تاتۇق

يوللىغۇچى : tahirhamut يوللىغان ۋاقىت : 2007-03-29 21:32:00

تاتۇق (ھېكايە )لۇئىس بورخېس(ئارگېنتىنا) ئۇنىڭ يۈزىدە قورقۇنچلۇق بىر تاتۇق بار ئىدى: ئاقۇش كۈلرەڭ، ياي شەكلىدىكى بۇ تاتۇق ئۇنىڭ بىر تەرەپتىكى چېكىسىدىن يەنە بىر تەرەپتىكى ئېڭىكىگىچە سوزۇلغان ئىد...

    تاتۇق
    (ھېكايە )
    لۇئىس بورخېس(ئارگېنتىنا)

      ئۇنىڭ يۈزىدە قورقۇنچلۇق بىر تاتۇق بار ئىدى: ئاقۇش كۈلرەڭ، ياي شەكلىدىكى بۇ تاتۇق ئۇنىڭ بىر تەرەپتىكى چېكىسىدىن يەنە بىر تەرەپتىكى ئېڭىكىگىچە سوزۇلغان ئىدى.ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىسمى مۇھىم ئەمەس،تاكارۇنبودىكى كىشىلەر ئۇنى لاكرولادالىق ئېنگلىز دەپ ئاتىشاتتى.بۇ ئەتراپتىكى يەرلەرنىڭ خوجايىنى كادوسو دەسلەپتە لاكرولادانى سېتىشقا ئۇنىمىغان ئىكەن.مەن ئۇ ئېنگلىزنىڭ ئادەم ئويلاپ باقمىغان بىر چارىنى ئىشقا سالغانلىقىنى ئاڭلىدىم: ئۇ يۈزىدىكى تاتۇقنىڭ سىرىنى كاسودوغا ئېيتىپ بېرىپتۇ.ئۇ ئېنگلىز رېئوگران چېگرا رايونىدىن كەلگەن بولۇپ،بىرمۇنچە ئادەم ئۇنى برازېلىيىدە ئەتكەسچىلىك قىپتىكەن دېيىشەتتى.لاكرولادا چۆل ئۆسۈملۈكلىرى بېسىپ كەتكەن،سۈيى تۇزلۇق يەر بولۇپ، بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۇ ئېنگلىز كۈندە مەدىكارلىرى بىلەن بىللە ئىشلەيدىكەن.دېيىلىشىچە ،ئۇ رەھىمسىزلىكتە ئۇچىغا چىققان ئادەم بولسىمۇ،لېكىن ئىشنى ناھايىتى ئادىل بىر تەرەپ قىلىدىكەن. ھاراققا ناھايىتى ئامراق بولۇپ،يىلدا ئىككى-ئۈچ قېتىم ئاشۇ دەرىزىسى سىرىتقا چىقىپ تۇرىدىغان ئۆيىگە مۆكۈنىۋېلىپ ،ئىككى-ئۈچ كۈن توختىماي يالغۇز ھاراق ئىچىدىكەن،ئاندىن تالاغا چىققاندا خۇددى ئۇرۇشقا قاتناشقاندەك ياكى ئۇزۇن مۇددەت ھۇشسىز يېتىپ ھۇشىغا كەلگەن ئادەمدەك چىرايى تاتىرىپ،قوللىرى تىترەپ،مىجەزى ئوساللىشىپ كېتىدىكەن،لېكىن يەنىلا سۈر-ھەيۋىسىنى يوقاتمايدىكەن. ئۇنىڭ سوغۇق نەزەر بىلەن قاراشلىرى،ئورۇق ھەم چىڭ گەۋدىسى ۋە كۈلرەڭ بۇرۇتلىرى تا ھازىرغىچە ئېسىمدە.ئۇ ھېچكىم بىلەن باردى-كەلدى قىلمايدىكەن،ئۇنىڭ ئىسپانچىسى بەكلا ناچار بولۇپ، برازېلىيىلىكلەردەك سۆزلەيدىكەن①.ئارىلاپ كېلىپ قالىدىغان سودا ئالاقىسى ياكى كىتاپچىلارنى ھېساپقا ئالمىغاندا،ئۇنىڭغا بىرەركىمدىن خەت-پەتمۇ كەلمەيدىكەن.
        مەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم شىمالدىكى بىرنەچچە ئۆلكىنى ساياھەت قىلغاندا،كاراگۇئاتا دەرياسىغا سەل كېلىپ كېتىپ،لاكرولادادا قونۇشقا مەجبۇر بولغانىدىم.بۇ يەرگە كېلىپ بىر نەچچە مىنۇت ئۆتمەيلا،ئەمەس بىر ۋاقىتتا كېلىپ قالغىنىمنى ھېس قىلدىم؛مەن ئۇ ئېنگلىزغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن،گەپنى ئادەمنى ئانچە ھاياجانلاندۇرمايدىغان تېمىغا،يەنى ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىغا يۆتكىدىم.مەن ئېنگلاند روھىغا ئىگە بىر دۆلەت يېڭىلمەيدۇ،دېدىم.خوجايىن گېپىمگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى،لېكىن يەنە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئەنگلىيىلىك ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.ئۇ ئىرېلاندىيىنىڭ دىنكاۋون دېگەن يېرىدىن ئىكەن.ئۇ بۇ گەپنى دەپ بولۇپلا،خۇددىن بىر مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ قويغاندەك دەرھال توختىۋالدى. كەچلىك تاماقتىن كېيىن،بىز ھاۋانى كۆزەتكىلى تالاغا چىقتۇق.ھاۋا ئېچىلىپ كەتكەنىدى،لېكىن جەنۇپ تەرەپتىكى پىچاق بىسىدەك چوققىلارنىڭ كەينىدىكى ئاسماندا تۇرۇپ-تۇرۇپ چاقماق چېقىپ،يەنە بىر  قېتىملىق بوران-چاپقۇندىن شەپە بېرەتتى.بىز ھېلىقى ئەبگا ئاشخانىغا قايتىپ كىردۇق، بايا بىزنى كۈتكەن مالاي بىر بوتۇلكا لوم ھارىقى ئەكىردى.ئىككىيلەن ئۇزۇنغىچە ئۈن-تىنسىز ھاراق ئىچتۇق. بىر ھازادىن كېيىن،ئۆزۈمنىڭ ئازراق مەست بوپ قالغىنىمنى ھېس قىلدىم؛ خوشاللىقتىنمۇ ياكى زېرىكىشتىنمۇ، ئەيتاۋۇر،تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ يۈزىدىكى تاتۇقنى تىلغا ئالدىم.ئۇ ئېنگلىزنىڭ تەرى تۈرۈلدى،بىرنەچچە سىكونت جىمىپ كەتتۇق،مەن ئەمدى ئۇ مېنى دۇمبالىغانچە قوغلاپ چىقىرىدىغان بولدى دەپ ئويلىدىم.
       ئاخىر،ئۇ سۆز ئۇدارىنى قىلچە ئۆزگەرتمەيلا:
        ــ بوپتۇ، بۇ تاتۇقنىڭ ھېكايىسىنى سىزگە سۆزلەپ بېرەي،لېكىن مۇنداق بىر شەرتىم بار: بۇ ئىشنىڭ قانچىلىك نومۇسلۇق، قانچىلىك شەرمەندە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەن ئۆز ئەينى بويىچە سۆزلەيمەن،ھەرگىزمۇ يالغاننى قاتمايمەن،ــ دېدى.
       مەن ئەلۋەتتە قوشۇلدۇم.تۆۋەندىكىسى ئۇ ماڭا سۆزلەپ بەرگەن ھېكايە. ئۇ بۇ ھېكايىنى سۆزلىگەندە،ئېنگلىزچىغا ئىسپانچىنى،بەزىدە ھەتتا پوتۇگالچىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىدى:

        1922-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە،كاننوت رايونىدىكى بىر شەھەردە ئىرېلاندىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى پىلانلاۋاتقان بىرمۇنچە ئادەم بار ئىدى، مەنمۇ شۇلارنىڭ بىرى ئىدىم. مېنىڭ شۇ چاغدىكى سەپداشلىرىمدىن بەزىلەر ھېلىمۇ ھايات، ئۇلار ھازىر تېنچ خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ؛ بەزىلەرنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ قىززىق،ئۇلار ھازىر دېڭىزلاردا ياكى قۇملۇقلاردا ئەنگلىيىنىڭ دۆلەت بايرىقى ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتىدۇ؛ ئەڭ قەيسەر بىرسىنى سۈبھى مەزگىلىدە بىر ھەربىي گازارمىدىكى يېرىم ئۇيقۇلۇق ئەسكەرلەر ئېتىۋەتتى؛ يەنە بەزىلىرى ( تەلىيى ئانچە كاج ئەمەسلىرى) ئىچكى ئۇرۇشتىكى ئۈن-تىنسىز ھەتتا مەخپىي دېگۈدەك كۆرەشلەردە ئۆز ماكانىنى تاپتى.بىز بىر توپلار جۇمھۇرىيەتنى ھېمايە قىلاتتۇق، كاتولىك دىنىنىڭ مۇرىتلىرى ئىدۇق، مېنىڭچە بىز يەنە  رومانتىزمچىلاردىن ئىدۇق.بىزنىڭ قارىشىمىزچە،ئىرېلاندىيىنىڭ تاقەت قىلغىلى بولمايدىغان بۈگۈنى ۋە ئۇتوپىيىچە كەلگۈسى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە قىرتاق ھەم سۆيۈملۈك ئەپسانە ئىدى؛ئۇنىڭدا يۇمۇلاق مۇنارلار بار ئىدى،قىزىل رەڭلىك ساسلىقلار بار ئىدى؛ ئۇ پارنېل②نىڭ قارشىلىقى ئىدى؛ ئۇ كالا ئوغرىلىرىنى مەدھىيىلەيدىغان ئىپوس ئىدىكى،ئاشۇ كالىلار بەزىدە قەھرىمانلارنىڭ سىماسى بولسا، بەزىدە بېلىق ۋە تاغلارنىڭ سىماسى ئىدى.بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، ناھايىتى ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ،بىزنىڭ جون ۋېنسېنت مۇئېن دېگەن بىر ئەزايىمىز مانسىتتىن بىزنىڭ يېنىمىزغا كەلدى. ئۇ تېخى 20ياشقىمۇ كىرمىگەن بولۇپ،ۋىجىك ھەم يارىماس بىر نېمە ئىدى، ئادەمنى خۇددى مەددە قۇرۇتتەك بىئارام قىلاتتى.ئۇ قاتتىق ئەسەبىيلىك ۋە ساختا شۆھرەت تۇيغۇسى بىلەن كوممۇنىزمغا ئائىت قانداقتۇر بىر كىتاپچىنى پىششىق ئوقۇۋالغانىكەن،مەيلى قانداق مەسىلە توغرىلىق سۆزلىشەيلى،ئۇ ھامان دىئالېكتىك ماتېرىيالىزم بويىچە خۇلاسە چىقىراتتى.بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمنى ياقتۇرۇش ياكى ياقتۇرماسلىققا نۇرغۇن ئاساسلىرى بولىدۇ،لېكىن مۇئېن پۈتكۈل ئىنسانىيەت تارىخىنى ئاشۇ ئىپلاس ئىقتىسادى توقۇنۇشقىلا يىغىنچاقلايتى.ئۇ ئىنقىلاپ چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ دەپ كېسىپ ئېيتاتتى.مەن بولسام يۈكسەك ئىرادىلىك ھەققانىي كىشىلەر ھەرقانداق ئېھتىماللىقنى نەزەرگە ئېلىشى،ھەتتا مەغلۇبىيەتنىمۇ ئويلاپ قويۇشى كېرەك دەيتىم ... ناھايىتى كەچ بوپ كەتكەنىدى،بىز كارىدور ۋە پەلەمپەيدە تالاش-تارتىش قىلغىنىمىزچە كوچىغا چىقتۇق.ماڭا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى مۇئېننىڭ نۇقتىئىنەزەرلىرى ئەمەس،بەلكى ئۇنىڭ ناھايىتى كەسكىن تەلەپپۇزى ئىدى.يېڭى كەلگەن بۇ يولداش مەسىلە مۇزاكىرە قىلمايۋاتاتتى،بەلكى كەمسىتىش ۋە تەئەددى بىلەن بۇيرۇق چۈشۈرىۋاتاتتى. بىز مېڭىپ شەھەرنىڭ چېتىگە چىقتۇق، بۇ يەردە ئۆيلەر تارقاق ئىدى،تۇيۇقسىز ئوق ئاۋازى ئاڭلاندى، بىز قاتتىق چۆچۈپ كەتتۇق (بۇنىڭدىن بۇرۇن بىز بىر زاۋۇت ياكى ھەربىي گازارمىنىڭ قورۇق تېمى يېنىدىن ئۆتكەنىدۇق). بىز دەرھال بۇرۇلۇپلا بىر توپا يولغا كىردۇق.بىر ئەسكەر ئوت كەتكەن بىر ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىقتى،ئوت يورۇقىدا ئۇنىڭ گەۋدىسى ناھايىتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى.ئۇ بىزگە « توختا!»دەپ قاتتىق ۋارقىرىدى، مەن قەدىمىمنى تېزلەتتىم، مېنىڭ ئۇ سەپدىشىم ماڭا يېتىشەلمىدى. كەينىمگە قارىسام جون ۋېنسېنت مۇئېن قوققىنىدىن مىدىر-سىدىر قىلالماي قېتىپلا قاپتۇ.مەن كەينىمگە يېنىپ يۈگۈرۈپ بېرىپ،ھېلىقى ئەسكەرنى بىر مۇشت بىلەن يىقىتىۋېتىپ،ۋېنسېنت مۇئېننى ئاغزىمنى بۇزۇپ تىللىغىنىمچە «تېز ماڭ!» دەپ كۈچەپ تارتتىم.ئۇ قوققىنىدىن ئۆزىنى تاشلاپلاۋەتكەن ئىدى،مەن ئامالسىز ئۇنىڭ قولتۇقىدىن يۆلىگەنچە يۈگۈردىم.بىز ئوت يورۇقى قاپلىغان قاراڭغۇ كېچىدىن يول تېپىپ قاچتۇق،كەينىمىزدىن قويۇق ئوق ئاۋازى كۆتۈرۈلدى.مۇئېننىڭ ئوڭ بىلىكىنى بىر پاي ئوق سىپاپ ئۆتۈپ كەتكەنىدى،بىز كىچىك بىر قارىغايلىققا قېچىپ كىگىنىمىزدە، ئۇ مىشىلداپ يىغلاشقا باشلىدى.
       ئاشۇ يىلى،يەنى 1922-يىلى كۈزدە،مەن گېنېرال بېكلېينىڭ يېزىدىكى داچىسىدا كۆزەتچىلىك قىلىۋاتقان ئىدىم.گېنېرال ئەينى چاغدا بېنگالدا ئاللىقانداقتۇر بىر مەمۇرىي خىزمەتتە بولۇپ،مەن ئۇنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانىدىم.بۇ داچا سېلىنغىلى تېخى يۈز يىلغا يەتمىگەن بولسىمۇ،لېكىن ناھايىتى كونىراپ قاراڭغۇلىشىپ كەتكەنىدى.ئۇنىڭدا بىر مۇنچە ئەگرى-بۈگرى كارىدور ۋە كېرەكسىز دەھلىزىلەر بار ئىدى.ئاسار-ئەتىقىدەك ئۆي جاھازلىرى ۋە بەك جىق كونا كىتاپلار ئاستىنقى قەۋەتكە تولۇپ كەتكەنىدى: بۇ كىتاپلارنىڭ مەزمۇنلىرى بىر-بىرىگە زىت ۋە مۇناسىۋەتسىز بولۇپ،مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا دەل 19-ئەسىرنىڭ تارىخنى ئىپادىلىگەنىدى؛پېرسىيىنىڭ نىشاپوردا سوقۇلغان مىسران قىلىچنىڭ ئەگرى بىسىدا قەدىمقى ئۇرۇشلارنىڭ شەپىسى ۋە دەھشىتى قېتىپ قالغاندەك ئىدى.قورۇغا ئارقا ئىشىكتىن كىرگەنلىكىمىز ھېلىمۇ ئېسىمدە.مۇئېننىڭ قۇرۇپ كەتكەن لەۋلىرى تىترەيتى، ئۇ كېكەچلەپ تۇرۇپ ئاشۇ كەچتىكى ئىشنىڭ نېمىدىگەن ئاجايىپ ئىكەنلىكىنى دېدى؛مەن ئۇنىڭغا بىر ئىستاكان چاي قۇيۇپ بەردىم،يارىسىنى تاڭدىم،ئوق ئۇنىڭ ئازراق تېرىسىنى سۈرىۋەتكەن بولۇپ،سۆڭەككە زەخمە يەتمىگەنىدى. تۇيۇقسىز،ئۇ قەتئىي چۈشىنەلمىگەن تەرىزدە:
       ــ سەن ناھايىتى چوڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلدىڭا،ــ دېدى. مەن ئەنسىرەمىسەڭمۇ بولىدۇ دېدىم (بىزنىڭ ئىچكى ئۇرۇشتا كۆنگىنىمىز بويىچە، بايىقىدەك ئەھۋالدا مەن ئاشۇنداق قىلمىسام بولمايتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە،بىر سەپدىشىمىز تۇتۇلسا،بىزنىڭ پۈتكۈل ئىشلىرىمىزغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن ئىدى). ئەتىسى مۇئېن تېنچلاندى.ئۇ مەن بەرگەن بىر تال تاماكىنى ئالدى-دە،ناھايىتى قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن  « ئىقىلابىي پارتىيىمىز ئىشلىتىۋاتقان ئىقتىسادنىڭ مەنبەسىنى» ئىگىلەيمەن، دەپ مېنى سوراققا تارتقىلى تۇردى.ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلە ناھايىتى يوللۇق ئىدى،مەن راست گەپ قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەھۋالنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم. جەنۇپ تەرەپتە ئوق ئاۋازى شىددەتلىك ئىدى.مەن مۇئېنغا سەپداشلىرىمىزنىڭ بىزنى  ساقلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتىم.مېنىڭ پەلتۇيۇم بىلەن تاپانچام ياتىقىمدا ئىدى،ئۇلارنى ئېلىپ چىقسام مۇئېن كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ ساپادا يېتىپتۇ.ئۇ ئۆزىنىڭ قىزىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغانىدى،مۈرەم ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ دەپ قاخشايتى. مەن ئۇنىڭ قورقۇنچاقلىقتا قۇتقازغالى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى چۈشەندىم،ناھايىتى گاڭگىرىغان ھالەتتە ئۇنىڭغا  ئېھتىيات قىلىشنى تاپىلاپ،ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم. گويا ئۇ توخۇ يۈرەك ۋېنسېنت مۇئېن ئەمەس،مەن ئۆزۈمدەك، قاتتىق خېجىللىق ھېس قىلدىم.بىر ئادەمنىڭ قىلمش-ئەتمىشلىرى بىلەن باشقا بارلىق ئادەملەرنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى ئوتتۇرىسىدا ئوخشاشلىقلار بولىدۇ.شۇڭا،بىر ئادەمنىڭ بويۇنتاۋلىقىنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ يۈزىنى تۆككەنلىك دېيىشنى ئادىللىق ئەمەس دېگىلى بولمايدۇ، بىر يەھۇدىينىڭ كرىستقا مىقلىنىشى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزالايدۇ دېيىشنىمۇ ئادىللىق ئەمەس دېگىلى بولمايدۇ.شوپېنخائۇر③مۇنداق بىر مەشھۇر گەپنى قىلغان: مەن دېمەك باشقىلار دېمەكتۇر،ئادەم دېمەك بارلىق جانلىق دېمەكتۇر.ئۇنىڭ بۇ گېپىنىڭ بەلكىم زاكۇنى بولسا كېرەك.مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا،شېكسپىر دەل ئاشۇ جون ۋېنسېنت مۇئېننىڭ ئۆزى شۇ. بىز گېنرالنىڭ چوڭ داچىسىدا توققۇز كۈن تۇردۇق.ئۇرۇش ئېلىپ كەلگەن ئازاپ-ئوقۇبەت ۋە ئارزۇ-ئارمانلار ھەققىدە مېنىڭ بىر نەرسە دېگۈم يوق،مېنىڭ مەقسىدىم پەقەتلا مېنىڭ چىرايىمنى بۇزغان مۇشۇ تاتۇقنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىش،خالاس.ئاشۇ توققۇز كۈن مېنىڭ ئېسىمدە گويا بىرلا كۈنگە ئايلانغانىدى، پەقەت ئەڭ ئاخىرقى ئىككىنچى كۈنىلا بۇنىڭ سىرتىدا ئىدى.ئاشۇ كۈنى بىزنىڭكىلەر بىر ھەبىي گازارمىغا بۆسۈپ كىرىپ، 16 ئەسكەرنى ئۆلتۈرۈپ،ئەلفېندا پىلمۇتتا ئوققا تۇتۇلۇپ ئۆلتۈرۈلگەن 16سەپدىشىمىز ئۈچۈن ئىنتىقام ئالغانىدۇق.
       مەن تاڭ خىرە يورىغاندا غىپپىدە چىقىپ كېتىپ،قاراڭغۇ چۈشكەندە قايتىپ كەلگەنىدىم.مېنىڭ ھەمرىيىم مېنى ئىككىنچى قەۋەتتە ساقلاۋاتاتتى،ئۇ ئاغرىق تۈپەيلىدىن بىرىنچى قەۋەتكە چۈشەلمەيتى.ئېسىمدە قېلىشىچە، ئۇ ستراتېگىيىگە ئائىت بىر كىتاپنى كۆتىرىۋالغانىدى،ئۇ ماۋدېت ياكى كلاۋسېۋىز④ نىڭ ئەسىرى بولسا كېرەك. بىر كۈنى كەچتە،ئۇ ماڭا:« مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان قورال ــ زەمبىرەك » دېگەنىدى.ئۇ بىزنىڭ پىلانىمىزنى سۈرۈشتۈرۈپ،مەمەدانلارچە تەنقىت قىلاتتى ياكى تۈزىتەتتى. ئۇ يەنە دائىم « ئېچىنىشلىق ئىقتىسادىي ئاساسىمىز» غا ھۇجۇم قىلىپ،جاھىل ۋە شۇم ھالەتتە ئاقىۋېتىمىزنىڭ چوقۇم چاتاق بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلاتتى.ئۇ:«بۇ ئىش تۈگەشتى» دەپ غۇدۇرايتى. ئۇ ئۆزىنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى چاندۇرماسلىق ئۈچۈن، زېھنىنىڭ ئۆتكۈر ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىشقا كۈچەپ تىرىشاتتى.ھەرھالدا بىز توققۇز كۈننى مانا مۇشۇنداق ئۆتكۈزدۇق. ئونىنچى كۈنى،ھۆكۈمەت ئارمىيىسى شەھەرنى پۈتۈنلەي كونترۇل قىلدى. قاۋۇل ئاتلىق ئەسكەرلەر شەھەرنى ئۈن-تىنسىز چارلايتى،شامال ئىس-تۈتەكلەرنى ئۇچۇرۇپ يۈرەتتى؛مەن كوچا بۇرجىكىدە تۇرۇپ مەيداندا ئەسكەرلەرنىڭ بىر جەسەتنى ئادەم شەكىللىك قارىغا نىشانى قىلىپ ئوق ئېتىش مەشقى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردىم...
       مەن ئۇ كۈنى سەھەردىلا چىقىپ كېتىپ،چۈشتىن بۇرۇنلا قايتىپ كەلدىم.مۇئېن كۇتۇپخانا ئۆيدە بىرسىگە گەپ قىلىۋاتاتتى،مەن ئۇنىڭ ئاۋازىدىن تېلېفون بېرىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇم.ئۇ مېنىڭ ئىسمىمنى تىلغا ئالدى،ئارقىدىنلا مېنىڭ كەچ سائەت يەتتىدە قايتىپ كېلىدىغانلىقىمنى دېدى،يەنە تېخى مەن گۈللۈكتىن ئۆتكەندە مېنى تۇتسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ پىلان كۆرسەتتى.مېنىڭ ئۇ ناھايىتى ئەقىللىق دوستۇم ناھايىتى ئەقىللىق ھالدا مېنى دۈشمەنلەرگە سېتىۋاتاتتى.مەن يەنە ئۇنىڭ ئۆز بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تەلىپىنىمۇ ئاڭلىدىم. مېنىڭ بۇ ھېكايەم مۇشۇ يەرگە كەلگەندە كاللام ئېلىشىپ كېتىدۇ،ھېكايىمۇ ئۈزۈلۈپ قالىدۇ.پەقەتلا ئۇ مۇناپىقنىڭ قاچقىنى،مېنىڭ ئالۋاستى ئۇۋىسىدەك قاپقاراڭغۇ كارىدوردىن ئۆتۈپ،ئادەمنىڭ بېشىنى قايدۇرىدىغان پەلەمپەيلەردىن چۈشۈپ،تاپ باستۇرۇپ قوغلىغىنىملا ئېسىمدە.مۇئېن بۇ ئۆيلەرنىڭ ئۈجۈر-بۈجۈرىنى مەندىن ئوبدان بىلەتتى، بىرنەچچە مەرتەم ئۇ قېچىپ كەتكىلى تاسلا قالدى.لېكىن ئەسكەرلەر كېلىپ مېنى تۇتۇۋېلىشتىن بۇرۇن،مەن ئۇنى بىر بۇلۇڭغا قاۋىۋالدىم.مەن گېنېرالنىڭ تامغا ئېسىقلىق كۆرگەزمە قورال-ياراقلىرى ئارىسىدىن بىر ئەگرى قىلىچنى سۇغۇرۇۋېلىپ، قىلىچنىڭ ھىلال ئاي شەكلىدىكى پولات تىغى بىلەن ئۇنىڭ يۈزىدە ھىلال ئاي شەكلىدىكى يوقالماس قانلىق ئىز قالدۇردۇم.بورخېس،ئىككىمىز گەرچە تونۇشمىساقمۇ،مەن بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى سىزگە ئېيتىپ بەردىم. مېنى كۆزگە ئىلمىسىڭىز مەيلى،مېنىڭ كۆڭلۈم يېرىم بولمايدۇ. ئۇ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە توختاپ قالدى.
       مەن ئۇنىڭ قولىنىڭ تىترەۋاتقانلىقىنى بايقىدىم.
       ــ مۇئېن،كېيىن قانداق بولدى؟ــ دەپ سورىدىم.
        ــ ئۇ يۇدا⑤غا بېرىلگەن ئىنئامغا ئېرىشىپ، برازىلىيىگە قېچىپ كەتتى.شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن،مەن بىر نەچچە مەست ئەسكەرنىڭ مەيداندا بىر ئادەمنى قارىغا  نىشانى قىلىپ ئېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. مەن ئۇنىڭ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى كۈتۈپ ئولتۇردۇم،لېكىن ئۇ بىر ھازاغىچە ئۈندىمىدى.ئاخىر مەن ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىرنى ئىڭراپ قويۇپ،يۈزىدىكى ھېلىقى كۈلرەڭ ئەگرى تاتۇقنى ئېچىنىش بىلەن كۆرسەتتى. ــ ئەجەبا سىز ئىشەنمىدىڭىزمۇ؟ــ دېدى ئۇ پىچىرلاپ تۇرۇپ،ــ ئەجەبا سىز مېنىڭ يۈزۈمدىكى بۇ ئىپلاس ئىزنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟ مەن سىزنىڭ بۇ ھېكايىنى تولۇق ئاڭلىشىڭىز ئۈچۈن،مۇشۇ ئۇسۇلدا سۆزلەپ بەردىم.مەن ئۆزۈمنى قوغدىغان ئادەمنى پاش قىلدىم، ۋېنسېنت مۇئېن مەن شۇ.ئەمدى مېنى كەمسىتسىڭىز بولىدۇ.

    ـــــــــــــــــــــــــــــــــــ

    ①برازىلىيىدە پورتۇگال تىلى قىولىنىلىدۇ، پورتۇگال تىلىنى بەزىلەر بۇزۇلغان ئىسپان تىلى دەپ ئاتىشىدۇ.
    ②پارنېل) (Charles Stewart Parnell,1846-1891ئىرېلاندىيىلىك سىياسىئون،ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ،ئىرېلاندىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلغۇچى رەھبەرلەرنىڭ بىرى.
    ③شوپېنخائۇر(Arthur Schopenhauer,1788-1860)گېرمانىيىلىك پەيلاسوپ.
    ④كلاۋسېۋىز(Karl von Clausewitz,1780-1831)پرۇسىيىلىك گېنېرال،بېرلىن ھەربىي مەكتىپىگە مۇدىر بولغان،« ئۇرۇش توغرىسىدا » قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
    ⑤يۇدا(Judas) ئىيسا مەسىھنىڭ ئون ئىككى شاگىرتىنىڭ بىرى،كېيىن ئىيسانى سېتىپ،ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىگە ئېرىشكەن.                                           تاھىر ھامۇت تەرجىمە قىلغان

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-8 12:27:38]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر بورگېس تاھىر ھامۇت