تەنقىت(ئادېلېشىۋىلى)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-24 11:59:00

تەنقىتئا. ئادېلېشىۋىلى (روسىيە) ھەمدۇل قاسىم تەرجىمىسى چۈشلۈك دەپ ئېلىش ۋاقتى ئىدى. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئىشىكنى «غىچ» قىلىپ ئېچىپ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەلدى.ـ بۈگۈن بىر يىغىن بار، ـ دىد...

    تەنقىت
    ئا. ئادېلېشىۋىلى (روسىيە)
    ھەمدۇل قاسىم تەرجىمىسى

       چۈشلۈك دەپ ئېلىش ۋاقتى ئىدى. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئىشىكنى «غىچ» قىلىپ ئېچىپ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەلدى.
    ـ بۈگۈن بىر يىغىن بار، ـ دىدى ئۇ.
    ـ خەۋىرىم بار. ـ بىز سېنى تەنقىدىي پىكىر بېرىشكە بەلگىلىدۇق.
    ـ بولىدۇ، ـ دىدىم مەن دەرھاللا قوشۇلۇپ، ـ زاۋۇت باشلىغىغا خېلى بۇرۇنلا پىكىر.. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى قاپاقنى تۈرۈپ مېنى توختىتىپ قويدى.
    ـ ئۇنداقتا باش ئىژېنېرغا پىكىر بېرەي.
    ـ سەنزە... ـ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئاغزىمنى تۇۋاقلاپ ئەتراپقا قاراپ قويدى.
    ـ بوپتۇ، بىراق، بىزنىڭ باش بوغالتىر توغرىلىق...
    ـ بولمايدۇ!
    ـ ئۇ مېنىڭ ئەېپىمنى يەنە رەت قىلىۋەتتى.
    مەن ئويلاپ قالدىم.
    ـ تاپتىم! ـ دىدىم مەن سەل توختىۋالغاندىن كېيىن، ـ بىزنىڭ بۇ يەردىكى لېفىتقا قارىغۇچى بەزىدە ئادەملەرنى لېفىتقا سولاپ قويۇپ، ئادەملەر چۈشەلمەي قالىدۇ. ئۇندىن باشقا تازىلىق قىلىدىغان خانىم پول سۈتكەندە ھەمىشە پولنى ھۆل قىلىۋېتىدۇ.
    ـ بۇ تازا ياخشى بولدى،
    ـ دىدى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى مېنى ئالھاملاندۇرۇپ، ـ يەنە قانداق ئىشلار بار؟
    ـ ئۇندىن باشقا، ئىشخانىمىزدىكى چۆگۈن تېشىلىپ قالدى. خىزمەتچى ئۇنى رېمونت قىلدۇرغىلى ئاپىرىپ بەرمەيۋاتىدۇ. ئۇنىڭ كاساپىتىدىن چۈشلۈگى چاي ئىچەلمەيۋاتىمىز.
      ـ بولدى، بولدى، مۇشۇلار يېتىدۇ، ـ دىدى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى خوشال بولۇپ، ـ يۈز قارىماي ھەممىنى سۆزلىگىن...
      ـ ئۇ قوللىرىنى رازىمەنلىك بىلەن ئۇۋىلاپ قويۇپ، دىمەكچى بولغان گەپلىرىمنى خاتىرىسىگە تېزىۋالدى. ئەتىسى لېفىتقا قارىغۇچى مېنى لېفىتقا ئولتۇرغۇزماي، يېقىن كەلگەندە ئىشىكنى يېپىۋالدى. تازىلىق قىلىدىغان خانىم ئىش ئۈستىلىمنى سۈرتمەيدىغان بولۇۋېلىپ، ئۆيگە تۇبېركۇليۇزىغا مۇپتىلا بولغان ئادەمدەك كۈن بويى توختىماستىن يۆتىلىپ يۈردۈم. خىزمەتچى ئىشخانىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا يېڭىدىن كەلگەن «ئۆسمۈر تېخنىك» دىگەن ژورنالنى كۆرۈپ ئولتۇردى. ئۇ چىشلىرىنى ھەدەپ غۇچۇرلىتاتتى. بەزىدە ماڭا غەزەپلىك كۆزلىرى بىلەن ئالىيىپ قوياتتى. قاراڭغۇ چۈشكەندە ھەممىسىنىڭ ئۈستىلىدىكى چىراقلىرى ياندى، پەقەت مېنىڭلا يانمىدى.
    («كىتاپخانلار ئۈچۈن تەرمىلەر» ژورنىلىنىڭ 1984 ـ يىل 12 ـ سانىدىن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق