ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ (شىنىچى خۇشى)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-14 19:30:00

ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ شىنىچى خۇشى(ياپونىيە) تۈرلۈك ماللار ماگىزىنى قىزغىن بازار بولىدىغان جاي، ماگىزىننىڭ ئىشىگىدىن كىرسەملا، قەدىمىم ئىختىيارسىز يېنىكلەپ قالىدۇ. شەھەردە تۈرلۈك ماللا...

           ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ 

    شىنىچى خۇشى(ياپونىيە)

           تۈرلۈك ماللار ماگىزىنى قىزغىن بازار بولىدىغان جاي، ماگىزىننىڭ ئىشىگىدىن كىرسەملا، قەدىمىم ئىختىيارسىز يېنىكلەپ قالىدۇ. شەھەردە تۈرلۈك ماللار بىناسىدىنمۇ ئارتۇق كىشىنىڭ مەيلىنى تارتىدىغان جاي يوققۇدەپ ئويلاپمەن. ئۇ يەر قىش كۈنلىرى باھاردەك ئىللىق، ياز كۈنلىرى سالقىن، مودا كىيىملەر، ئىپمچورت قىلىنغان تۈرلۈك ماللار، ھەر خىل ئىسىل توۋارلار كۆزنى ئالا ـ چەكمەن قىلىپ تۇرىدۇ. پۇكەيلەرنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، شۇ قەدەر كۆپ نەرسىلەرنى كۆرگىنىڭىزدە خوشاللانماي تۇرالمايسىز. پۇلىڭىز بولسا خالىغىنىڭىزنى ئالىسىز، پۇلىڭىز بولمىسىمۇ، قورۇق قول يانمايسىز...
        مەن ئاۋال قاچا ـ قۇچا سېتىلىدىغان پۈكەيگە كەلدىم ـ دە، بىر ۋىلكىنى تۇيدۇرماي سومكامغا سېلىۋالدىم. بۇنداق چاغلاردا، ھەرگىز ھودۇقۇپ ئۇيان ـ بۇيانغا قاراشمۇ، ئالاقزادە بولۇپ غىپپىدە تىكىۋېتىشمۇ ياخشى چارە ئەمەس. ئەڭ ياخشىسى، بىر نەرسە ئېلىش ـ ئالماسلىق توغرىسىدا بىر قارارغا كېلەلمىگەن `قىياپەتكە كىرۋېلىپ، ئاندىن بىخىرامان چىقىپ كېتىۋېرىش كېرەك. تەلىيىمگە بىرمۇ پىركازچىك مېنىڭ بايىقى ھەركىتىمنى بايقىمىدى. ئېھتىمال، ئېسىل ياسىنىۋالغانلىغىم ئۈچۈن ئۇلار ماڭا دىققەت قىلمىغاندۇ ياكى بۇنداق ۋىلكا ئەرزان مال بولغاچقا، ئارتۇقچە كۆڭۈل بۆلمىگەندۇ. مەن لېفىت بىلەن ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ، ئېلېكتىر سايمانلىرى پۇكىيىگە كەلدىم. بۇ يەردە نۇرغۇن كىچىك رادىيولار تىزىقلىق تۇراتتى. مەن ئۇدۇل بېرىپ ئۇنىڭدىن بىرنى ئالىدىم، تاللاۋاتقان قىياپەتتە يەنە قويۇپ قويۇپ، ئارقىدىن يەنە بىرنى ئالدىم ۋە شۇ ئارلىقتا پەملەپ تۇرۇپ، كىچىك رادىيونى سومكامغا سېلىۋالدىم. بۇ تۈرلۈك ماللار بىناسىدا بىرەر ئىش قىلىش راستلا ئاسان ئىكەن، مەن يازا پۇخادىن چىقماي، باشقا جايغا بېرىشقا تەمشىلىپ تۇرغىنىمدا، كەينىمدىن بىرسىنىڭ بوش گەپ قىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى:
    ـ خېنىم، بىرەر نەرسىڭىزنى ئۇنتۇپ قالمىغانسىز؟
      ئۆرۈلۈپ قارىسام، كەينىمدە ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئەر تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ كىيىمى ئادەتتىكىچە ئىدى، ئەمما قارىسا ئادەمنى سۈر باساتتى. مەن قورقۇپ قېتىپلا قالدىم، بىراق يەنە تېزلا ئۆزەمنى ئوڭشىۋېلىپ، پەرۋاسىزلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇردۇم:
    ـ رەھمەت سىزگە، بىرەر نەرسەم ئۇنتۇلۇپ قاپتىمۇ؟
    ـ سىز ئادەم ھەيران قالغۇدەكلا ئادەم ئىكەنسىز. سىزگە دەيدىغان گەپ بار، بۇياققا كېلىڭ. ھىلىقى ئەر قولۇمدىن تۇتۇپ، پۇكەينىڭ كەينىدىن بىر ئۆيگە ئېلىپ كىردى. ئۆينىڭ ئىچىدە بىر ئۈستەل، بىر ئورۇندۇقتىن باشقا ھىچنىمە توق ئىدى.
    ـ نىمە دىمەكچىسىز؟
    ـ خۇپسەنلىق قىلماڭ، سومكىڭىزدىكى رادىيونى دىمەكچىمەن،
    ـ ئۇ، كېنىشكىسىنى چىقاردى، ئەسلىدە ئۇ مۇشۇ ماگىزىننىڭ ساقچىسى ئىكەن. مەن سومكامنى ئېچىپ، رادىيونى چىقاردىم:
    ـ نىمە بوپتۇ؟ ... سىرتقا چىققاندا رودىيو ئېلىپ ماڭىدىغان ئادىتىم بار...
    - بىراق، مېنىڭ بىلىشىمچە، سىز بۇ يەرگە كەلگەندە رادىيو ئالماي كەلگەنغۇ دەيمەن، ـ دىدى ساقچى بىر خىل تەئەددى بىلەن. بۇ، ئۇنىڭ ھەممىنى بىلىۋالغانلىغىنى بىلدۇرەتتى. بۇنداق رەقپىنىڭ ئالدىدا خۇپسەنلىق ئەسقاتمايدىغانلىشىنى پەملەپ، گەپنى ئۆزگەرتتىم:
       ـ ھە rاست، بۇنى بايا ئالغانتىم، ـ ئۇنداقتا، تالۇننى كۆرسىتىڭ.
       ـ ھە، بولىدۇ، بىراق ... نەدە قالدىكىنا؟ مەن يانچۇغۇمنى ئاختۇرغان بولۇپ ئۇنىڭغا نازلىنىپ، قاش ئېتىپ ئۇنى سىناپ باقتىم. بۇ چارەممۇ ئۇنىڭ ئالدىدا ئانچە كارغا كەلمىدى.
    ـ ... تاپالمىدىم، يۈتتۈرۈپ قويغان ئوخشايمەن.
    ـ راستلا ئالغان بولسىڭىز، پۇكەيدىن سورىساقلا ئېنىقلىنىدۇ، ـ ئۇ شۇنداق دەپلا شىرەنىڭ ئۈستىدىكى تېلېفۇنغا قول ئۇزاتتى. مەن دەرھال ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ، يالۋۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم.
        ـ ئەيىپ مەندە، پۇلنى تولىۋەتمەپتىمەن، ماڭا تولىمۇ يارىغان ئىدى، شۇڭا ئاۋال سومكامغا سېلىۋاپتىمەن. باشتىلا مۇشۇنداق دىگەن بولسىڭىز ياخشى بولاتتى، بوپتۇ، ئەمدى، ئىسىم ـ فامىلىڭىزنى ئادىرسىڭىزنى ئېيتىپ بېرىڭ. يالغاندىن توقۇما، مەن تېلېفۇن بېرىپ ئېنىقلايمەن.
       ـ سىزدىن خوش بولاي، ئىسمىمنى سورىماڭ، ئۆيۈمدىكىلەر ئاڭلىسا، ئۇنىڭدىن ئۆلۈۋالغىنىم ياخشى. مەن ئاۋازىمنى چىقىرىپ يىغلىغىلى تۇردۇم. بۇ ھۈنەرنى مەن خېلى يىللاردىن بېرى تەكرار مەشىق قىلىپ ئۈگىنىۋالغان ئىدىم. مەن يىغلىشىنىمچە دەرىزىنىڭ يېنىغا بېرىپ، خۇددى بىنادىن دەرھال ئۆزەمنى تاشلايدىغان تەرىزدە تۇردۇم. بىراق، ئۇ كىشى قىمىر قىلىپمۇ قويماي، سۈرلۈك پېتىچە تۇراتتى. مەن ئۇنىڭغا بۇرۇلۇپ، يالۋۇرغان نەزەر بىلەن قارىدىم.
       ـ سىز مۇشۇ ئىشتا ماڭا كەڭ قورساقلىق قىلسىڭىز بولماسمۇ؟ ئالغان نەرسىنى قايتۇرۇپ بەردىم، شىركىتىڭلارغا ھىچنىمە زىيان بولمىدى. بايا مېنى شەيتان ئازدۇرۇپتۇ. مۇشۇ كىچىككىنە نەرسە ئۈچۈن، مېنى ھالاك قىلماقىمۇسىز؟ ـ ئەگەر باشقا دەم بولغىنىدا، كەچۈرۋېتىشكىمۇ بولاتتى. بىراق، سىزنىڭ «مېنى شەيتان ئازدۇرۇپتۇ» دىگىنىڭىزگە قارىغاندا، سىزنىڭ بۇنداق ئىش بىلەن شۇغۇنللىنىشىڭىز تۇنجى قېتىم ئەمەستەك قىلىدۇ. ئۇ مېنىڭ خپسەنلىق قىلىۋاتقىنىمنى، نازلىنىپ ئەركىلەشتىكى مۇدددىئايىمنى بىلىۋالغاندەك قىلاتتى.
        ـ پەندىيات، بۇندىن كېيىن بۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلماسلىققا قەسەم قىلىمەن،
        ـ مەن ئۆزەمنى تۇتۇۋالالماي، قولۇمنى ئۇزىتىپ ساپتىمەن.
        ـ ئۇنداقتا، سىز بىر خىل «كېسەل» گە مۇپتىلا بولغان ئوخشايسىز. ئەگەر بۇنى بىر خىل «كېسەل» دىيىشكە توغرا كەلسە، ئۇ ھالدا، بۇ ئىشنى ئاخىرقى قېتىم دىگىلى بولمايدۇ. ۋاقتىدا بالنېتسىدا يېتىپ بۇ يامان ئىللىتىڭىزنى داۋالاتمىسىڭىز، جەمىيەتكە تېخىمۇ چوڭ زىيان كەلتۈرسىز. ساقچى زادى يول قويمىدى. مەن ئىلاجىسىزلىقتىن، ئەڭ ئاخىرقى چارىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولدۇم: قول ياغلىغىمنى چىقىرىپ كۆز يېشىمنى سۇرتكەن بولۇپ، پۈتۈن پۇلدىن بىرنى چىقىرىپ بىلىندۇرمەي يەرگە تاشلىۋەتتىم، ئاندىن ئۇنىڭغا:
        ـ ھوي، پۇلىڭىز يەرگە چۈشۈپ قاپتۇ، ـ دىدىم. ساقچى يەردىن پۇلنى ئېلىپ تەئەججۈپ بىلەن ماڭا قارىدى ـ دە، قاپىغىنى تۈرۈپ:
        ـ بولمايدۇ، بۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ، ـ دىدى. بۇ پۇل مېنىڭ ئەمەس، ئەگەر پۇلۇم بولغىنىدا، مەن رادىيونىڭ پۇلىنى تۆلىۋەتمەمتىم؟ ئۇ، يەردىن پۇل ئېلىشقا ئېڭىشكەن پۇرسەتتە، شىرەگە يەنە بىرنى تاشلاپ قويدۇم. ئاندىن ئۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ دىدىم:
        ـ قاراڭ، بۇ يەردىمۇ سىزنىڭ چۈشۈرۈپ قويغان پۇلىڭىز تۇرىدۇ. ۋاي جېنىم، ئۆيدىكىلەرنى ئويلىسام، سىزگە يېلىنماقتىن باشقا ئامالىم يوق. سىزمۇ ئۆيىڭىزدىكىلەرنى ئويلاپ بېقىڭ؟ ئۇنداق قىلماڭ، مېنى قويىۋىتىڭ. مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېرىتىش ئۈچۈن، ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئۇنىڭغا يالۋۇرماقتا ئىدىم. شۇ ئارىدا، ساقچىنىڭ مۇئامىلىسىدە بىر ئاز ئۆزگىرىش بولدى: ئۇ قولىدىكى پۇلغا تىكىلىپ تۇراتتى:
        ـ ئەستاغپۇرۇللا... پەيىتتى چىڭ تۇتۇپ يەنە بىر غەيرات قىلىش زۆرۈر ئىدى. شۇڭا مەن ئېڭىشكەن بولۇپ پۇلدىن يەنە بىرنى يەرگە تاشلىدىم:
        ـ قاراڭ، شىرەنىڭ ئاستىدىمۇ پۇل تۇرىدۇ. ساقچى ئۇ پۇلنىمۇ ئالدى ـ دە، قولىدىكى پۇللارغا قاراپ، كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ تۇرۇپ كەتتى. ئاندىن ئېسىگە كەلگەندەك بېشىنى لېڭشىتىپ: 
       - بوپتۇ، بۇ ئىشنى بولدىغا چىقىرىۋېتەيلى. بۇندىن كېيىن بۇنداق ئىشنى زادى قىلماڭ. يەنە شۇنداق قىلسىڭىز، مەن ساقچى چاقىرىپ كېلىمەن! ـ دىدى.
        ـ سىزدىن كۆپ مىننەتدارمەن، مېنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭىز. مەن تاتلىققىنا كۈلۈپ قويدۇم. تەلىيىمگە ئۇ مېنى ئۆزەم ئىشلەۋاتقان شىركەتنىڭ كېنىشكىسىنى چىقىرىشقا مەجبۇر قىلمىدى، بولمىسا مېنىڭ بۇندىن كېيىن بۇ ماگىزىنغا يەنە كېلىش يولۇم بىراقلا ئېتىلىپ قالاتتى. بېشىمدىن تۈگمەن تېشى ئېلىۋېتىلگەندەك يېنىكلەپ، ماگىزىندىن چىقىپ كەتتىم. بۇ يەردىن چىقىپ، ئۇدۇل «قانۇنسىز قىلمىشلارنى تەكشۈرۈش ھەسسىدارلىق شىركىتى» دىكى ئىشخانامغا بارمدىم ـ دە، ئادىتىم بويىچە دەرھال مەلۇمات يېزىشقا كىرىشتىم: مەلۇم تۈرلۈك ماللار ماگىزىنىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغىنىمنى، قاچا ـ قۇچا پۇكىيىدىكى پىركازچىكنىڭ ئوغرىغا نىسبەتەن ھۇشيارلىغىنىڭ كەملىگىنى؛ رادىيو پۇكىيى ئالدىدا مۇھاپىزەتچى ساقچىسىغا تۇتۇلۇپ قالغانلىغىمنى، لېكىن ساقچىنىڭ مەندىن پارا ئالغانلىشىنى، قانچە پۇل بەرگەنلىگىمنى يېزىپ، دوكلاتنى مۇدىرغا تاپشۇرۇپ بەردىم. مۇدىر دوكلادىمنى كۆرگەچ، مەندىن ئەھۋال سورىدى:
       ـ جاپا چەكتىڭىز. مەن دەرھال ئاشۇ ماگىزىننىڭ دىرىكتۇرى بىلەن ئالاقىلىشىمەن. ھىلىمۇ ياخشى ئۇلار شىركىتىمىز بىلەن توختام تۈزۈپتىكەن، شۇڭا خىزمەتچىلىرىنىڭ بىخەتستەلىگى ۋە ساختا قىلمىشلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا بىلىۋالالايدىغان بولدى. مېنىڭچە، دىرىكتۇر چوقۇم بىزدىن مەپنۇن بولىدۇ.
       ـ شۇنى دىمەمسىز. بۇ خىزمەت ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ، ئىشلىگەن كىشگىمۇ كۆڭۈللۈك ئىكەن. توغرا ئېيتتىڭىز. سىلەر ئاقتىپ ئىشلىگىنىڭلار ئۈچۈن، شىركىتىمىزنىڭ ئىناۋىتى كۈندىن ـ كۈنگە ئۆستى، توختام تۈزۈشكە كەلگەنلەرمۇ كۆپەيدى. يېقىندا، ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيىلەرنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن، بىز كەسپىمىزنى دۆلەت ئورگانلىرىغا بىر قەدەر كېڭەيتمەكچىمىز. شۇنداق بولغاندا، پارىخورلۇق بارغانسېرى ئازىيىشى مۈمكىن. ھامان بىر كۈنى قانۇنسىز قىلمىشلار تۈگەپ، بىر كۈنى بۇ يەرمۇ پاك جايغا ئايلىنىدۇ.
        ـ ئۇ چاغدا شىركىتىمىز تاقىلىپ كەتمەسمۇ؟
       ـ يوقسۇ، پارىخورلۇق خۇددى يۇقۇملۇق كېسەلگە ئوخشاش نەرسە، بىراقلا يىلتىزىدىن تۈگەپ كېتىشى ناتايىن. پۈتۈنلەي تۈگىگەن تەقدىردىمۇ، بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ. كونا كېسەلنىڭ قايتىدىن قوزغىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھامان دوختۇر لازىم بولىدۇ ـ دە.
        ـ ناھايىتى توغرا ئېيتتىڭىز... ئەمدىغۇ ھىلىقى ساقچى خىزمەتتىن قوغلىنار؟
       ـ باشتا دۇرۇس قىياپەتكە كىرىۋېلىپ مېنى قورقاتقان ھىلىقى ئادەم ئېسىمىگە كېلىپ قالغان دىدى.
       ـ قائىدە بويىچە شۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى، لېكىن، ئىش باشقىچەرەك بولۇپ قالدى. خىزمەتتىن قوغلىنىدىغان كىشى ئۇ ئەمەس، سىز.
        ـ مەن؟ قاندىقىسىغا مەن بولغۇدەكمەن؟ پارا ئالغىنى ئۇغۇ؟ ـ دىدىم مەن ھاڭ تاڭ قېلىپ. ـ ئۇ ساقچى خىزمەتچىلىرىمىزنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىغا نازارەت قىلىش ئۈچۈن شىركىتىمىز تەرپىدىن ئەۋەتىلگەن كىشى ئىدى. بايا ئۇنىڭ سىزدىن ئالغىنى ئۈچ تىزا ئىكەن.
        ـ مەن دوكلاتتا ساقچىغا، تۆت تىزا پارا بەردىم، دەپ يازغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم. تۈرلۈك ماللار ماگىزىنىنى ئايلىنىپ يۈردىغان كۆڭۇللۇك خىزمىتىمدىن شۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ قالارمەنمۇ؟ ئەپسۇسكى، مەن بۇ كەسپكە ئائىت ھەممە ماھارەتلەرنى ئۈگىنىۋالغان ئىدىم. بۇ ئىشتىن قول ئۈزۈشتىن بۇرۇن، ئاخىرقى قېتىم يەنە بىر يېلىنىپ كۆرمەيمۇ؟ ـ بۇ قېتىم ماڭا كەڭچىلىك قىلسىڭىز بولماسمۇ؟ ـ دىدىم مەن شىرەنىڭ ئۇستىدىكى سومكامغا مەنىلىك قاراپ قويۇپ.
    ـ ھىم، مەن ئويلىنىپ كۆرەي... مۇدىرنىڭ تەلەپپۇزى كەسكىن ئىدى، لېكىن مەن خېلى يېنىكلىشىپ قالدىم، چۈنكى مەن ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ئىچكىرىسىدىن بىلىنەر ـ بىلىنمەس، ئەمما ئىشەنچلىك بىر نىيەتنى بايقاپ قالغان ئىدىم. توغرا، پارىخورلۇققا نىسبەتەن، شىركىتىمىزدىكى ھەممە ئادەم ناھايىتى سەزگۈر، ۋاھالەنكى، بۇ سەزگۈرلۈك كۆپ ھاللاردا ناھايىتى توغرا چىقىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق