مەن دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى يۇتىۋالدىم

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-02-12 21:07:22

مەن دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى يۇتۇۋالدىمئەزىز نەسىن(تۈركىيە)باۋۇدۇن ھەسەن تەرجىمىسى ئائىلىمىز بازاردىن سوپۇن، پىشلاق دېگەندەك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشقا تىزىملانغانىدى. مەن «مىسىر بازىرى»دىن تىزىم بو...

    مەن دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى يۇتۇۋالدىم
    ئەزىز نەسىن(تۈركىيە)
    باۋۇدۇن ھەسەن تەرجىمىسى

       ئائىلىمىز بازاردىن سوپۇن، پىشلاق دېگەندەك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشقا تىزىملانغانىدى. مەن «مىسىر بازىرى»دىن تىزىم بويىچە سوپۇننى، «بېلىق بازىرى»دىن پىشلاقنى ئالدىم. بازاردىن يەنە بىر كىلوگرام ئۈزۈم ئېلىپ ئۆيگە قايتتىم.
       ـ بالام، خەت يازىدىغان قەغىزىڭ يوقمىدى؟ ـ سوراپ قالدى ئۆيدىكىلەر.
       ـ بۇ نېمە دېگىنىڭلار، قەغەزمۇ بولمامدىغان؟
       ـ ئەمىسە نېمىشقا سوپۇنغا خەت يازدىڭ؟
       ئالدىمدا تۇرغان ئىككى توقاچ سوپۇندا راستتىنلا خەت بار ئىكەن. تېخى ماشىنكىدا ئۇرۇلۇپتۇ!
       ـ بۇ قانداق گەپ! سوپۇنغىمۇ خەت باسقان بارمۇ؟
       ـ مېنىڭچە بۇ چوقۇم سوپۇن زاۋۇتىنىڭ سودا ئېلانى ئۈچۈن تاپقان يېڭى ھىيلىسى.
       مەن ئۇنىڭغا نېمىلەر يېزىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدۇم. سوپۇندىكى خەت تەتۈر ئىكەن، قىينىلىپ ئوقۇدۇم، ئەسلىدە بۇ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغان بىر پارچە دوكلات ئىكەن، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلىپتۇ:
        xxلار ئوقۇشقا بولىدۇ، مۇھىم مەخپىيەتلىك.
       ... جانابلىرى:
       مەخپىي بەلگىلەر بىلەن يەتكۈزۈلگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىلەردىن يوليورۇق سورىدۇق. ئۇلارنىڭ دوكلاتىنىڭ قىسقار تىلمىسىنى يوقىرىغا يوللىماقچىمىز.
       ... بۇ ئىش مەخپىيەتلىككە ياتىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ ئەۋەتىمىز،
       بۇنى كۆرۈپ ئائىلە بويىچە ھەممىمىز ئالاقزادىلىككە چۈشتۇق، چۈنكى بىز دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم مەخپىيەتلىكىنى بىلىپ قالدۇق ـ تە. مەن «ئەمدى قانداقمۇ قىلارمىز؟» دەپ ئويلاپ تۇراتتىم، توساتتىن بىرەيلەن:
       ـ قاراڭلار بۇ نېمە خەتتۇ؟ ـ دەپ توۋلىدى پىشلاقنى كۆرسىتىپ. پىشلاقتىمۇ تەتۈر بېسىلغان خەتلەر تۇراتتى، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا يېڭى قىزىل ئاي بەلگىسىدىن ئىككىسى قويۇلۇپتۇ. سوپۇندىكىسىگە قارىغاندا بۇنىڭ مەخپىيەتلىك دەرىجىسى تېخىمۇ ئۈستۈن تۇراتتى.
       ھەممەيلەن ۋەھىمىگە چۈشۈپ نېمە قىلارىمىزنى بىلەلمەي تەمتىرەپلا قالدۇق.
       ـ ئەستاغپۇرۇللا، ـ دەپ توۋلىۋەتتىم مەن، ـ خەق بىزگە تۇزاق قۇرۇپتۇ ئەمەسمۇ، بۇ ئىككى پىشلاقنى دەرھال كۆزدىن يوقىتىۋېتەيلى، سوپۇننىمۇ...
       ـ ئۇنداق بولسا كوچىغا تاشلىۋەتسەكلا بولغىنى!
       ـ بولمايدۇ، خەق كۆرۈپ قالسا قانداق قىلىمىز؟
       ـ ئەمىسە ئەخلەتچىگە بېرىۋېتەيلى!
       ـ ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ ئۇنداق قىلساق خەق تۇتۇۋالىدۇ!
       بىز ئاخىر بۇ ئىككى پارچە پىشلاقنى دەرھاللا يەۋەتتۇق، دېمەك، دۆلەت مەخپىيەتلىكى قورسىقىمىزغا كىرىپ كەتتى.
       بىراق، سوپۇننى يېگىلى بولمىدى، شۇڭا يېرىم كېچىدە قولمۇ قول نۇرغۇن كىر يۇيۇۋەتتۇق. دېمەك سوپۇن سۇدا ئېرىپ تۈگىدى.
       كۆڭلىمىز ئەمدىلا ئورنىغا چۈشۈۋىدى:
       ـ بۇ نېمە؟ ـ دەپ ئاقىرىۋەتتى بىرەيلەن.
       ئەسلىدە، سېتىقچى ماڭا ئۈزۈم قاچىلاپ بەرگەن قەغەز خالتىمۇ مەخپى ماتېرىئال يېزىلغان قەغەزدىن تىكىلگەنىكەن. خەقنىڭ تۇزىقىغا چۈشكەنلىكىمىزدە ئەمدى ھېچ شۈبھە قالمىدى. بىز بۇ قەغەز خالتىنى مەشكە سېلىپ كۆيدۈرۈۋېتىپ، كۈلىنى كوچىغا چېچىۋەتتۇق. ئەمدى ئۆيىمىزنى ئاختۇرسىمۇ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ئالاقىدار ھىچقانداق نەرسىنى تاپالمايدۇ.
       ـ بۇ قىلغىنىمىزغۇ ئوبدان بولدى، لېكىن ئۇلار بىزنى رېنتىگىنگە سالسا قانداق قىلىمىز؟
       ـ نېمە بولاتتى؟
       ـ ئۇلار بىزنىڭ ھېلىقى نەرسىلەرنى يەۋەتكەنلىكىمىزنى بىلىۋالىدۇ، تېخى ئاشقازىنىمىزدا تۇرۇۋاتقان پىشلاقتىكى خەتلەرنىمۇ ئوقۇۋالىدۇ!
       ھەممىمىز چۆچۈپ كەتتۇق، دەرھال ئىككى ئىستاكاندىن سۈرگۈ ئىچىۋەتتۇق. بۇنىڭ ئۈنۈمىنى مەن بىرىنچى بولۇپ كۆردۈم. بىز مەخپىي ماتېرىياللارنىڭ باش قېتىمچىلىقىدىن بىراقلا قۇتۇلىدىغان بولدۇق.
       مەن ئەمدى تازىلىق قەغىزىنى ئېلىپ شۇنداق قارىماسمەنمۇ... قېنى، ئۇنىڭغا نېمە يېزىلغانلىقىنى سىز ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟ ... ئۇ ئامېرىكا مۇتەخەسسىسى تۈركىينىڭ نېفىت ئەھۋالى توغرىسىدا يازغان مەخپىي دوكلات ئىكەن. چاتاق يوق، دەل شۇ دوكلات.
       كېيىنكى ئىشلارنى ئەسلىيەلمەيمەن، مەن يالىڭاچ پېتى خالى جايدىن بىردىنل كوچىغا چىقىپ قالغاندەك بولدۇم. يېرىم كېچىدە بىرەيلەن «ساراڭ» دەپ ۋارقىرىدى ـ دە، مېنى تۇتۇۋالدى.
       مەن نېمىشقا قورقماي؟ بۇ دېگەن دۆلەت مەخپىيەتلىكىغۇ! يەنە كېلىپ ئىككى يېڭى ئاي بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن، «xx ئوقۇشقا بولىدۇ»غان مەخپىيەتلىك!...
       
                     (ئاپتورنىڭ خەنزۇچە«مەن قانداق ئۆلۈۋالماقچى بولدۇم»ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىدىن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.