فىركىس قايتىپ كەلدى - ئايلىس گىستانا (گېرمانىيە)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-02-12 20:36:46

فېركىس قايتىپ كەلدىئايلىس گىستانا (گېرمانىيە)پولات ئامانيار تەرجىمىسى 1921 ـ يىلى، روژدېستۋو بايرىمىنىڭ ھارپا كۈنى، سائەت ئالتىلەر ئەتراپىدا پولىس ئائىلىسىدىكىلەر بايراملىق سوۋغاتلىرىنى بىر ـ...

    فېركىس قايتىپ كەلدى
    ئايلىس گىستانا (گېرمانىيە)
    پولات ئامانيار تەرجىمىسى

       1921 ـ يىلى، روژدېستۋو بايرىمىنىڭ ھارپا كۈنى، سائەت ئالتىلەر ئەتراپىدا پولىس ئائىلىسىدىكىلەر بايراملىق سوۋغاتلىرىنى بىر ـ بىرىگە ھەدىيە قىلىشىپ بولغاندىن كېيىن، فېركىسنىڭ دادىسى پولىس ئورۇندۇققا چىقىپ، ھۆل قوللىرىبىلەن نورۇز ئارچىسىدىكى شاملارنى ئۆچۈرۈشكە باشلىدى. ئاپىسى ئاشخانىدا ئالدىراش ئىدى. بىردەمدىن ئېكيىن ئۇ تاماقنى ئېلىپ كىرىپ:
       ـ قېزىمۇ پىشىپ قالدى! ـ دېدى. ئېرى ئورۇندۇقتىن ئاستا چۈشۈپ، خۇشاللىقىدا چاۋاك چېلىپ كەتتى ۋە:
       ـ ئۇۋىتىلغان قىچا بارمۇ؟ ـ دەپ سورىدى. خوتۇنى جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا كەينىگە ئۆرۈلۈپ، ئۇۋاق قىچا سالىدىغان قۇتىنى ئالدى ـ دە:
       ـ فېركىس، قېزا پىشىپ قالدى، ئىتتىك بېرىپ قىچا ئەكەلگىن! ـ دېدى.
       فېركىس چىراغ تۈۋىدە بىر فوتو ئاپپاراتىنى ئويناپ ئولتۇراتتى. دادىسى ئون باش ياشقا كىرگەن ئوغلىنىڭ دۈمبىسىگە يېنىككىنە ئۇرۇپ قويۇپ:
       ـ ئويۇننى كېيىن ئوينىۋالغىن، ماڭ. تېز بېرىپ ئۇۋاق قىچا ئېلىپ كەل! ئاچقۇچنى ئېلىۋال، يېنىپ كەلگىنىڭدە قوڭغۇراقنى بېسىپ بىزنى ئاۋارە قىلىپ يۈرمە، ـ دېدى.
       فىركىس قۇتا بىلەن پۇل ھەم  ئاچقۇچنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
       فېركىس نۇردۇن دۇكانلارنى ئارىلىدى.
       ئۇ باشقا خىياللارغا بېرىلىپ كېتىپ ئۇۋاق قىچا بىلەن قېزىنىڭ ئىشىنى پۈتۈنلەي ئېسىدىن چىقىرىپ قويغان،  قۇتىمۇ نەدىدۇر، يوقالغانىدى. دۇكانلارلار دېرىزىلەرنىڭ قاپقاقلىرىنى تاراقلىتىپ يايقاندىلا،  ئۇ ئۆزىنىڭ  شەھەر كوچىسىدا بىر سائەتچە يۈرۈپ كەتكىنىنى سەزدى. بۇ چاققىقىچە قېزا پىشىپ تېشىلىپمۇ كەتكەندۇ. فېركىس قورقۇپ ئۆيگە قايتىشقا پېتىنالمىدى. ئۇ تېخى بىر چىمدىممۇ قىچا ئالمىغانىدى، قۇرۇق قول بارسا چوقۇم كاچات يەيتتى. بۈگۈنكىدەك خۇشاللىق كۈندە تەستەك يېسە، بۇ ئۇنىڭغا ئېغىر كېلىدۇ ـ دە!
       پولىس ئەر ـ خوتۇن ئىككسىى قىچا سېپىلمىگەن قېزىنى يەۋېتىپ تازىمۇ تېرىكتى. سائەت سەككىز بولغاندا، ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى، سائەت توققۇز بولغاندا فېركىسنىڭ ئاغىنىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ سۈرۈشتۈردى، ساقچىغىمۇ مەلۇم قىلىشتى، ئۇدا ئۈچ كۈن كۈتكەن بولسىمۇ، يەنىلا ئىز دېرىكى بولمىدى. شۇ تەرىقىدە ئۇلار ئۇنى يەنە ئۈچ يىل كۈتتى. يەنىلا ھېچقانداق خەۋەر بولمىدى. ئۇلار ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۈمىدى ئۈزۈلۈپ، قاتتىق ھەسرەت ئىچىدە قالدى...
       شۇنىڭدىن باشلاپ، روژدېستۋو بايرىمىنىڭ ھارپا كۈنى، ئەر ـ خورۇن ئىككىسىنىڭ قارىلىق تۇتىدىغان كۈنى بولۇپ قالدى. ھەر يىلى ھارپا كۈنىدە، ئۇلار نورۇز ئارچىسىنىڭ يېنىدا ھېلىقى كىچىك فوتو ئاپپاراتىغا ۋە ئوغلىنىڭ كۆك كاستۇم، قارا شىلەپە كېيىپ چۈشكەن سۈرىتىگە قاراپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى. ئۇلار ئوغلىنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى، بەزىدە دادسىى ئۇنى ئازراق دۈشكەلەپ قويغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، تاك ئېتىپ چەكمەيتتى. ئۇلار ئەمدى قېزىنى قىچا رىلاشتۇرميا يەيدىغان بولدى. بالىنىڭ پىراقىدا ئۇلارنىڭ ئاغزىغا تاماق تېتىمايدىغان بولۇپ قالغانىدى.
      ئىككىسى يانمۇ يان ئولتۇرۇپ، كۆيۈۋاتقان  شامغا قارىغىنىچە يىغلىشىپ كېتەتتى، كۆزلىرىدىن تاراملاپ تۆكۈلۈۋاتقان ياشلاپر نورۇز ئارچىسىدا يالتىراپ تۇرغان شارچىلارغا ئوخشىشىپ كېتەتتى؛ ھەر يىلى شۇ چاغدا دادىسى: «بۇ قېتىم قېزا بۆلەكچىلا ئوخشاپتۇ»، دەپ قوياتتى، ئاپىسى بولسا: «ئاشخانىغا چىقىپ فېركىسقا ئېلىپ قويغان قېزىنىمۇ سىزگە ئەكىرىپ بېرەي، ئەمدى ئۇنى يەنە كۈتىۋېرىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى» دەيتتى.
       ئاخىر فېركىس قايتىپ كەلدى.
       بۇ، 1926 ـ يىلى روژدېستۋو بايرىمىنىڭ ھارپا كۈنى ئىدى. سائەت  ئالتىدىن ئاشقاندا، ئاپىسى پىشقان قېزىنى ئەكىردى، دەل شۇ چاغدا دادىسى:
       ـ سەن ھېچنېمە ئاڭلىمىدىڭمۇ؟ ئىشىك ئېچىلغاندەك قىلىدىغۇ؟ ـ دېدى. ئۇلار جىم ئولتۇرۇپ، ئىشىك تەرەپكە قۇلاق سالغاچ تاماق يېيىشكە باشلىدى. كىمدۇ بىرى ئۆيگە كىردى.  ئۇلار ئۆرۈلۈپ قاراشقا جۈرئەت قىلالمىدى. بىرى تىترەك ئاۋازدا:
       ـ دادا، ئۇۋاق قىچا ئەكەلدىم!ـ دېدى. ئارقىدىنلا ئۇۋاق قىچا توشقۇزۇلغان بىر قۇتا ئۈستەلگە قويۇلدى...
       ئاپىسى قوللىرىنى جۈپلەپ، بېشىنى ئاستا تۆۋەن سالدى. دادىسى ئۈستەلگە تايىنىپ ئورنىدىن تۇردى، ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرى ياشقا تولغان بولسىمۇ، كۈلۈمسىرىگىنىچە ئوغلىنى بوش بىر شاپىلاق ئۇرۇپ قويۇپ:
       ـ شۈنچىمۇ ئۇزۇن يوقاپ كەتكەن بارمۇ! ھۇ تەنتەك، ماڭ، جايىڭغا بېرىپ ئولتۇر!... ـ دېدى.

              (خەنزۇچە، «كىتابخانلار ئۈچۈن تەرمىلەر»ژۇرنىلىنىڭ 1984 - يىل 9 - سانىدىن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.