ئاۋسترالىيە مىكرو ھېكايىلىرىدىن

يوللىغۇچى : admin يوللىغان ۋاقىت : 2010-02-11 20:17:11

ئاۋسترالىيە مىكرو ھېكايىلىرىدىنئەخمەت ئىمىن تەرجىمىسى ئورنى توغرا، ۋاقتى خاتا! بىر ئالىجۇقا ئاۋاز ئۇنى ئۇيقۇدىن ئويغىتىۋەتتى. بۇ يېرىم كېچىدىن ئاشقان ۋاقىت ئىدى. ئۇ ئايال دەرھال تاپانچىسىنى...

    ئاۋسترالىيە مىكرو ھېكايىلىرىدىن
    ئەخمەت ئىمىن تەرجىمىسى
       
       ئورنى توغرا، ۋاقتى خاتا!

      بىر ئالىجۇقا ئاۋاز ئۇنى ئۇيقۇدىن ئويغىتىۋەتتى. بۇ يېرىم كېچىدىن ئاشقان ۋاقىت ئىدى. ئۇ ئايال دەرھال تاپانچىسىنى قولىغا ئالدى. تاراققىدە قىلىپ ئىشىكنىڭ قۇلۇپى ئېچىلدى، ئارقىدىنلا ئىشىك غىچىرلاپ بىر ئادەمنىڭ قارىسى ئۆيگە كىردى. تاۋرى پاڭڭىدە قىلىپ ئوق چىقاردى. «مەن ئىدىم، تاۋرى!» ئۇ ئادەم يىقىلىۋېتىپ نەپىسى كېسىلگەن ھالدا ۋارقىرىدى. «ئاپلا، گىئورگى، سەن پەيشەنبە دېمەپمىدىڭ، بۈگۈن تېخى چارشەنبىدىغۇ!»

       تۈرمىدىن قېچىش

       قامالغىنىغا ئون يىل بولغان مەھبۇس تۈرمىنىڭ تېمىنى زەڭگەر ئاسمان، كۆپكۆك دېڭىز قىياپىتىگە كىرگۈزدى، نويابردا ئۇنىڭ ئاستىغا غەلىتە، ئەگرى ـ بۈگرى دېڭىز ساھىلىنى قوشتى، دوژدېستۋو ئۇنىڭغا بىر قېيىقنىڭ ئىزناسىنى سالدى، ھەش ـ پەش دېگۈچە ئۇ قېيىق ماتورلۇق قېيىققا ئايلاندى. دۈشەنبە ـ پاسخا بايرىمى كۈنى بىر توپ گۇندىپايلار قۇپقۇرۇق كامېرغا، ماتورلۇق قېيىقنىڭ ئالدىغا كېلىپ كۆزدىن يوقالغان ئاياغ ئىزىغا قاراپ لېۋىنى چىشلەپ تۇرۇپ قالدى.

       يېتىشمىگەن قان

       ئىشقىلىپ، ساقچى باشلىقىنىڭ ئۆمرىدە كۆرگەن قان بىلەن يېزىلغان ئەڭ ئۇزۇن ـ ئەڭ ئۇزۇن خەت مۇشۇ. كۆك قان تومۇرنى سىياھ قەلەمنىڭ قېپىدىن ئەپچىل ئۆتكۈزۈپ تەييارلانغان بۇ نەرسە بىلەن ئۇ كىشى ئۆز سۆزلىرىنى يېزىۋېتىپ قىممەتلىك ھاياتىنى ئاياغلاشتۇرغانىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۇ ئاجايىپ ھېكايە تاماملانغۇچە، ئۇنىڭ قېنى تۈگەپ كەتكەن. ئەجەبا، مۇشۇ ئۇنىڭ ھاياتىمىدۇ؟

       ئۇ ھېلىھەم قەلبىمدە ھايات

       ئۇ قىز سۈرەتچىلىك ئۈستىلىگە يۈزلىنىپ تىچ، تەمكىم ئولتۇراتتى. رەسسام سۈرىتىنى پۈتتۈرەي دەپ قالدى، سۈرەتتە قىزنىڭ گۈزەللىكى نەق ئەكس ئەتتۈرۈلگەنىدى. قىزنىڭ يۈرىكى ئۆزگە بېرىگە سوقاتتى. ئۇ رەسسامنىڭ مېھىرلىك مۇئامىلىلىرىگە پەرۋا قىلماي، سوغۇق تەبەسسۇم بىلەن كۈلۈپ قوياتتى، شۇنداقتىمۇ رەسسامنىڭ قەلبىدە ئۇنىڭغا قارىتا چوڭقۇر ئىشتىياق ئۇرغۇپ تۇراتتى. ھالبۇكى، قىز ئۇنىڭ سۈرىتىدە مەڭگۈلۈك قالدى. بۇ نېمە بولغىنى، قىز تۇيۇقسىزلا ئالدىغا مۈدۈرۈپ كەتتى. رەسسام ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنى ئاستاغىنا يۆلەپ قويدى.

            («چەت ئەل ھېكايىلىرىگە بىر نەزەر» ژۇرنىلىنىڭ 1988 - يىل 3 - سانىدىن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مىكرو ھىكايە