يوقالغان تىللا(چېننىڭ پاۋلىك)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-27 00:14:00

يوقالغان تىللا چېننىڭ پاۋلىك(ئامېرىكا) ھەلىمە باقى تەرجىمىسى بىرىنچى جاھان ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ھەربىي سەپتىن قايتقان بىر تۈركۈم ھەربىلەر يۇرتى فرانسىيىگە قايتىپ كېلىپ، ھەممىسى دېگۈ...

           يوقالغان تىللا
    چېننىڭ پاۋلىك    (ئامېرىكا)
    ھەلىمە باقى تەرجىمىسى

    بىرىنچى جاھان ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ھەربىي سەپتىن قايتقان بىر تۈركۈم ھەربىلەر يۇرتى فرانسىيىگە قايتىپ كېلىپ، ھەممىسى دېگۈدەك ئۆز كۈنىنى ئۆزى ئېلىپ كەتتى. يالغۇز فرانسوۋا لېفودلا ئىش تېپىپ ئىشلىيەلمىدى.
       ئۇ بۇرۇن زەھەرلىك گازدا زەھەرلەنگەچكە. جىسىمانىي جەھەتتە ئاجىزلاپ، ئەسلىگە كېلەلمىگەنىدى. كۈنلەرنىڭ ئۆرۈشى بىلەن يوقسىزچىلىقتىن ئۇنىڭ يىلىكى ئۈزۈلدى. شۇنداق ھالەتتە تۇرۇپمۇ، ئۇ بوينى قاتتىق ئادەم بولغاچقا، مەھەللىدىكىلىرىنىڭ ياردىمىنى زادىلا قوبۇل قىلمىدى. ھەربىي سەپتىن قايتقانلار ھەر يىلى بىر قېتىم ئولتۇرۇش قىلاتتى. بىر قېتىم ئۇلار گلانېنىڭ ئۆيىگە يىغىلىشنى. پىشانىسى ئوڭ بۇ ئەپەندىم سىمىزلىكتىن ئىغاڭشىپ ئارانلا ماڭاتتى.
        ئۇ بىر دانە قەدىمىي تىللانى ئېلىپ ئاغىنىلىرىگە كۆز ـ كۆز قىلدى ۋە ئۇنى ئاغزى ـ ئاغزىغا تەگمەي بىر ھازا ماختىدى. ئۈستەلدە چۆرىدەپ ئولتۇرغانلار بۇ تىللاغا قىزىقىپ قولمۇ ـ قول ئېلىپ كۆرۈشتى. ئۇلار ئېچىپ ـ يېيىلىپ، بولۇشىغا ئىچىشىپ، ئۆينى بېشىغا كىيدى. ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتۈپ تىللا ئۇلارنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. بۇ چاغدا گېلاندېنىڭ تىللاسى نەگىدۇر غايىپ بولغانىدى. بۇنىڭ بىلەن سورۇن قالايمىقانلىشىپ كەتتى. خېلى سۈرۈشتۈرۈلگەن بولسىمۇ تىللانى كۆردۈم دېگەن بىرمۇ ئادەم چىقمىدى. مەھەللىدىكى ئادۋوكات ئاخىرى سورۇندىكىلەرنىڭ يېنىنى ئاختۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. بۇنىڭغا ھەممەيلەن قوشۇلدى، يالغۇز لېفودلا قوشۇلمىدى. ھەمراھلىرى ئۇنىڭغا ھەيران بولۇپ قاراپ قىلىشتى.
        ـ بۇ گەپچە يېنىڭىزنى ئاختۇرۇشقا قوشۇلمايسىز؟ ـ دەپ سورىدى گېلاندې. لېفود قۇلاقلىرىغىچە قىزىرىپ:
       ـ شۇنداق، مەن قوشۇلالمايمەن، ـ دېدى.
       ـ سىز ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ـ دەپ سورىدى تىللانىڭ ئېگىسى، ـ سىزنىڭ قوشۇلماسلىقىڭىز نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
        ـ مەن تىللانى كۆرگىنىم يوق، خەقنىڭ مېنى بېكاردىن بىكار ئاختۇرۇشىمغىمۇ چىداپ تۇرالمايمەن، ـ دېدى لېفود. لېفودىن باشقىسى يانچۇقلىرىنى ئۆرۈپ كۆرسىتىشتى. تىللا ئۇلاردىن چىقمىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەممىسىنىڭ نەزەرى بىچارە لېخودقا مەركەزلەشتى.
        ـ سىز جاھىلىق قىلىپ تۇرۇۋالمايسىزغۇ دەيمەن؟ ـ ئادۋوكات قايتىلاپ سورىغاندا لېفود گەپ تىلالماي قالدى.
        گېلاندې غەزەپلىنىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.
       لېفود بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىدى. دوستلىرىنىڭ ئىچ ئاغرىتىپ قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن لېفود خىجىلىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ، گويا ـ جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك بېشىنى يەردىن ئالماي ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.
        شۇ ئىش بىلەن لېفودنىڭ يۈزى تۆكۈلدى. كىشىلەر ئۇنىڭغا كۆز قىرىنىمۇ سېلىپ قويمايتتى. ئۇ تېخىمۇ نامراتلاشتى، خوتۇنىمۇ ئۆلۈپ كەتتى.
        ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئىش كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپمۇ كەتتى. بىر نەچچە يىل ئۆتۈپ، بۇ ئىش بىر رىۋايەتكە ئايلىنىپ قالدى.
        بىر كۈنلەردە گېلاندېنىڭ ئۆيىدىكى جاھازلارنى يۆتكەشكە توغرا كېلىپ، بىر ئۇستا ئەينى چاغدا ئولتۇرۇش قىلغان ئۆينىڭ تاختىيىنىڭ قىسىلچىقىدىن ھېلىقى تىللارنى تېپىۋالدى.
        گېلاندې تەكەببۇر بولغىنى، بىلەن سەمىمىي ئادەم ئىدى. پاكت لېفودنىڭ پاك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغاندىن كېيىن، ئۇ لېفودتىن ئەپۇ سورىماقچى بولدى ـ دە، لېفودنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭغا تىللانىڭ ئويلىمىغان يەردىن تېپىلىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭدىن ئورۇنسىز گۇمانلانغانلىقى ئۈچۈن ئەپۇ سورىدى.
       ـ شۇ چاغدا ئۆزىڭىزنىڭ پاك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، نېمىشقا يېنىڭىزنى ئاختۇرغىلى قويمىدىڭىز؟ ـ دەپ سورىدى گېلاندې ئاخىرىدا،
       لېفودنىڭ ئۈستېبېشى جۇل ـ جۇل ئىدى. سالامەتلىكى قېرى ئادەمدەك ئاجىزلاپ كەتكەندى. ئۇ مەيۈس ھالدا گېلاندېغا قاراپ قويدى.
       ـ مەن ئوغرىلىق قىلغان، ـ دېدى ئۇ، ـ ئۇ چاغدا بىزنىڭ تويغۇدەك تاماق يېمىگىنىمىزگە بىرنەچچە ھەپتە بولغانىدى. مەن ئايالىم بىلەن ئاچلىقتىن سارغىيىپ كەتكەن بالىلىرىمغا ئازراق يەيدىغان نەرسە ئالغاچ كېتەي دەپ، ئۈستەلدىكى يېمەكلىكلەردىن ئېلىپ يانچۇقۇمنى تولدۇرۇۋالغانىدىم.

     (خەنزۇچە «چەت ئەل ھېكايىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 1986 ـ يىل 5 ـ سانىدىن)

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 11:30:55]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.