆتمەكتە ئىدى. ئەمدى ئۇ ئوغلىنى باغرىغا باسالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۇزۇنترا ئوغلى ئەمدى ئۇنىڭ قۇچىقىغا مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ! ئېرىنى ساقچىلار ئېتىپ تاشلىدى، ئوغلى پرۇسسىيىلىكلەرنىڭ قولىدا ئۆلدى، تېنى زەمبىرەك ئوقىدا ئىككى پارچە بولۇپ كەتتى. موماينىڭ كۆز ئالدىغا قورقۇنچلۇق بىر كۆرۈنۈش كېلىۋالدى، ئەنە، ئۇنىڭ ئوغلى بېشى ساڭگىلىغان، كۆزلىرى چەكچەيگەن، بۇرۇن خاپا بولۇپ قالغان چاغلىرىدىكىدەك بۇرۇتىنىڭ ئۇچىنى چىشلىگەن ھالدا ياتاتتى. 


       ئوغلۇم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ جەسىتىنى كۆمۈپ قويغىلى ئادەم چىققانمىدۇ؟ دادىسىنىڭ جەسىتىنىغۇ پېشانىسىگە تەگكەن ئوق بىلەن قوشۇپ ئەكىلىپ بەرگەنىدى، ئوغلۇمنىڭ جەسىتىنىمۇ ئەكىلىپ بېرىدىغان ئادەم چىقارمۇ؟


       شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ قۇلىقىغا كالدىرلاپ گەپلەشكەن ئاۋاز ئاڭلاندى. ھېلىقى تۆت پرۇسسىيىلىك مەھەللىدىن قايتىپ چىققانىدى، موماي خەتنى شۇئان يانچۇقىغا سېلىپ، كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈۋېتىپ، كۈندىكىدەك خاتىرجەم قىياپەتتە ئۇلارنى كۈتۈۋالدى.


      تۆت ئەسكەرنىڭ خوشاللىقتىن ئاغزى قۇلىقىغا يەتكەنىدى، ئۇلار سېمىز بىر توشقاننى كۆتۈرۈۋالغان، ئۇنى ئوغرىلىغانلىقى ئېنىق ئىدى. ئۇلار ئۆيگە كىرىپ، مومايغا توشقان گۆشىنى پىشۇرۇپ راسا مەززە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى شەرەت بىلەن ئۇقتۇردى.


      موماي دەرھال چۈشلۈك تاماققا تۇتۇندى. ئۇنىڭ توشقان ئۆلتۈرۈشى تۇنجى قېتىم ئەمەس ئىدى، لېكىن بۈگۈن توشقاننى بوغۇزلارشقا زادىلا قولى بارمىدى. ئەسكەرلەردىن بىرى توشقاننى قۇلاق تۈۋىگە بىر مۇشت ئۇرۇپلا ئۆلتۈرۈپ بەردى.


       موماي ئۆلگەن توشقاننىڭ قىپقىزىل ئېتىنى تېرىسىدىن ئاجراتتى،قولىغا ئېقىپ، ئاستا ـ ئاستا قېتىۋاتقان قاننى كۆرگەندە، پۈتۈن ئەزايى تىترەپ كەتتى. ئۇنىڭغا تېنى ئىككى پارچە بولۇپ كەتكەن ئوغلى قىپقىزىل قان ئىچىدە خۇددى قولىدىكى توشقانغا ئوخشاش بىلىنەر ـ بىلىنمەس جان تارتىشىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى.


      ئۇ ئەسكەرلەر بىلەن بىللە شىرە ئالدىغا كەلدى، لېكىن ئۇنىڭ گېلىدىن بىر نەرسە ئۆتىدىغاندەك قىلمايتتى، ھەتتا توشقان گۆشىدىنمۇ بىر چىشلەم يېمىدى. ئەسكەرلەرنىڭ توشقان گۆشىنى ئاچ بۆرىدەك يېيىشلىرىمۇ ئۇنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغىيالمىدى. ئۇ ئەسكەرلەرگە ئۈن ـ تىنسىز قاراپ ئولتۇرۇپ، كۆڭلىگە ئۆز ئىشىنى پۈكمەكتە ئىدى، لېكىن چاندۇرماسلىق ئۈچۈن ئۆزىنى سالماق تۇتۇپ تۇراتتى.


      موماي تۇيۇقسىز «ئۆيۈمگە كەلگىنىڭلارغا بىر ئاي بولدى، ئىسمىڭلارنىمۇ دەپ بەرمىدىڭلارغۇ» دېدى، ئەسكەرلەر ئۇنىڭ گېپىنى تەستە چۈشىنىپ، ئۆز ئىسملىرىنى ئېيتىپ بەردى. موماي بۇنىڭغا قانائەت قىلماي، ئۇلاردىن نام ـ شەرىپى ۋە ئۆيىنىڭ ئادرېسىنى يېزىپ بېرىشنى ئۆتۈندى. ئىسىملار يېزىلىپ بولغاندا، موماي كۆزەينىكىنى تارتىپ، ناتونۇش خەتلەرگە سىنچىلاپ قاراپ چىققاندىن كېيىن ئۇنى قاتلاپ، ئوغلىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى خەتنى سالغان يانچۇقىغا سېلىپ قويدى.


      تاماق يېيىلىپ بولدى. موماي ئىچىدە ئەسكەرلەرگە: «سىلەرگە بىر ياخشىلىق قىلىپ قوياي» دېدى.


       موماي ئەسكەرلەر ياتقان بالىخانىغا قۇرۇق ئوت ـ چۆپلەرنى توشۇغىلى تۇردى. ئەسكەرلەر بۇنى كۆرۈپ ھەيران بولغانىدى، موماي مۇشۇنداق قىلساق ئىسسىق ياتىسسىلەر دەپ چۈشەندۈردى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئەسكەرلەرمۇ ياردەملەشتى، ئۇلار باغلام ـ باغلام پاخالنى ئاچىقىپ، تورۇسقىچە دۆۋىلىۋەتتى.


       كەچلىك تاماق ۋاقتىدا ئەسكەرلەردىن بىرى موماينىڭ تېخىچە ھېچ نەرسە يېمەي ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئەنسىرەپ سورىغانىدى، موماي ئاشقازىنى ئاغرىۋاتقانلىقىنى باھانە قىلىپ، يېگىلى ئۇنىمىدى. بىردەمدىن كېيىن ئۇ ئوچاققا ئوت قالاپ ئوت سۇنۇپ ئولتۇردى، ئەسكەرلەر بۇرۇنقىدەك شوتا بىلەن بالىخانىغا چىقىپ كەتتى.


       بالىخانىنىڭ ئىشىكى يېپىلغاندىن كېيىن موماي شوتىنى تارتىۋېتىپ، كوچىغا چىقىدىغان ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ ئاشخانىغا بىر مۇنچە پاخال توشۇدى. ئۇ قاردا يالىڭاياقلا يۈرەتتى، شۇنداق ئاۋايلاپ دەسسەيتتىكى، ئاياغ تىۋىشىنى ئۆزىدىن باشقا ئادەم ئاڭلىيالمايتتى. قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن تۆت ئەسكەر بەس ـ بەس بىلەن خورەك تارتىشقا باشلىدى.


       ھەممە تەق  بولغاندىن كېيىن، موماي بىر تۇتام پاخالنى ئوچاققا سېلىپ تۇتاشتۇرۇپ، پاخال دۆۋىسىگە تاشلىۋېتىپ، تاشقىرىغا چىقىپ قاراپ تۇردى.


      كۆزنى يۇمۇپ ـ ئاچقۇچىلىك ئارىلىقتا ئۆيگە ئۆت تۇتىشىپ كەتتى، ئوت يالقۇنى كىچىككىنە دېرىزىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، قار باسقان زېمىنىنى يورۇتۇۋەتتى.


       بالىخانىدىن قىيا ـ چىيا ئاۋاز ئاڭلاندى، ئەسكەرلەر يۈرەكنى ئەزگۈدەك ئېچىنىشلىق داد ـ پەرياد قىلماقتا ئىدى. ئارقىدىنلا بالىخانىنىڭ ئىشىكىگە تىرەلگەن تاختاي ئۆرۈلۈپ، ئوت خۇددى غايەت زور مەشئەلدەك يۇقىرىغا كۆتۈرۈلمەكتە ئىدى، ئاخىر پۈتۈن ئۆي ئوت ئىچىدە قالدى.


      ئەمدى ئۆي ئىچىدىن ئوتنىڭ چاراسلىشى، تامنىڭ يېرىلىشى ۋە لىملارنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىدىن باشقا ئاۋاز ئاڭلانماي قالدى. بىر دەمدىن كېيىن ئۆگزىمۇ ئۆرۈلۈپ، ئوت ئاسمان پەلەك كۆتۈرۈلدى.


       ئۇلۇغ ئوت يالقۇنى قارلىق دالىنى شەلپەردەك قىزارتىۋەتتى.


      يىراقتىن قوڭغۇراق ئاۋازى ئاڭلاندى.


      موماي ئوت كەتكەن ئۆينىڭ ئالدىدا ئەسكەرلەردىن بىرەرىنىڭ قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەۋاتقاندەك، ئوغلىنىڭ مىلتىقىنى چىڭ تۇتۇپ تۇراتتى.


       ئىش ئاخىرلاشقانلىقىغا كۆزى يەتكەندىن كېيىن مىلتىقنى ئوتقا تاشلىغانىدى، مىلتىقتىن پاڭڭىدە ئوق چىقىپ كەتتى.


      فرانسۇزچىنى ناھايىتى ياخشى سۆزلەيدىغان بىر نېمىس ئوفىتسېرى:
      ـ ئۆيىڭىزدىكى ئەسكەرلەر قېنى؟ـ دەپ سورىدى.


      كىشىلەر موماينى تەرەپ ـ تەرەپتىن ئورىۋالدى، ئوفىتسېر:
      ـ ئۆيگە قانداق بولۇپ ئوت كەتتى؟ ـ دەپ سورىغاندى، موماي:
      ـ مەن ئوت قويۇۋەتتىم، ـ دەپ جاۋاپ بەردى.


      كىشلەر موماي ئوتتىن قورقۇپ ئېلىشىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ گېپىگە ئىشەنمىدى. ئۇلار موماينىڭ گېپىنى ئېنىقراق ئاڭلاش ئۈچۈن تېخىمۇ يېقىن كېلىشتى. موماي ئوغلىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن تارتىپ ئۆي بىلەن بىللە كۆيۈپ كەتكەن ئەسكەرلەرنىڭ ئاخىرقى نالىسىنى ئاڭلىغانغا قەدەر بولغان ۋەقەنى قالدۇرماي سۆزلەپ بەردى.


      ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ، يانچۇقىدىكى ئىككى پارچە خەتنى ئېلىپ، كۆزەينىكىنى تارتىپ، خەتنى ئوتنىڭ يورۇقىغا تۇتتى.

      ـ مانا بۇ ئوغلۇم ۋېكتورنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى خەت، ـ ئۇ يەنە بىر پارچە خەتنى ئېلىپ، ئۆت كەتكەن ئۆينى كۆرسەتتى، ـ بۇ ئۇلارنىڭ ئىسىملىكى، مۇشۇ ئادرېس بويىچە ئۇلارنىڭ ئاتا ـ ئانىسىغا خەۋەر قىلساڭلار بولىدۇ، ـ موماي خەتنى ئوفىتسېرغا تاپشۇردى، ئوفىتسېر ئۇنى مۈرىسىدىن قاماللاپ تۇراتتى، ـ ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى يازغاندا، ئۇلارنىڭ ئاتا ـ ئانىسىغا بۇ ئىشنى مېنىڭ قىلغانلىقىمنى ئېيتىپ قويۇڭلار. ئاپامنىڭ ئۆيىدىكى چاغدا ئىسمىم ۋېكتورىۋا سىمون ئىدى، ئېرىمنىڭ ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن كىشىلەر مېنى قارام يەڭگە دەيدىغان بولدى، ئۇنتۇپ قالماڭلار يەنە.


      ئوفىتسېر نېمىسچە بۇيرۇق بەردى. قول ئاستىدىكىلەر موماينى ئىتتىرىپ، تېخىغىچە قىزىقى كەتمىگەن تامنىڭ تۈۋىگە ئېلىپ كەلدى. ئارقىدىن ئون ئىككى ئەسكەر مومايدىن يىگىرمە مېترچە نېرىدا قاتار بولدى. موماي قىمىر قىلمايتتى، ئۇ ھەممىنى ئويلاپ قىلغان بولۇپ، پېشانىسىگە پۈتۈلگەننى كۈتمەكتە ئىدى.


      بىر بۇيرۇق بىلەن مىلتىقلار ئارقا ـ ئارقىدىن ئېتىلدى.


      موماي شۇنچە ئوقتىمۇ يىقىلىپ چۈشمەي، ئېڭىشىپ تۇرۇپ قالدى.


      نېمىس ئوفىتسېرى مومايغا يېقىنلىشىپ قاراپ باقتى، قاتار تەگكەن ئوق ئۇنىڭ تېنىنى ئىككى پارچە قىلىۋېتىشكە ئازلا قالغانىدى، موماينىڭ چىڭ تۈگۈلگەن بارماقلىرى ئارىسىدا قانغا بويالغان خەت تۇراتتى.

     


      ـ نېمىسلار ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ، مېنىڭ قەلئەلىرىمنىمۇ كۆيدۈرۈۋەتتى، ـ دەپ قوشۇپ قويدى بۇرادىرىم سېۋال ھېكايىسىنى تۈگىتىپ.


       مەن بىردەم ئوتتا كۆيۈپ كەتكەن يىگىتلەرنىڭ ئانىلىرىنى، بىردەم تام تۈۋىدە ئوق يەپ ئۆلگەن ئانىنىڭ ۋەھشىيلەرچە، شۇنداقلا باتۇرلارچە ھەرىكىتىنى ئويلىدىم. ئاندىن قولۇمغا كىچىك بىر تاشنى ئېلىپ قارىدىم، ئۇنىڭدا شۇ چاغدىكى ئوتنىڭ دېغى قالغانىدى.
       
         (خەنزۇچە «مۇپاسسان پوۋېست ـ ھېكايىلىرى» ناملىق كىتابتىن)  

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مۇپاسسان فرانسىيە