جادىگەرنىڭ قاچىسى

يوللىغۇچى : KOKOYUN يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-24 01:02:00

جادىگەرنىڭ قاچىسى بۇرۇنقى زاماندا بىر ئوتۇنچى يىگىت بولۇپ ئەدەپ ئەخلاقلىق ئىتقاتلىق بالا ئىكەن. ئۆمرىدە كىشىلەرگە خەير ساخاۋەت قىلىپ ئۆتۇشنى نىيەت قىلغان ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە يىگىت يىراق...

    جادىگەرنىڭ قاچىسى

        بۇرۇنقى زاماندا بىر ئوتۇنچى يىگىت بولۇپ ئەدەپ ئەخلاقلىق ئىتقاتلىق بالا ئىكەن. ئۆمرىدە كىشىلەرگە خەير ساخاۋەت قىلىپ ئۆتۇشنى نىيەت قىلغان ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە يىگىت يىراق سەھراغا چىقىپ ئوتۇن كەسلەپ قايتاشىدا ئورماندىن ئۆتكىچە قىرى بىر موماينىڭ ئىنجىقلاپ ھاسىرىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ قاپتۇ.

        يىگىت ئەتراپقا قارسا ئانچە ئۇزاق بولمىغان يەردە قىرى بىر موماي دەرەخ يىنىدا ئولتۇرغان بولۇپ ئۆزىدىن سەل يىراقتىكى يەردە تۇرغان قاچىنى ئالالماي ئنجىقلاپ تۇرغان ئىكەن. يىگىت دەرھال ئوتۇننى تاشلاپ  موماينىڭ ئالدىغا كىلىپ ئەسسالام موما سىز قىينالماڭ سۇيىڭىزنى مەن ئىلىپ بىرەي دەپ قاچىنى قولىغا ئىلىشىغا موماي چالۋاقلاپ ۋاقىراشقا باشلاپتۇ.

       - كىم سىنى چاقىرىپ كەپتۇ ماڭ يوقال، قاچامنى نىمىشقا تۇتىسەن؟ سىنىڭ ئوتۇن كەسكەن قولۇڭنىڭ مەينىتىنى قىرىق يىل يۇيساممۇ چىقىپ كەتمەيدۇ...يىگىت:

       - خاپا بولماڭ موما مەن سىزگە ياردەم قىلاي دەپتىكەنمەن.موماي:

       - كىم سىنى ياردەم قىل دەپتۇ؟ مىنىڭ قاچامنى مەندىن باشقا ھىچكىمنىڭ تۇتىشىغا رۇخسەت يوق . ئەگەر تۇتۇپ قالغۇچى بولسا ئۇچ شەرتىمنىڭ بىرىنى قىلمىغۇچە مەندىن قۇتۇلمايدۇ! دەپتۇ. يىگىت ئەجەپلىنىپ:

       -خەيرىيەت ! سىزنىڭ قاچىڭىزنى بىسوراق تۇتقان گۇناھ ئۆزەمدە. قىنى ئىيتىڭ قانداق ئۇچ شەرتىڭىز بار؟

         موماي:

       - بىرى سەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىرى باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەنە بىرى بولسا سەن ۋە باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قايسىغا تۇرسەن؟ دەپتۇ.

           يىگىت:    

        -شەرتلىرىڭىزنىڭ مەزمۇنىنى ئاڭلاپ باقاي دەپتۇ.

          موماي:

     1. بۇ قاچىدىكى ھاراقنى ئىچىسەن. ياكى2. ئاۋۇ دەرەخكە باغلاقلىق بالىنى ئۆلتۇرسەن.ياكى بولمىسا ماۋۇ دەرەخكە باغلاقلىق خوتۇن بىلەن بىللە بولسەن!دەپتۇ.. يىگىتنىڭ بىشىدىن تۇتۇن چىقىپ كىتىپتۇ. نىمە قىلارىنى بىلمەپتۇ. بۇ ئۇچ شەرتنىڭ چوقۇم بىرىنى قىلىپ جادىگەردىن قۇتۇلۇش ئۇچۇن ئويلۇنۇپتۇ: 2 شەرت بىلەن 3. شەرت باشقىلارغا زىيان يەتكۇزدىغان شەرت ئىكەن ،ئۇندىن كۆرە 1 شەرتتىكى ھاراقنى ئىچسەملا بولدىكەنغۇ باشقىلارغا زىيان كەلتۇرگىچە ئۆزەمگىلا زىيان كەلتۇرەي دىگەن يەرگە كەپتۇ.موماينىڭ قاچىسىدىكى ھاراقنى بىرلا كۆتۇرۇپ ئىچىۋتىپتۇ.....

          بىردەم تۇرۇپ يىگىتنىڭ بىشى ئايلىنىپ ئەقلىنى يوقۇتۇشقا باشلاپتۇ... قالايمىقان قاقاھلاپ كۇلۇشكە باشلاپتۇ... پالتىسىنى كۆتۇرۇپ ئالا چوقا ۋاقىراپتۇ... مومايغا قاراپ,

         -ئاپپاق موما يەنە شاراپ بارمۇ دەپتۇ. موماي يىگىتكە قاراپ جىنىم ئوغلۇم ئاۋۇ كىچىك بالا بايا مىنىڭ قاچامنى ئىۋالدى دەپ يىغلاشقا باشلاپتۇ...يىگىت:

         كىمكەن ئۇ مومامنىڭ قاچىسىنى ئىۋالغان دىگىنچە بىرىپ دەرەخكە باغلاقلىق كىچىك بالىنى چىپىتىپتۇ... موماي يەنە ھاراق توشقۇزغان قاچىنى ئۇزۇتۇپ :    

        -بالام ئاۋۇ خوتۇن سىنىڭ خوتۇنۇڭ بولدۇ دەپتۇ. يىگىت قاچىنى بوشتۇۋتىپ كۇلگىنچە بىرىپ باغلاقلىق خوتۇنغا باسقۇنچىلىق قىپتۇ.....

         ئۇيقىدىن ئويغانغان يىگىت بىشىنىڭ قاتتىق ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھىس قىپتۇ. ئەتراپقا قارغۇدەك بولسا ھەممە يەر كىچىك بالىنىڭ قىنى بىلەن بويالغان... دەرەخكە باغلاقلىق ئايال ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان...

           قېرى موماي بولسا ھىچيەردە يوق. بىر چەتتە موماينىڭ قاچىسى تۇرغانلىقىنى كۆرۇپتۇ، شۇ چاغدا كۆپچىلىككە يىراقتىن شەيتاننىڭ كۈلكىسى ئاڭلانغاندەك بىلىنىپتۇ ...

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق