ئاخىر يېتىپ كەلدى...(ي. كانۋسكى)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-26 21:17:00

ئاخىر يېتىپ كەلدى... ي. كانۋسكى (سوۋت ئىتتىپاقى) ئابلەت بەكرى تەرجىمىسى ـ بۇنداق قىلشىنى خالىمايمەن!... بۇنداق قىلمايمەن!... بۇنداق قىلىش ھوقۇقۇممۇ يوق!... ـ زاۋۇت باشلىقى كەينى ـ كەينىدىن قوپاللىق ...

    ئاخىر يېتىپ كەلدى...
    ي. كانۋسكى (سوۋت ئىتتىپاقى)
    ئابلەت بەكرى تەرجىمىسى

     ـ بۇنداق قىلشىنى خالىمايمەن!... بۇنداق قىلمايمەن!... بۇنداق قىلىش ھوقۇقۇممۇ يوق!... ـ زاۋۇت باشلىقى كەينى ـ كەينىدىن قوپاللىق بىلەن ۋاقىرىۋىدى، ئۈچ خىزمەتچى ئىشخانىدىن غىڭ قىلماي چىقىپ كەتتى.
       ئايال كاتىپ كىرىپ ئېغىزى پېچەتلەنگەن بىر كونۋىرتنى زاۋۇت باشلىقىغا بەردى.زاۋۇت باشلىقى كونۋېرتقا قارىدى-دە، خۇشال بولۇپ سۆزلەپ كەتتى!
       ـ ئاھ، ئاخىرى يېتىپ كەلدى!... ئاندىن ئۇ توساتتىنلا بىر ئىشنى يادىغا ئالغاندەك ئىشىككە قاراپ بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى.
       ـ ئۇلارنى چاقىرىپ كىرىڭ! ـ دېدى ئۇكاتىپقا. كاتىپ ئەرزگە كەلگەنلەر بىلەن لىق تولغان كۈتۈش زالىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، ھېلىقى ئۈچ خىزمەتچىنى ناھايىتى تەسلىكتە تېپىپ كىردى.
        ـ سىز بايام بىزگە ئۆي كېرەك، دېۋىدىڭىزغۇ دەيمەن، ـ دەپ سورىدى زاۋۇت باشلىقى بىرىنچى كىشىدىن.
       ـ ھەئە، ئىگور پېتروۋىچ. ھېچبولمىغاندا بىر يۈرۈش بولسىمۇ مەيلى! مەن ئۇلارنى شۇ ئۆيگە كۆچۈرەي.
       ـ نېمىشقا ئارانلا بىر يۇرۇش دەيسىز؟ سىلەرگە تۆت يۈرۈش بېرەي. ياش مۇتەخەسسىسىلەرنى ئاسراش كېرەك ـ تە، ھەربىرىڭلەرگە بىر يۈرۈشتىن بولسۇن.
        ـ مەن لايىھىلىگەن چېرتيوژنى تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈپ بېقىشنى بولسىمۇ تەستىقلىغان بولسىڭىز، ـ دەپ ئۆتۈندى ئىككىنچى كىشى.
        ـ بۇنداق قىلساق ئىشلەپچىقىرىشقا تەسىر يېتىدۇ. بىز دەرھال بۇ لايىھىنى ھەممە سېختا ئىشلىشىمىز كېرەك. ھە راسىت! ئازراق قاراملىق قىلمىسىمۇ ئىش ئاقمايدۇ ـ دە. خوش، سىزنىڭ تەلىپىڭىز؟ ـ دەپ سورىدى زاۋۇت باشلىقى ئۈچىنچى كىشىدىن.
       ـ ئىش باشقۇرغۇچىغا ئېيتىپ قويۇڭە، كىشىلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىغا سوغۇق سۇ سەپمىسە، ـ دېدى ئۈچىنچى كىشى.
       ـ ئېتىپ قويۇش بىلەن مەسىلە ھەل بولمايدۇ، مەن ئۇنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، ئورنىغا سىزنى قويىمەن، بىز ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن غەم يەيدىغان كىشىلەرگە مۇھتاج، ـ دېدى زاۋۇت باشلىقى.
        ئەرزئېيتىپ كەلگەن كىشىلەر ئىشخانىدىن خۇشال چىقىپ كەتتى.
       ـ ئىگورپېتروۋىچ بۈگۈن كۈن قاياقتىن چىقتى، باشقىچىلا بولۇپ قاپسىزغۇ؟ ـ دەپ سورىدى كاتىپ.
        زاۋۇت باشلىقى ئۈستەلنىڭ يېنىدا خۇددى مۇنبەردە تۇرغاندەك تۇرۇپ سۆزلەپ كەتتى:
        ـ مەن بۇ ئورۇندا يىگىرمە يىل ئولتۇرغان بولساممۇ، مەسئۇلىيەتتىن قورقۇپ، ئۆز ئالدىمغا بىرەر ئىشنىمۇ قارار قىلالمىدىم. مەن ئۇزۇندىن بېرى پېنسىيىگە چىقىشنى كۈتۈۋاتاتتىم. بۈگۈن ئاخىرى مەقستىمگە يەتتىم: ئەتىدىن باشلاپ مەن پېنسىيىدىكى ئادەممەن. دېمەك، بۈگۈن قىلغان ھەممە قارارلىرىمغا ئەتە باشقا ئادەم كېلىپ مەسئۇل بولىدۇ. سىز دەرھال بېرىپ زاۋۇتتىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ مېنىڭ يېنىمغا بىر ـ بىرلەپ كېلىپ كېتىشىنى ئېيتىپ قويسىڭىز، مەن ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەستىقلايمەن، ھەممىسىنى ھەل قىلىمەن... يېرىم ئۆمرۈم پۇت ـ قولۇمنى باغلاپ قويغاندەك ئۆتتى، ئاخىرى يېرىم كۈن بولسىمۇ راۋۇرۇس خىزمەت قىلىۋالاي. ئاھ، مەن كۈتكەن بۇ كۈن ئاخىرى يېتىپ كەلدى!
        («روسىيە - سوۋېت ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 1985 - يىل 4 - سانىدىن)

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 10:29:49]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.