قەلەمتۇراچ (شالوم ئالېيخېم)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-12 23:28:00

قەلەمتۇراچ (شالوم ئالېيخېم) قادىر راخمان تەرجىمىسى بالىلار، قۇلاق سېلىڭلار، مەن سىلەرگە قەلەمتۇراچ توغرىسىدا ھېكايە ئېيتىپ بېرىمەن. بۇ توقۇپ چىقارغان ھىكايە ئەمەس، ھەقىقى ۋەقە. كىچىك ۋاقتىمدا...

     قەلەمتۇراچ (شالوم ئالېيخېم)

    قادىر راخمان تەرجىمىسى

         بالىلار، قۇلاق سېلىڭلار، مەن سىلەرگە قەلەمتۇراچ توغرىسىدا ھېكايە ئېيتىپ بېرىمەن. بۇ توقۇپ چىقارغان ھىكايە ئەمەس، ھەقىقى ۋەقە.

         كىچىك ۋاقتىمدا ئۆز بېشىمدىن كەچۈرگەن سەزگۈرەشتىلىرىم: دۇنيادا ھىچقانداق نەرسە مېنى ئۆزىگە جەلىپ قىلالىغان ئەمەس. باشقا نەرسىلەرنىڭ مەندە بۇلۇش بولماسلىقى بىلەن كارىم يوق، ئېسى ـ يادىم قەلەمتۇراچتىن بىرنى قولغا چۈشۈرۈشتىلا ئىدى! يانچۇقۇمدا قەلەمتۇراچ بولسا، لازىم بولغاندا ئالسام، نىمىگە ئىشلەتكىم كەلسە، شۇنىڭغا ئىشلەتسەم، ساۋاقداشلىرىمنىڭ ماڭا چوقۇم مەسلىگى كېلىدۇ ـ دە!
        ئەمدىلا مەكتەپكە بارغان چاغلىرىمدا مېنىڭ بىردانە قەلەمتۇرىچىم، توغرىسىنى ئېيسام، قەلەمتۇراچقا ئوخشايدىغان بىر نەرسەم بار ئىدى. بۇنى مەن ئۆزەم ياسىۋالغان ئىدىم. مەن غاز پەيلىرىنى سالىدىغان بىر تال قاپچۇقنى ئوتتۇرىدىن يېرىپ تۈزلىدىم ـ دە، قەلەمتۇراچ قىلۋالدىم.
        ـ پەي قاپچۇغىنى نىمىشقا بۇنداق قىلىۋالدىڭ؟ بۇنىڭغا قانداقلارچە كۆزۈڭ چۈشۈپ قالدى؟ ـ دىدى دادام يۆتىلىپ تۇرۇپ، ئۇ چىرايى سېرىق، ئورۇق، كېسەلچان ئادەم ئىدى، ـ پەي قاپچۇغىنى ئويناشنىڭ نىمە قىزىقى بولاتتى، ئۆھۈ، ئۆھۈ، ئۆھۈ! ـ ئەمدى شۇنىڭغىمۇ كۆزىڭىز قىيمايۋاتامدۇ؟ قويۇپ بېرىڭ ئويناۋەرسۇن، ـ دىدى ئانام دادامغا.
        ئانام بويى پاكار، بېشىغا تاۋار ياغلىق چىگىپ يۈردىغان ئايال ئىدى.
        ـ شۇنىڭغىمۇ چېچىلغان بارمۇ... كېيىن بىز ئىنجىلنى ئوقۇشقا كۆچكىنىمىز ـ دە، مەن ھەقىقى قەلەمتۇراچ دىگىلى بولدىغان بىر قەلەمتۇراچلىق بۇلۇپ قالدىم. لېكىن بۇنىمۇ مەن ئۆزەم ياسىۋالغان ئىدىم: مەن ئانامنىڭ بەلۋېغىدىكى بىر پارچە نېپىز پولات ياپراقچىنى ئېلىۋېلىپ، ئۇنى ياغاچقا مەزمۇت قىلىپ ئورناتتىم ـ دە، ئىدىشقا بىلەپ ئىتتىك ھەم پارقىراق قىلۋەتتىم. مەن بۇ قەلەمتۇراچنى ياساپ بولغىچە، قولۇمنىڭ ئون بارمىغىنىڭ ھەممىسى زەخمىلىنىپ كەتتى.
        ـ قارىغىنا، قارىغىنا، بۇ ئەتۋارلىغىڭنىڭ تۇرقى نىمە بولۇپ كەتكەن ـ ھە! ـ دادام ۋاقىرغىنىچە قۇلۇمنى تۇتۇۋېلىپ بىر سىقىۋاىدى، قولۇمنىڭ سۆڭەكلىرى قىرىسلاپ كەتتى،
       ـ ھە مانا، ئوبدان بولدى، خوپ بولدى! ـ ھەي، قارا سەن بەغەرەزنى! ـ دەپ ۋاقىرىدى ئانام ۋە قولۇمدىن ھىلىقى قەلەمتۇراچنى تارتىۋېلىپ، بۇلدۇقلاپ ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرىمغىمۇ قارىماي ئوچاقا تاشلىۋەتتى، ـ ئۇنداق نىمىلەرنى ئوينىما، ھۇي كەپسىز!
       لېكىن، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي مەن يەنە بىر قەلەمتۇراچقا ئىگە بولدۇم. بۇ ھەقىقى قەلەمتۇراچ ئىدى: ئۇنىڭ ياغاچتىن ياسالغان يۇمۇلاق سېپى سوغىغا ئوخشايتتى. يېڭى ئايدەك ئەگرى تىغىنى ئېچىپ ـ يېپىشقا بولاتتى. سىلەر مېنىڭ بۇل قەلەمتۇراچقا قانداق ئېرىشكەنلىگىمنى بىلىشنى خالامسىلەر؟ مەن ئۇنى ئەتىگەنلىك تاماق ئۈچۈن بەرگەن پۇلدىن ئاز ـ تولا تېجەپ يۈرۈپ سلويمېلىرىدىن يەتتە يارماق نەق پۇل، ئۈچ ياماق نېسىگە سېتىۋالغان ئىدىم. مەن بۇ قەلەمتۇراچنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتىم، كارامەت ياخشى كۆرەتتىم!
        مەكتەپتىن ناھايىتى خاپا ھالدا قايتىپ كەلدىم، قوسىغىم ئېچىپ ھەم ئۇيقۇم كىلىپ كەتكەن ئىدى، كاچات يىگەن مەڭزىم كۆيگەندەك ئاغرىيتتى (بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىمىز ئەزرائىل موگا بىزگە يەھۇدى قانۇنىدىكى «بۇقىنىڭ سىيىرغا ئۆزىنى ئۇرۇشى» نى ئۈگەتكەن ئىدى. مەن بۇقىنىڭ سىيىرغا ئۆزىنى ئۇرۇشى دىگەن سۆزنى ئۇقۇساملا، شۇ ھامان تەستەك يەتتىم). شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ مەن ئۆيۈمگە كەلگەندىن كېيىن ئەڭ ئاۋال قارا ئىشكاپنىڭ ئاستىدا تولۇق بىر كۈن ياتقان قەلەمتۇرىچىمنى قولۇمغا ئالدىم. مەن ئۇنى مەكتەپكە ئېلىپ بارالمايتتىم. مېنىڭ بۇنداق نەرسەمنىڭ بارلىغىنى ئۆيدىكىلەرگە بىلدۈرۈپ قويۇشقا تېخىمۇ بولمايتتى. مەن ئۇنى پاكىز سۈرتۈپ، قەغەز كەستىم، قورۇق ئوت ـ چۆپلەرنى توغرىدىم، ئۇندىن كېيىن بولكامنى كىچىك - كىچىك قىلىپ توغراپ، قەلەمتۇراچنىڭ ئۇچى بىلەن سانجىپ... ئاغزىمغا سالدىم! ئۇخلاشتىن بۇرۇن مەن قەلەمتۇرىچىمنى سۈرتۈپ پارقىرىتىۋەتتىم. ئاندىن بىلەينى ئېلىپ چىقىپ(مەن بۇ بىلەينى بالىخانىدىن تاپقان ئىدىم)، ئۈستىگە تۈكۈرۈپ تۇرۇپ، ئاۋايلاپ بىلەشكە كىرىشتىم، توختىماي بىلەۋەردىم... دادام يەھۇدى قانۇنىنى ئوقۇۋاتاتتى، بىردەم ـ بىردەم يۆتىلىپ كېتەتتى، ئانام ئاشخانىدا بولكا پىشۇرۇپ بىلەن ئاۋارە ئىدى، مەن يەنىلا قەلەمتۇرىچىمنى بىلەيتتىم. تۇيۇقسىز، دادام:
        ـ ئۇ يەردە بىر نىمىنى شىرتىلدىتىۋاتقان كىم ئۇ؟ نىمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟ سەن بىكارچى يەنە نىمە ئىشلارنى قىلاي دەيسەن؟ ـ دەپلا يېنىمغا كىلىپ بىلەينى كۆرۈپ قالدى ـ دە، قۇلىقىمدىن تۇتۇپ سوزدى.
       ـ ھە، بۇ نىمە؟ قەلەمتۇراچمۇ، ـ ئۆھۈ، ئۆھۈ، ئۆھۈ، ـ ئۇ قۇلۇمدىن قەلەمتۇراچ بىلەن بىلەينى تارتىۋالدى ـ ھۇ تەنتەك، سېنىڭ باشقا ئىشىڭ يوقمۇ؟ كىتاپ ئوقۇساڭ بولمامدۇ؟ ئۆھۈ، ئۆھۈ، ئۆھۈ! كىتاپ ئوقۇساڭ ئاغىرىپ قالامسەن ھە. مەن ھۆكىرەپ يىغلىدىم، دادام تەسەللى ئۈچۈن ماڭا بىر قانچە كاچات مۇكاپات بەردى. بۇ چاغدا ئانام ئاشخانىدىن تۈگۈرۈپ چىقىپ ۋاقىراپ سۆزلەپلا كەتتى:
        ـ قەلەمتۇراچ ئويناۋېتىپتۇ، مانا ـ دادام توختىماي يۆتىلەتتى، ـ ئۇ كىچىك بالىمىدى؟ ھۇ نان قېپى! ئۆھۈ، ئۆھۈ، ئۆھۈ! كىتاپ ئوقۇسا بولمامدۇ؟! سەككىز ياشقا كىرىدىغۇ بۇ!... ھۇ خۇمپەر! ئەگەر يەنە قەلەمتۇراچ ئوينايدىغان بولساڭ بوينىڭنى ئۈزۈۋېتىمەن! ئۆھۈ، ئۆھۈ، ئۆھۈ! خۇدايا توۋا، دادام ئەجەپ مېنىڭ قەلەمتۇرىچىمنى بىلەنلا قېلىۋاتىدا! قەلەمتۇراچتا نىمە گۇنا باردۇ؟ دادام نىمىشقا مۇشۇنداق چېچىلىدىغاندۇ؟ دادامنىڭ ھەمىشە ئاغرىپ قالىدىغانلىغى ئېنىق ئېسىمدە، ئۇنىڭ چىرايى سېرىق، جۈدەڭگۈ ئىدى. ئاسانلا ئاچچىقلىناتتى، دۇنيادىكى ھەچنىمە ئۇنىڭ كۆڭلىگە ياقمايتتى، كىچىككىنە بىر ئىش ئۈچۈن چېچىلىپ ۋاقىراپ كېتەتتى، يەنە كېلىپ ھەدىسىلا ئاچچىغىنى مېنىڭدىن چىقىراتتى. بەختىمگە ئانام ماڭا يان باساتتى. قەلەمتۇرىچىمنىڭ نەگە تاشۋېتىلگەنلىگى ماڭا نامەلۇم ئىدى. ئۇنى ئۇدا سەككىز كۈن ئىزلەپمۇ تاپالمىدىم: يىغلىدىم، ئاھ، مېنىڭ قەلەمتۇرۇىچم! چىرايلىق قەلەمتۇرىچىم نەگىمۇ كەتكەنسەن، دەپ نالە قىلدىم. قەلەمتۇرىچىمدىن ئايرىپ قالغىنىمدىن كېيىن، مەن يىتىم بالىدەك بولۇپ قالدىم. كېچىدە يوتقاندا يېتىپ يىغلىدىم، بۇنى ھىچكىم كۆرمەيتتى. ئاخىرى ئاستا ـ ئاستا ئۇخلاپ قالدىم. ئەتىسى ئەتىگەندە يەنە ئادەتتىكىدەك مەكتەپكە باردىم. كۈندىكىدەك يەنە شۇ ئەزرائىل موگانىڭ تايىغىنى يىدىم. دادام يەنە ماڭا ئاچچىقلاندى، يۆتىلىپ كەتتى، تىللىدى، ماڭا بىر مىنۇتلۇمقۇ خوشاللىق بولمىدى، بىرمۇ خوشال بولغان چىراينى كۆرمىدىم! شۇنچىۋالا كەڭ دۇنيادا پەقەت مەنلا يىتىم بالىدەك يەككە ـ يىگانە ئىدىم.

         ئارىدىن بىر يىل ئۆتتى، مەن ھىلىقى ئەگرى تىغلىق قەلەمتۇرىچىمنى ئاللىقاچان قۇنى ئۇنتۇپ كەتتىم دىسەممۇ بولاتتى. كېيىن مەن يەنە بىر قەلەمتۇراچلىق بۇلۇپ قالىدىم: سۆڭەك ساپلىق، ئىككى تىغى خۇددى ئۇستىرىدەك ئىتتىك ئىسىل قەلەمتۇراچتىن بىرى قولۇمغا چۈشۈپ قالدى. ئادەم پەقەت چۈشىدىلا كۆرەلەيدىغان بۇ قەلەمتۇراچ، يەنە قانداق قىلىپ مېنىڭ قۇلۇمغا چۈشۈپ قالدى؟... بۇ ئىشنى ئېيتىپ كەلسەم گەپ تولا. سىلەرنىڭ سۆزۈمگە ئەستەيىدىل قۇلۇق سېلىشىڭلارنى سورايمەن. ساقىلى يوق بىر ئادەم بىزنىڭ بىر ئېغىز ئۆيىمىزنى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغان ئىدى. ئۇ يېرىم يەھۇدى، يېرىم نىمىس بولۇپ، ھۆددىگەر سۆدىگەر، ئىسمى ھېرىتىس ھېرىتىس ھېرىتىس ئەپەندى ئىدى. ئۇ يەھۇدىچە سۆزلەشنى بىلەتتى، يالاڭباش يۈرەتتى، چاچ ـ ساقال قويمايتتى. ئۇنىڭ مەرەملىك كىيىمى، نىمىسنى ئېيتاي شۇنداق قىسقا ئىدىكى، پەقەت بېلىگىلا كېلەتتى، ئۇ يا نېمىس يا يەھۇدى تىلىغا ئوخشىمايدىغان بىر تەپپۇز بىلەن مەندىن:
       ـ ئوبدان بانام (بالام)، بۇ ھەمتە (ھەپتە «ئىنچىل (ئىنجىل) » نى ئوقۇپ قايسى سۈلى (سۈرى) گە كەلدىڭلەر؟ ـ دەپ سورايتتى. ئۇ كىشىنىڭ گېپى ماڭ ناھايىتى كۈلكىلىك تۇيۇلغاچقا، ئىلاجىسىز يۈزۈمنى ئىككى قوللاپ تۇتۇۋېلىپ:
        ـ ھى، ھى،ھى، ـ دەپ كۈلەتتىم. ـ ئېتە، ئېيتە، ئوبدان بانام (بالام)، بۇ ھەمتە(ھەپتە) «ئىنچىل (ئىنجىل»نى ئوقۇپ قايسى سۈلى (سۈرى) گە كەلدىڭلار! ھى، ھى، ھى، سەككىزىنچى سۆرىگە، ـ مەن گېپىمنى تۈگىتىپلا قاقاقلاپ كۈلگەنچە قېچىپ كېتەتتىم. بۇنداق پاراڭلار ئۇ يېڭى كۆچۈپ كەلگەن چاغلاردا بولغان ئىدى. ئۇ چاغدا مەن ئۇنى ئانچە چۈشەنمەتتىم. مەن ئۇ كىشىنى چۈشەنگىنىمدىن كېيىن (ئۇ بىزنىڭ ئۆيىمىزدە توپ ـ توغرا بىر يىل تۇردى)، ئۇنىڭغا قىزىقىپلا قالدىم: ئۇ سەھەردە ئىبادەت قىلمايتتى، تاماقتىن بۇرۇن قولىنى يۇمايتتى، مەنمۇ بۇنىڭدىن ھىچقانداق بىر غەلىتىلىك ھېس قىلمايتتىم. دەسلەپتە مەن ئۇنىڭ نىمىشقا يەنىلا ھايات يۈرەلەيدىغانلىغىغا چۈشەنمىدىم. ئۇ نىمىشقا تاماق يەۋاتقاندا گېلىغا تاماق تۇرۇپ قېلىپ ئۆلمەيدىغاندۇ؟ نىمىشقا خۇدا ئۇنىڭ بۇ دۇنيادا يەنىلا ھايات تۇرۇشىغا يول قويىدىغاندۇ؟ نىمىشقا يالاڭباش يۈرۈپمۇ تاز بۇلۇپ قالمايدىغاندۇ؟
        بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىمىز موگا: ئۇ ئەسلىدە يەھۇدى ئىدى، بىرلا كزگىرىپ نېمىسقا ئايلىنىپ قالغان. كېيىنچە ئۇ يەنە بۆرىگە ، كالىغا، ئاتقا ھەتتا ئۆدەككە ئايلىنىپ قالىدۇ، دىگەن ئىدى. بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا بەكمۇ ئىچىم ئاغرىدى. لېكىن بىر ئىشنى مەن ئانچە چۈشەنمەيتتىم: نىمىشقا دادامدەك مۇشۇنداق دىنغا چىن نىيىتى بىلەن ئېتقات قىلىدىغان، خۇدادىن قورقىدىغان بىر ئادەم ئۇنى ئەزىز مېھمان ئورنىدا كۆرىدىغاندۇ؟ نىمىشقا بىزنىڭ ئۆيگە كېلىدىغان يەھۇدىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى شۇنچە ھۆرمەتلەيدۇ؟ ئۇلار ئۇنىڭغا: «ياخشىمۇسىز، ھېرىتىس ھېرىتىس ھېرىتىس ئەپەندى! مەرھەمەت، ھېرىتىس ھېرىتىس ھېرىتىس ئەپەندى، ئولتۇرۇڭ!» دەپ تەكەللۈپ قىلىشاتتى.
        بىر قېتىم مەن دادامدىن بۇنىڭ تېگى ـ تەكتىنى سوراپ بىلمەكچى بولغان ئىدىم، دادام مېنى تىللاپ كەتتى:
        ـ بۇ ساڭا مۇناسىۋەتلىك ئىش ئەمەس! سەن نېمىشقا ھەممە ئىشنى سوراپ يۈرىسەن؟ كىتاپ ئوقۇساڭ ئاغرىپ قالامسەن ـ ھە؟ ئۆھۈ، ئۆھۈ، ئۆھۈ! يائاللا، يەنە كىتاپنىڭ گېپى چىقتىغۇ! مەنمۇ چوڭ كىشلەرنىڭ پارىڭىنى ئاڭلىسام بولمامدىكىنە! بىر كۈنى مەن بىر بۇلۇڭغا ئولتۇرۇپ چوڭلارنىڭ پارىڭىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلاۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز دادام كېلىپ يۈزۈمگە بىر كاچات ئۇردى ـ دە:
        ـ يەنە كەلدىڭمۇ؟ ھۇ نان قېپى! چوڭ بولساڭ قانداقراق بىر ئادەم بولارسەنكىن ـ تاڭ! قولۇڭدىن نېمە ئىش كېلەر سېنىڭ؟ ئۆھۈ، ئۆھۈ، ئۆھۈ! ھېرتىس ھېرتىس
        ھېرتىس ئەپەندى ئارىغا چۈشۈپ مېنى ياقلىدى: ـ بوردى (بولدى)، بوردى (بولدى)! لېكىن ئۇنىڭ ئارىغا چۈشكىنى كار قىلمىدى. دادام مېنىڭ بەرىبىر ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى. مەن كىتاپنى قولۇمغا ئالغان بولساممۇ، ئوقۇشقا زادىال رايىم بارمىد، ئەمدى نېمە قىلاي؟ مەن يۈگۈرگەن پېتى بۇ ئۆيدىن ـ ئۇ ئۆيگە چىقتىم ـ دە، يەنە يۈگۈرگەن پېتى ھېرتىس ھېرتىس ھېرتىس ئەپەندى تۇرىدىغان ئۆيگە كىرىۋالدىم. ۋاي ـ ۋۇي، بۇ ئۆي نىمە دىگەن چىرايلىق، نىمە دىگەن رەتلىك ـ ھە! ئۆي ئىچى يوپ ت يورۇق ئىدى، ئۈستەلدە كۈمۈشتىن ياسالغان چوڭ بىر سىيادان، چىرايلىق برى نەچچە قەلەم. كىچىك ھەيكەل، كىچىك ئات، بىر نەچچە كىچىك ئويۇنچۇق... يەنە بىر قەلەمتۇراچ تۇراتتى، پاھ، نىمە دىگەن چىرايلىق قەلەمتۇراچتۇ بۇ!... ئەگەر مېنىڭ ئاشۇنداق قەلەمتۇرىچىم بولغان بولسا قانچىك بەختلىك بولغان بولاتتىم ـ ھە! مەن ئۇنى قولۇمغا ئېلىپ بىسىنى سىناپ كۆردۈم: پاھ، نىمە دىگەن ئىتتىك، قەلەمتۇراچ دەپ مانا بۇنى دەيدۇ! ئۇ قەلەمتۇراچنى يانچۇغۇمغا بىردەم سېلىپ باققىم كېلىپ، ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتتىم. ئۇنى يانچۇغۇمغا پەقەت بىر مىنۇتلا سېلىپ باقسام بولاتتى... قولۇم تىترەشكە باشلىدى... يۈرىگىم ئىنتايىن قاتتىق سېلىپ كەتتى، تۇيۇقسىز... بىرسى كەلدى، ئۆتۈگىنىڭ غاچ ـ غاچ قىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى، بۇ چوقۇم شۇ ئادەم، ئاپلا، ئەمدى قانداق قىلارمەن؟ ... قەلەمتۇراچ ۋاقتىنچە يېنىمدا قېلىپ تۇرسۇن، كېيىن ئۇنى ئۆز جايىغا قويۇپ قويارمەن. بۇ يەردىن چاپسان كېتەي، تېز قاچاي، تېز!... مەن كەچلىك تاماقتىن بەھرىمەن بولالمىدىم. ئانام پىشانەمنى سىلىدى، دادام ماڭا زەردە بىلەن قاراپ قۇيۇپ، «ئۇخلا» دىدى. كۆزۈمگە ئەمدى قانداقمۇ ئۇيقۇ كەلسۈن؟ قەلەمتۇراچنى قانداقمۇ قىلارمەن؟ ئۇنى ئۆز جايىغا قانداق ئاپىرىپ قويارمەن؟...

         ـ مەيەرگە كەلگىنە قوزام! ـ ئەتىسى پاھ، بەك تىرىشچان بولۇپ كېتىپسەنغۇ! نىمە دىگەن تەرتىپلىك بولۇپ كەتكەن ـ ھە. سەن! ـ دادام ماڭا غەزەپ بىلەن ھومىيىپ ۋاقىراشقا باشلىدى.
        ئەتىگەنلىك تاماقنى مىڭ تەسلىكتە يەپ بولدۇم.
        ـ ھە، ئەمدى نمىشقا مەكتەپكە ماڭمايسەن، ھىلىلا بەك ئىنتىزاملىق بولۇپ كېتىۋىدىڭغۇ؟ ـ دىدى دادام. ـ ئۇنى نىمىشقا قوغلايسىز؟ بالىنى بىردەپ ئولتۇرغىلىمۇ قويمامسىز؟ ـ دىدى ئانام. شۇنىڭ بىلەن مەن بالىخانىغا چىقىپ ... قەلەمتۇراچنى لىمنىڭ ئۇستىگە تىقىپ قويدۇم، ئۇ ئەمدى ئۇ يەردە جىمغىنا تۇرالايتتى...
        ـ بالىخانىغا نىمە ئىش قىلغىلى چىقتىڭ؟ ـ ۋاقىراپ كەتتى دادام، ھۇ خۇمپەر! ئۆھۈ، ئۆھۈ، ئۆھۈ! ھۇ نان قېپى! ـ بىر نەرسە ئىزلەپ چىقىۋىدىم، ـ دەپ جاۋاپ بەردى ۋە قورققىنىمدىن يىغىلىپ كېتىشكە تاسلا قالدىم.
        ـ ئۇ يەردىن نىمە ئىزلەيتتىڭ؟ بالىخانىغا نىمىنى تىقىپ قويدۇڭ؟ ـ كىتاپنى ... كونراپ كەتكەن ئىبادەت كىتاۋىنى... ـ نىمە؟ ئىبادەت كىتاۋىنى؟ بالىخانىغا؟ تېز بۇياققا چۈش! سېنى بىر ساۋىمىسام توختاپ تۇر، ھۇ نان قېپى! ئۆھۈ، ئۆھۈ، ئۆھۈ! ھۇ مۇناپىق! دادامنىڭ غەزۋىدىن ئۇنچىۋالا قورقمايتتىم، پەقەت باشقىلارنىڭ قەلەمتۇراچنى كۆرۈپ قېلىشىدىنلا ئەنسىرەيتتىم... بەلكى ئۇلار بۈگۈنلا بالىخانىغا چىقىپ كىيىملەرنى ئاپتاپقا سالار ياكى تامنىڭ يېرىقلىرىنى ئېتىمەن دەپ بالىخانىغا چىقىپ قالار! بۇ يەر بولمايدىكەن، قەلەمتۇراچنى چوقۇم ئۇ يەردىن ئېلىپ چۈشۈپ، تېخىمۇ ئىشەنچلىك جايغا تېقىپ قويمىسام ئىش چاتاق ئوخشايدۇ... قورققىنىمدىن تىترەپ كېتىۋاتاتتىم. مەن دادام ھەممىنى بىلىۋاپتۇ، يەنە مېنىڭدىن سۇرۈشتۈرىدىغان بولدى، دەپ ئويلاپ قالدىم. ئاخىر قەلەمتۇراچنى قويىدىغان ئىشەنچلىك بىر ئورۇن تاپتىم: سىرتتا، تامنىڭ يېنىدا بىر ئورەك بولۇپ، مەن قەلەمتۇراچنى ئاشۇ ئورەككە كۆمۈپ، ئۈستىگە ئازراق قورۇق ئوت ـ چۆپلەرنى تاشلاپ قويدۇم. مەكتەپتىن كېلىپلا، ئالدى بىلەن ئۆينىڭ ئارقىسىغا چىقىپ قەلەمتۇراچنى ئالدىم. ئەمدىلا قولۇمغا ئېلىپ تۇرۇشۇمغا، دادام ۋاقىرىغان ئاۋاز ئاڭلاندى:
       ـ سەن يەنە نەگە يوقالدىڭ؟ نىمىشقا ئىبادەتكە كىرمەيسەن؟ ئۆھۈ، ئۆھۈ، ئۆھۈ! ھۇ خۇمپەر! مەيلى دادامنىڭ تىللىغانلىرى ياكى ئوقۇتقۇچىنىڭ قاتتىق ئۇرغانلىرى بولسۇن، بۇلارنى قەلەمتۇراچنى ئوينىغان چاغدىكى خوشاللىغىمغا سېلىشتۇرسام، ھىچنىمىگە ئەرزىمەيتتى. مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ، ھىلىقى كۆڭۈللۈك ھەم قىممەتلىك قەلەمتۇاچنى ئاشكارا ئوينىغان بولسام، نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى ـ ھە! بىراق بۇنداق قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. 4 ياز كۈنلىرى، گۈگۈم چۈشۈش بىلەنلا ھاۋا ئاستا ـ ئاستا سالقىنلىشىپ كېتىۋاتاتتى، يېشىل ئوت ـ چۆپلەرنىڭ پۇرىغى گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇراتتى. پاقىلارنىڭ كۈكىراشلىرى ئاڭلىناتتى. كۈمۈشتەك ئاي ھىلىلا غايىپ بولسا، يەنە بىردەمدىلا بۇلۇتلار ئارىسىدىن سۈگۈپ چىقاتتى. دادام ئۇزۇن چاپىنىنىڭ ئالدىنى كەڭ ئېچىۋېتىپ چۆپلۈكتە ئولتۇراتتى. ئۇ بىر قولى بىلەن مەيدىسىنى تۇتۇپ، بىر قولىدا چۆپلەرنى چاڭگاللايتتى، قىسقا ـ قىسقا يۆتىلىپ قۇيۇپ يۇلتۇزلارغا قاراتتى. سۈتتەك ئايدىڭدا ئۇنىڭ يۈزى خۇددى مۇردىدەك كۆرۈنەتتى. دادام دەل مەن ھىلىقى قەلەمتۇراچنى تىقىپ قويغان يەردە ئولتۇرسىمۇ، لېكىن ئۇ يەردە نىمە بارلىغىنى بىلمەيتتى. ئەگەر بىلىپ قالسا قانداق قىلغۇلۇق؟ ئۇ چاغدا ئەدىۋىمنى يەيمەن شۇ! مەن كۆڭلۈمدە: « سەن مېنىڭ ھىلىقى ئەگرى تىغلىق قەلەمتۇرىچىمنى تارتىۋېلىپ چۆرۈۋەتكەن دىدىڭ، ئەمدى ھازىر مېنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق قەلەمتۇرىچىم بار بولدى، سەن ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپمۇ ئۇنى سېزەلمەيۋاتىسەن. ئەمدى مېنى قانداق قىلالايسەن؟» دەپ ئويلاتتىم. كېچە ھەممەيلەن ئۇخلاپ كەتتى، ئەتراپ جىمجىت. مەن ئىۇددى مۇشۈكتەك ئۆمىلەپ قەلەمتۇراچنى تىقىپ قويغان جايغا بېرىپ، ئېھتىيات بىلەن قەلەمتۇراچنى ئېلىپ، ئاي يورۇغىدا ئۇنىڭغا قارىدىم؛ قارىغاندىمۇ قايتا ـ قايتا قاراتتىم. قەلەمتۇراچنىڭ پارقىراق بىسى، ئايدىڭدا ئالماستەك پارقىرايتتى، بېشىمنى ككتىرىپ قارىسام، ئاي ماڭا ۋە قەلەمتۇراچقا تىكىلىپ قاراۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى. ئۇ ماڭا نىمىشقا مۇنداق قارايتدىغاندۇ؟ مەن ئۆرۈلۈپ كەينىمنى قىلىۋالدىم. ئەمدى ئۇ مېنىڭ دۈمبەمنى كۆرۈۋاتقاندۇ؟ ... مەن قەلەمتۇراچ ئىكەنلىگىنى، مېنىڭ ئۇنى قەيەردىن ئالغانلىغىمنى بىلىۋالغانمۇ نىمە؟ مەن بۇنى ئوغرىلىۋالغان! شۇ تاپتا مەن تۇنجى قېتىم بۇ قورقۇنچلۇق سۆزنى ئويلاپ قالدىم. ئوغرىلاپ ئالغان؟ ئۇنداقتا مەن ئوغرى بولۇپ قالدىممۇ؟ «ئىنجىل» نىڭ 10 ـ پەرھىزىدە چوڭ خەت بىلەن: ئوغرىلىق قىلما! دەپ يېزىلغان. لېكىن مەن ئوغرىلىق قىلدىم! ئوغرىلىق قىلسا دوزاقتا قانداق جازاغا ئۇچرايدىغاندۇ؟ مېنى سىم قامچا بىلەن ئۇرارمۇ؟ ياغ قايناۋاتقان قازانغا تاشلارمۇ؟! مەن ئەمدى مەڭگۈ، مەڭگۈ ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان بولدۇم!... قەلەمتۇراچنى قايتۇرۇپ بېرىۋېتەي، ئەسلىدىكى جايىغا قويۇپ قوياي، ماڭا ئوغرىلاپ كەلگەن قەلەمتۇراچ لازىم ئەمەس! دەپ خىيال قىلاتتىم مەن.
        مەن ئويلا ـ ئويلا، قەلەمتۇراچنى قوينۇمغا سالدىم، قەلەمتۇراچ مېنى كۆيدۈرۈۋاتقاندەك بىلىندى. يەق، مەن ئۇنى يەنە تىقىپ قويۇپ تۇراي، ئەتىگىچە بىر گەپ بولار. ئاسمەندىكى ئاي يەنىلا ماڭ قاراپ تۇراتتى، ئۇ نىمىشقا ماڭا قاراۋېرىدۇ؟ ئۇ ھەممىنى كۆردى، ئۇ دۇنيادىكى ھەرقانداق نەرسىگە گۇۋا... مەن ئېھتىيات بىلەن ئۆمىلەپ ئۆيگە كىرىپ ئورنۇمدا ياتتىم. لېكىن كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمىدى. مەن ئۇياق ـ بۇياققا ئۆرۈلۈپ زادىلا ئۇخلىيالمىدىم، چۈشمۇ كۆرەلمىدىم... تاڭ ئاتاي دىگەندىلا ئاندىن ئۇخلاپ قاپتىمەن، چۈشۈمدە كۆرگەنلىرىم ھەممىسىلا ئاي، پولات چىۋىق ۋە قەلەمتۇراچ ئىدى... مەن ئەتىگەندە ئورنۇمدىن ئالدىراپ تامىغىمنى يىدىم ـ دە، مەكتەپكە ماڭدىم.
        ـ نىمىشقا مەكتەپكە بۇنچىلا ئەتىگەن ماڭىسەن؟ ـ دىدى دادام غەزەپ بىلەن، ـ نەگە شۇنچە ئالدىرايسەن؟ سە كېچىكىپرەك ماڭساڭمۇ ھىچنەرسە بولمايدىغۇ؟ تاماق يىگەندىن كېيىن ئەڭ ياخشىسى ئەدە بىلەن دۇئا قىل!... تىلىڭنى چاينىماي ئوچۇق ئوقۇ! ھۇ نان قېپى! ئۆھۈ، ئۆھۈ، ئۆھۈ! ھۇ ئىزا تارتمايدىغان! ... 
       -  نىمىشقا مۇنچە كېچىكىپ كېلىسەن؟ ـ دىدى مۇئەللىم بۇلۇڭدا تۇرغان سېرىق چاچلىق ساۋاقدىشىم بېللىيغا، ـ كۆردۈڭمۇ، بىكار تەلەت؟ ھازىردىن باشلاپ ئۇنىڭ ئېتى بېللىي سېرىق چاچ ئەمەس! بالىلار، ماڭا ئەگىشىپ ۋاقىراڭلار: بېللىي ئوغرى! بېللىي ئوغرى! مۇئەللىم بۇ سۆزلەرنى سوزۇپ ـ سوزۇپ توۋلىدى، ئارقىدىن ئوقۇغۇچىلارمۇ بىرلىكتە: بېللىي ئوغرى! ئوغرى بېللىي! ئوغرى بېللىي! دەپ ۋاقىراشتى.
       مەن ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدىم، پۈتۈن تېنىم تىترەپ كەتتى. بۇ قانداق ئىش؟
        ـ ھۇي، نىمىشقا ئاغزىڭنى ئاچمايسەن؟ ـ مۇئەللىم سۆزىنى تۈگەتمەي تۇرۇپلا يۈزۈمگە بىر كاچات سالدى، ـ نىمىشقا ئاغزىڭنى ئاچمايسەن، نان قېپى؟ ھەممەيلەننىڭ «بېللىي ئوغرى!» دەپ توۋلىشىۋاتقىنىنى ئاڭلىمىدىڭمۇ؟ پۇت ـ قوللىرىم تىترەپ، ئاغزىم زادىلا گەپكە كەلمىدى... ئاخىر يەنىلا باشقىلارغا ئەگىشىپ توۋلىدىم: ئوغرى بېللىي! ئوغرى!... ـ ھۇي، نان يېمەس، ئۈنلۈكرەك ۋاقىرا! ـ مۇئەللىم ماڭ قادىلىپلا تۇرۇۋالدى،
        ـ سۆزلىرىڭ ئېنىق چىقسۇن! سىنىپىمىزدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى ھەر خىل ئاۋازدا سوزۇپ ۋاقىرىشاتتى، مەنمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ ۋاقىرىدىم: ـ بېللىي ئوغرى! ئوغرى بېللىي! ـ بولدى، توختاڭلار! ـ مۇئەللىم بىردىنلار ئۈستەلنى ئۇرۇپ، بىزنى توختاتتى، ـ بولدى! ئەمدى ئۇنى سوتلايمىز، ئارقىدىن ئۇ ئاۋازىنى سوزۇپ،
        ـ ھەي، ئوغرى بېللىي، بۇ ياققا كەل! ـ سېنى نىمە دەپ ئاتايمىز؟ ـ بېللىي .... ئوغرى بېللىي! ـ توغرا ئېيتتىڭ، ئوبدان بالىدە سەن، خۇدايىم ساقلىغىڭنى بەرسۇن، سېنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم، كىيىملىرىڭنى سال!... تېز بول، تېزرەك بول، بېللىي، تېزرەك بول دەۋاتىمەن ساڭا، تېزرەك بول قەدىرلىگىم! بېللىي كىيىلىرىنىڭ ھەممىسىنى سالدى، ئۇنىڭ چىرايى تامدەك تاتىرىپ، قاپاقلىرى چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. مۇئەللىم بالىلارنىڭ ئىچىدىن يېشى چوڭراق بىرىنى چاقىرىدى: ـ گىرىشلەي، بۇياققا چىق، تېزرەك بول! سەن بېللىينىڭ قانداقلارچە ئوغرى بولۇپ قالغانلىغىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەرگىن ... بالىلار، دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار! گىرشلەي سۆزلەشكە باشلىدى. ئۇنىڭ دىيىشىچە، بېللىي ئانىسىنىڭ پەيغەمبەر مىئىلنى تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن يىققان پۇلىنى ساندۇقتىن ئوغرىلىۋېلىپ، بىر تىيىننى قويماي خەجلىۋېتىپتۇ...
       ـ بالىلار، ئەمدى سىلەر ئۇنىڭغا ھۆكۈم ئېلان قىلىڭلار! سىلەر ئۇنىڭغا قانداق ھۆكۈم قىلىش لازىملىغىنى بىلىسىلەر! بۇ ئۇنىڭ بىرىنىچى قېتىم قىلىۋاتقان قىلىغى ئەمەس. ھەر بىرىڭلار ئۆزەڭلەرنىڭ ھۆكۈمىنى ئوتتۇرىغا قويۇڭلار: تاۋاپقا ئىشلىتىلدىغان پۇللارنى ئېلىۋالغان ئوغرىنى قانداق جازالاش كېرەك؟... گىشلەي، ئاۋال سەن ئېيتىپ باققىنا، بۇنداق ئوغرىنى قانداق جازالاش كېرەك؟ مۇئەللىم كۆزىنى يۇمۇپ، قۇلىغىنى گىشلەينىڭ ئاغزىغا يېقىن ئەپكەلدى. گىرشلەي ئۈنلۈك جاۋاپ بەردى: بۇنداق ئوغرىنى قانچا بىلەن تازا سېلىپ، تېنىدىن قان چىقىرىش كېرەك... ـ مويىشلەي، ئىئانە ساندۇغىدىن پۇپ ئوغرىلىغان ئوغرىنى قانداق جازالاش كېرەك؟
       ـ ئوغرىنى، ـ دىدى مويىشلەي يىغلامسىراپ تۇرۇپ، ـ ئوغرىنى ئۆلگىدەك ئۇرۇش كېرەك، ئىككى ئادەم بېشىنى، ئىككى ئادەم شاكىراپقا چىلانغان چىۋىق بىلەن تازا ئۇرسۇن... ـ توتلەي، سەن ئېيتە، بۇنداق ئوغرىنى قانداق جازالاش كېرەك؟ توتلەي «غ» بىلەن «گ» تاۋۇشىنى ئېينىق ئايرىيالمايدىغان بالا ئىدى، ئۇ بۇرنىنى سۈرتۈپ قۇيۇپ، ئاۋازىنى سوزۇپ چىقىرىدى: ـ پۇل ئوگرىلىگان ئوگرىنى، ھەممەيلەن: ئوگرى، ئوگرى، ئوگرى، ـ دەپ ۋاقىرايلى! ھەمەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتى.
       بۇ چاغدا مۇئەللىم باش بارمىغى بىلەن كىكىرتىگىنى بېسىپ قۇيۇپ، گويا چېركاۋدىكى مۇناجات باشلاپ بەرگۈچىگە ئوخشاش ئاۋازىنى سوزۇپ، جىددى تۈردە:
       ـ ئەمدى نۆۋەت نوھۇمنىڭ ئوغلى شالومغا كەلدى! شالوم، قەدىرلىگىم، ھۆكۈمىڭنى ئېيت، ئىئانە ساندۇغىدىكى پۇلنى ئوغرىلىغان ئوغرىغا قانداق جازا بېرىش كېرەك؟ مەن جاۋاپ بەرمەكچى ئىدىم، ئەمما تىلىم گەپكە كەلمەي بەزگەكتەك تىترەپ كەتتىم، كانىيىمغا خۇددى بىر نىمە قاپلىشىپ قالغاندەك قىلاتتى. سوغاق تەر توختىماي ئاقاتتى، قۇلىغىم غۇڭۇلدايتتى. مەن ئالدىمدىكى مۇئەللىمنى، قىپ ـ يالىڭاچ تۇرغان ئوغرى بېللىينى كۆرمەيتتىم، ساۋاقداشلىرىمنىمۇ كۆرمەيتتىم... كۆزۈمگە پەقەت قەلەمتۇراچ، سانسىزلىغان قەلەمتۇراچلار، ئۇلارنىڭ پارقىراپ تۇرغان تىغلىرىلا كۆرۈنەتتى. ئىشكتىن كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاي، خۇددى ماڭا قاراپ ھىجىيىۋاتقاندەك قىلايتتى... مېنىڭ بېشىم قېيىپ، كۆزلىرىم تورلىشىپ كەتتى، مەكتەپ، ئۈستەل، كىتاپ،ساۋاقداشلار، ئىشكتىن كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاي ۋە سانسىزلىغان قەلەمتۇراچلار پىقىرايتتى. ئىككى پۇتۇم بوشىشىپ، ئۇزۇنغا قالماي يىقىلىپ كېتىدىغاندەكلا قىلاتتىم، لېكىن يىقىلمىدىم. غەيرىتمنى يىغىپ تۇرۇۋەردىم... گۈگۈم چۈشكەندە ئۆيگە قايتىپ كەلدىم، يۈزۈم قىزىشىپ قۇلىغىم غۇڭۇلدايتتى. بىر كىشىنىڭ ماڭا قىلىۋاتقان گېپى قۇلىغىمغا كىردى، لېكىن، ئۇنىڭ بىر ئېغىز سۆزىنىمۇ ئۇقالمىدىم، دادام نىمىلەرنىدۇ دەپ، غەزەپ بىلەن مېنى ئۇرماقچى بولدى، ئانام خۇددى چۆجىلەرنى قانىتى ئاستىغا مېكىياندەك مېنى پەشتامىسى بىلەن يۆگىۋالدى. مەن ھىچنىمىنى ئاڭلىمىدىم، شۇنداقلا ئاڭلاشنىمۇ خالىمايتتىم. ئەمما، قەلەمتۇراچنى بىر ياقلىق قىلىۋېلىشىم ئۈچۈن ، تېزرەك قاراڭغۇ چۈشۈشنى تىلەيتتىم... ئەمدى قانداق قىلاي؟ ئىقرار قىلىپ، ئۇنى قايتۇرۇپ بېرەيمۇ؟ ئۇنداقتا بېللىينىڭكىدەك ئاقىۋەت مېنىڭ بېشىمغىمۇ كېلىدۇ. ئاستاغىنا ئۆز جايىغا قويۇپ قويايمۇ؟ ئۇنداقتا چوقۇم شۇ يەردىلا تۇتۇلۇپ قېلىشىم مۈمكىن. ئەڭ ياخشىسى ئۇنى تاشلىۋېتەي! ئۇنى قەيەرگە تاشلىۋەتسەم كىشلەر كۆرۈپ قالمايدۇ؟ ئۆگزىگە تاشلىۋېتەيمۇ؟ چوقۇم ئاۋازى ئاڭلىنىپ قالىدۇ. كۆكتاتلىققاتاشلىۋېتەيمۇ؟ خەق بەربىر ئۇنى تېپىۋالىدۇ. ئوھھۇي، ئەمدى يادىمغا كەلدى: ئۇنى قۇدۇققا تاشلىۋېتىش كېرەك؟ مەن خوشال بولۇپ، قەلەمتۇراچنى ئالدىم ـ دە، ئۇدۇل قۇدۇق تەرەپكە يۈگۈردۈم. مەن، قولۇمدىكى ئىنتايىن پاسكىنا نەرسە، ئۇنى چوقۇم تاشلىۋېتىشىم كېرەك دەپ ئويلايتتىم. لېكىن مەن بۇنىڭغا يەنە قىيالمايتتىم: نىمە دىگەن چىرايلىق قەلەمتۇراچ ئىدى ـ ھە! مەن بىردەم ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدىم، قولۇمدىكى بۇ نەرسە خۇددى جانلىق نەرسىدەك، ئۇنى تاشلىۋېتىشكە كۆزۈم قىيماي، ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ كەتتى، بۇ قەلەمتۇراچ مېنىڭ قولۇمغا ئاسان كەلمىگەن ئىدى ـ دە، بىراق مەن يەنىلا غەيرەتكە كېلىپ، قولۇمنى ئېچىۋەتتىم، قەلەمتۇراچ «چولتۇك» قىلىپ سۇغا چۈشۈپ كەتتى. ئەمدى قەلەمتۇراچنى ھەرگىز تاپقىلى بولمايتتى. منە قۇدۇق بېشىدا بىردەم قۇلاق سېلىپ تىڭشىدىم، ھىچقانداق بىر ئاۋاز ئاڭلانماتتى، خۇداغا شۈكرى، مەن ئاخىر ئۇنى تاشلىۋەتتىم! ئەمما كۆڭلۈم ناھايىتى بىئارام بولدى. ئاي ماڭا يەنە تىكىلىپ قارايتتى. مەن ئۇنىڭ ھەممىنى كۆرگەنلىگىنى ئويلىدىم، ئۇنىڭ يىراقتىن: «سەن ئاخىر ئوغرى بولدۇڭ! ئۇنى تۇتۇڭلار ، تازا ئۇرۇڭلار، ئو ئوغرى! ئوغرى!» دەپ ۋاقىراۋاتقانلىغىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم. مەن ئاستا ئورنۇمغا كىرىپ ياتتىم، چۈشۈمدە: جېنىمنىڭ بېرىچە يۈگۈرۈپ، قەلەمتۇراچ بىلەن بىللە ئۇچۇپ ئاسمانغا چىقىپتىمەن. ئاي ماڭا قاراپ: ئۇنى تۇتۇڭلار! تۇتۇپ قاتتىق ئۇرۇڭلار! ئۇ ئوغرى! ئوغرى! دەپ ۋاقىرىغىدەك. 6 ناھايىتى نۇرغۇن قورقۇنۇچلۇق چۈشلەرنى كۆرۈپتىمەن. مەن ئوت ئىچىدە قالدىم، بېشىم غۇڭۇلدايتتى، ئەتراپ قىپ ـ قىزىل ئوت ئىدى. بىرسى مېنى قىزىپ چوغ بۇلۇپ كەتكەن پولات چىۋىق بىلەن ئۇراتتى، مەن غىچ قان ئىچىدە جان تالىشاتتىم. ئەتراپىمنى كەسلەنچۈك ۋە ئىلانلار ئورىۋالغان ئىدى، ئۇلار مېنى چاقماقچى بولۇپ ئاغزىلىرىنى ئېچىشىپ تۇراتتى...
        تۇيۇقسىز، مەن بېشىمنىڭ ئۈستىدە بىرسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم:
       ـ ئۇنى قاتتىق ئۇرۇڭلار! ئۇنى ئۇرۇڭلار ! ئۇرۇڭلار! ئۇرۇڭلار! ئۇ ئوغرى! ئۇ ئوغرى!... مەن ۋاقىراپ كەتتىم: ـ مېنى قۇتقۇزۇڭلار! ئاينى تېز قوغلىۋېتىڭلار! قەلەمتۇراچنى ئۇنىڭغا بېرىڭلار! سىلەر نىمىشقا بىچارە بېللىينى قىينايسىلەر! مەن ئوغرى!... باشقا ئىشلار ئېسىمدە يوق ئىدى. مەن بىر كۆزۈمنى ئاچتىم، ئاندىن يەنە بىر كۆزۈمنى ئاچتىم... بۇ قەيەر بولدى؟ مەن كارۋاتتا ياتقاندەك قىلغانغۇ، بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالغاندىمەن؟ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان كىمدۇ؟ ھە، ئاپام، ئاپاممىدۇ؟ ئاپا! ئۇ مېنىڭ ۋاقىرىغىنىمنى ئاڭلىمىغانمىدۇ؟ ئاپا! ئاپا! ئا ـ پا! بۇ نىمە ئىش؟ مەن تىنىغىمنى چىقارماي قۇلاق سالدىم: ئاپام مىشىلداپ يىغلاۋاتاتتى، دادامنىمۇ كۆردۈم، ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ خۇددى مەن ئۆلۈپ قالغاندەك بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، دۇرۇت ئوقۇۋاتاتتى... يۆتىلىپ، ھاسىراپ كېتىۋاتاتتى... مەن ئۆلۈپ قالغاندىمەنمۇ؟ كۆز ئالدىم بىردىنلا يورۇپ كەتتى، پۈتۈن تېنىمنى ئېيتىپ بولمايدىغان دەرىجىدە يېنىك سەزدىم. بىر قۇلىغىمغا قاتتىق بىر ئاۋاز ئاڭلاندى... مەن قاتتىق بىر چۈشكۈردۈم. ياخشى بولدى! خۇدا ئۇنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن! بۇ ياخىش بىشارەت! خۇداغا شۈكرى! قۇدرەتلىك ئاللا ئېگەم! خۇدانىڭ مەرھىمىتى بىلەن بالىمىزنىڭ كېسىلى ئاخىرى ياخشى بۇلۇپ قالدى.
        ـ تەدبىرلىك بىر پىرىخون چاقىرايلى، ئۇ ئەپسۇن ئوقۇپ ئاپەتنى يوقىتىدۇ. ـ ياق، دوختۇر چاقىرغىنىمىز ياخشى، دوختۇر... ئاۋارە بولماڭلار! ـ دوختۇر چاقىرايلى؟ نىمە قىلىمىز ئۇنى؟ خۇدا ئەڭ ياخشى دوختۇر، ئۇ ھەر قانداق كېسلەلنى ساقايتالايدۇ.
        ـ سەل نېرىراق تۇرۇڭلار، سەل نېرىراق تۇرۇڭلار! ئەجەپ دىمىق بۇلۇپ كەتتى. خۇدا ھەققىدە، سەل نېرىراق تۇرۇڭلارچۇ! ئەتراپىمنىڭ ھممىسى ۋاراڭ ـ چۇرۇڭ قىلىشىۋاتقان ئادەملەر بىلەن تولغان ئىدى. ھەممىسى ماڭا قاراپ تۇرۇشاتتى، بەزىلىرى پىشانەمنى سىلايتتى؛ بەزىلىرى ئاپەتنى قوغلاش ئۈچۈن ئەپسۇن ئوقۇيتتى؛ بەزىلەر بىر نەرسە دەپ پىچىرلىشاتتى؛ بەزىلىرى پېشانەمگە تەككۈزۈپ «سۈف» دەيتتى؛بەزىلىرى ئاغزىمغا قىزىق شورپىنى قۇياتتى.؛ ئاغزىمغا مۇراببا سېلىپ قوياتتى. ئۇلار مېنىڭ يېنىمدىن بىردەممۇ ئايرىلماي، مېنى خۇددى بوۋاق بالىغا قارىغاندەك باقاتتى. ئانام يېنىمدا ئولتۇرۇپ بىرلا گەپنى قاتا ـ قايتا تەكرالايتتى. مېنى ياتقان يېرىمدىن ئالغان ۋاقتىدا، جېنىم ئازلا قالغان ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن تولۇق ئىككى ھەپتە قىزىتمام ئۆرلەپ يېتىپتىمەن، دائىملا پاقا كۈكرىغاندەك ئىڭراپ، جۆيلۈپ، پەقەت قەلەمتۇراچ، ئادەم ئۇرىدىغان پولات چىۋىق توغرىسىدىلا سۆزلىگىدەكمەن... ھەممەيلەن مەندىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، مېنى ساقىيالمايدىغان بولدى سىيىشىپ تۇرغاندا، تۇيۇقسىزلا چۈشكۈرگىلى تۇرۇپتىمەن ـ دە، ئارقا ـ ئارقىدىن يەتتە قېتىم چۈشكۈرۈپتىمەن، شۇنىڭ بىلەن تىرك قاپتىمەن
       . ـ سېنى قۇدرەتلىك ئاللا ئىگەم قۇتقۇزۇپ قالدى. ـ دىدى ئاپام كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈپ تۇرۇپ، ـ خۇدا بىزگە بۇ مېھرى ـ شەپقىتىنى كۆرسەمىگەن كۈنلەردە، داداڭ ئىككىمىزنىڭ كۆزلىرىدىن ياش قۇرۇمىغان ئىدى. بىز سەندىن ئايرىلىپ قالغىلى تاس قالدۇق، نىمە ئۈچۈن شۇنداق بولدۇڭ؟ بېللىي ئۈچۈنمۇ ـ يا؟ ئۇنى مۇئەللىم ئۇرۇپ، تەنلىرىنى تىلىم ـ تىلىم قىلىۋەتكىنىگە شۇنداق ئازاپلاندىڭمۇ؟ مەكتەپتىن ئارانلا كەپتىكەنسەن. سىلەرنىڭ مۇئەللىمنىڭلار ھەقىقەتەن بىر قاراقچىكەن، ئاللا ئۇنى جازالىماي قويمايدۇ. بۇلام، كېسىلىڭ ساقايغاندا، چوقۇم سېنى باشقا مۇئەللىمگە بېرىمىز، ئەمدى سېنى ھەرگىز ئۇ ئەزرائىلنىڭ يېنىغا ئەۋەتمەيمىز. بۇ خەۋەر مېنى ئىنتايىن خوشاللاندۇرۇۋەتتى. مەن «جېنىم ئاپا!» دەپ ئاپامنى قاتتىق سۆيۈپ كەتتىم.
        دادام مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ، قانسىز، مۇزدەك قولىنى پىشانەمگە قويۇپ مۇلايىملىق بىلەن:
       ـ سەن كەپسىز، بىزنى بەكمۇ قورقۇتىۋەتتىڭ، ئۆھۈ، ئۆھۈ، ئۆھۈ! ـ دىدى. ھەتتا بىزنىڭ ھىلىقى يېرىم نېمىس، يېرىم يەھۇدى خوشنىمىز ھېرتىس ھېرتىس ھېرتىس ئەپەندىمۇ ئاغزىدا سىگارتىنى چىشلىگەن ھالدا، پاكىز قىرىلغان سېمىز ئىڭىگىنى ئالدىمغا يېقىن ئەپكېلىپ، قوۋۇزۇمنى سىلاپ تۇرۇپ، نېمىسچە: ـ ياخشى بولۇپ قاپتۇ! ياخشى بۇلۇپ قاپتۇ! ـ دىدى.
    * * *
        بىر قانچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، مەن ئورنۇمدىن تۇردۇم. دادام ماڭا:
        ـ بالام، مەكتەپكە بارغىن، يەنە قەلەمتۇراچ ۋە باشقا قالايمىقان ئىشلارنى ئويلاپ يۈرمىگىن... ساراڭلاردەك قىلىقلىرىڭنى تاشلا! يەنە ئۈچ يىل ئۆتسە، چوڭ ئادەم بولۇپ، ئۆزەڭنى ـ ئۆزەڭ باشقۇرىدىغان بولىسەن، ئۆھۈ، ئۆھۈ، ئۆھۈ! دادام مۇشۇنداق قىزغىن سۆزلەر بىلەن مېنى ئۇزىتىپ، يېڭى مۇئەللىم ھايىمنىڭ يېنىغا بېرىشىمنى بۇيرۇدى. مۇنداق مۇلايىم گەپلەرنى مېنىڭ بۇ سەپرا مىجەز دادامنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىشىم تۇنجى قېتىم ئىدى. مەن ئۇنىڭ مېنى تىللىغان، ئۇرغانلىرىنى خۇددى ھىچقاچان مۇنداق ئىش بولمىغاندەك ھەممىنى ئۇنتۇدۇم. ئەگەر خىجىل بولمىسام. يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنى سۆيمەكچىدىم ئەمما، ھى، ھى، ھى، دادامنىڭ ساقاللىق ئىڭىكىگە سۆيۈش قاملاشمىغان ئىش ـ تە.
       ئاپام ماڭا مەكتەپتە يېيىش ئۈچۈن بىر ئالما سېتىۋېلىشقا خەشلەش ئۈچۈن يېرىم يارماق بەردى. ھەتتا نېمىسمۇ ماڭا بىر يارماق بەردى ھەمدە قوۋۇزۇمنى سىلاپ تۇرۇپ:
        ـ ياخشى بانام (بالام)! ياخشى! ياخشى! ـ دىدى. مەن مانۇن كىتاۋىنى قولتۇغۇمغا قىسىپ، قوي تېرىسىگە يېزىپ ئىشكنىڭ كېشىگىگە مىخلاپ قۇيۇلغان تەۋرات ئايەتلىرىنى سۆيۈپ، مەكتەپكە يۈرۈپ كەتتىم. مەن خۇددى دۇنياغا قايتىدىن تۇغۇلغاندەك بولدۇم. كۆڭلۈم ناھايىتى ئازادە، خوشال ھەم تىنچ بولۇپ قالدى. ئەمدى ئويلاۋاتقانلىرىمنىڭ ھەممىسى يېڭى ئىشلار، ئوچۇ ـ يورۇق ئىشلار ئىدى. ئىللىق قۇياش ماڭا ئۆز نۇرىنى چاچتى. سەلكىن شامال چاچلىرىمنى يەلپۈيتتى، قۇشلار ۋىچىرلىشاتتى. ھاۋا خۇددى مېنى يۇقۇرىغا لەيلەتمەكچى بولغاندەك، مېنى ئالغا ئىتتىرەتتى، مېنىڭ بىردەم سەكرىگىم، يۈگۈرگۈم، بىردەم ئۇسۇل ئوينىغىم كېلىپ كەتتى. سەمىمى ئادەم بولۇش، يالغان سۆزلىمەسلىك، ئوغرىلىق قىلماسلىق، نىمە دىگەن ياخشى، نىمە دىگەن راھەت ئىش ـ ھە! مەن قانۇن كىتاۋىنى كۆكسۈمگە چىڭ بېسىپ، خوشال ـ خورام ھالدا مەكتەپكە كېتىۋاتىمەن، ممەن بۇ مۇقەددەس كىتاپنى كۆكسۈمگە قويۇپ تۇرۇپ ئىچىمدە ئۆزەمگە قەسەم بەردىم: باشقىلارنىڭ نەرسىسىگە ھەرگىز كۆزۈمنى سالمايمەن، ھەرگىز ئوغرىلىق قىلمايمەن، ھەرگىز كىشىلەرنى ئالدىمايمەن، ئاقكۆڭۈل، سەمىمى ئادەم بولىمەن!

       «Oماركىز خانىم» ناملىق چەتئەل ھىكايىلىرى توپلىمىدىن)sدۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ1984-يىللىق3-سانىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.