ئوغرى( كىچىك روبېرت-ئامېرىكا)

يوللىغۇچى : Arghu يوللىغان ۋاقىت : 2007-11-19 01:10:00

ئوغرى (ھېكايە) [ئامېرىكا] كىچىك روبېرت ۋېلسۇن ئەر بۇ قىزنى ئايررۇپىلان بېلىتى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇرغاندا تۇنجى قېتىم كۆرگەنىدى. قىزنىڭ قاپ-قارا قۇندۇزدەك چېچى بىر تاللا ئۆرۈلگەن بولۇپ،...

    ئوغرى (ھېكايە)

    [ئامېرىكا] كىچىك روبېرت

        ۋېلسۇن ئەر بۇ قىزنى ئايررۇپىلان بېلىتى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇرغاندا تۇنجى قېتىم كۆرگەنىدى. قىزنىڭ قاپ-قارا قۇندۇزدەك چېچى بىر تاللا ئۆرۈلگەن بولۇپ، ئۇ: ئەگەر چېچىنى قويۇۋەتسە نازۇك بېلىدىن ئېتىلىپ چۈشۈۋاتقان شارقىراتمىدەك ھەيۋەت كۆرۈنىدىكەن، دەپ ئويلاپ قالدى.
        قىز ئۇچىسىغا خرۇم چاپان كىيگەن، دولىسىغا يوغان قارا سومكا ئاسقان، پۇتىغا يۇمشاق خرۇم ئۆتۈك كىيگەن بولۇپ، ئەرنىڭ ئالدىدا ئۆچىرەتتە تۇرغانىدى. ئەر قىزنىڭ چىرايىنى كۆرۈشكە شۇنچە ئىنتىلىپ باقتى، پەقەت قىز بېلەتنى ئېلىپ بولۇپ قايتقاندىلا ئۇنىڭ گۈزەل رۇخسارىنى كۆرۈش نىسىپ بولدى. قىزنىڭ يۈزى ئازراق تاتىراڭغۇ كەلگەن، كۆزلىرى قاپقارا، ئاغزى ئويماقتەك ئىدى. ئۇنىڭ گۈزەل چىرايى ئەرنىڭ يۈرىكىنى دۈپۈلدىتىۋەتتى، قىزچاق ئەرنىڭ ئۆزىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدى بولغاي، شۇ زامان يەرگە قارىۋالدى. ئايرۇدرۇم خادىمى ئۇنىڭ دىققىتىنى بۆلىۋەتتى. ئەر شەرقىي قىسىمدىكى مەلۇم شەھەرگە بېرىپ-كېلىشنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك بۆلۈمچىنىڭ بېلىتىنى سېتىۋالدى. ئۇ قىزنىڭ 25 ياشلارغا كرىگەنلىكىنى پەرەز قىلدى.
       ئايرۇپىلان يەنە بىر سائەتتىن كېيىن ئۇچاتتى، ئۇ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئايرۇدرۇمنىڭ قاۋاقخانىسىغا كىرىپ، بىر رۇمكا شوتلاندىيە ۋىسكىسى بىلەن سۇ ئالدى. ئۇ ھاراقنى ئاز-ئازدىن ئوتلىغاچ كارىدوردا ئۇايقتىن-بۇياققا ئالدىراش ئۆتۈشۈپ كېتىۋاتقان يولۇچىلارغا، بولۇپمۇ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن مودا كىيىنگەن قىزلارغا قارايتتى. ئاخىر ئۇ ھېلىقى خرۇم چاپان كىيگەن قارا چاچلىق قىزنى كۆردى، قىز سۈرۈشتۈرۈش ئورنىدا سېرىق چاچلىق بىر قىز بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىۋاتاتتى. ئەر كۆڭلىدە ئامال قىلىپ قىزنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئايرۇپىلانغا چىقىشتىن بۇرۇن ئۇنى بىر رۇمكا ئىچىشكە تەكلىپ قىلماقچى بولدى. ئەمما قىزچاق ھەقىقەتەن ئۆزىگە قارىغان تەقدىردىمۇ قاراڭغۇلۇقتا ئولتۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ قالدى. بىر دەمدىن كېيىن ئىككى قىز بىر-بىرىدىن ئايرىلىشتى، ھېچقايسىسى بۇ تەرەپكە كەلمىدى. ئۇ يەنە بىر رۇمكا شوتلاندىيە ۋىسكىسى ۋە سۇ ئالدى.
        ئۇ ئايرۇپىلاندا ئوقۇش ئۈچۈن ژۇرنال سېتىۋېلىۋاتقاندا بىرسى ئۇنى ئۇرۇۋەتكەندەك قىلدى، بېشىنى كۆتۈرۈپ ھېلىقى قىزنى كۆردى. دەسلەپ ئۇ كىمدۇ بۇ، مېنى سوقۇۋەتكەن دەپ ھەيران قالدى، ئەمما قىزنى كۆرۈپ كۈلۈپ قويدى-دە:
        - بۇ يەر ئەجەپ قىزىپ كەتتى دېسە، - دېدى. قىز بېشىنى كۆتۈردى- ئۇنىڭ يۈزى قىزىرىپ كەتكەندۇ، دەپ خىيال قىلدى ئەر .  قىزنىڭ مىيىقىدا غەلىتە كۈلۈمسىرەش پەيدا بولدى. ئۇ چوڭ قەدەم تاشلاپ ئادەملەر توپىغا سىڭىپ كەتتى. ئەر ژۇرنالنى تاللاپ بولۇپ يانچۇقىغا قولىنى سالغانىدى، يانچۇقى قۇپقۇرۇق بولۇپ چىقتى. پورتمالىمنى قەيەردە چۈشۈرۈپ قويغاندىمەن، دەپ ئويلىدى ئەر، پورتمالىدىكى پۇل، ئىناۋەتلىك كارتا، ئەزالىق كارتىسى، كىملىك قاتارلىقلار ئۇنىڭ خىيالىدىن بىر-بىرلەپ ئۆتمەكتە ئىدى.

             ئۇنىڭ مەيدىسى ئېچىشقاندەك بولۇپ، كاللىسىنى بىر خىل قىرتاق قورقۇنچلۇق خىيال چۇلغۇۋالدى. ئۇ ئۆزىنى سوقۇۋەتكەن ھېلىقى قىزنى ئەسلەپ قالدى، توساتتىن ئۇنىڭ خىيالىغا شۇ قىزنىڭ پورتمالىنى ئوغرىلىۋالغانلىقى كەلدى. توغرا، پورتمالىنى شۇ قىز ئوغرىلىۋالغان ئىدى. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟
        ھېلىمۇ ياخشى ئايرۇپىلان بېلىتى بار ئىكەن، ئۇ يەنىمۇ خاتىرجەم بولۇش ئۈچۈن كاستيۇمىنىڭ يانچۇقىدىكى بېلەتنى يەنە بىر قېتىم سىلاپ باقتى. ئۇ ئايرۇپىلانغا چىقىپ قارشى تەرەپتىكى بىرەر تونۇشىغا ئالغىلى كېلىشكە تېلېفون بەرمەكچى بولدى، چۈنكى ئۇنىڭ ئاپتوۋۇزغا چىققۇدەكمۇ پۇلى يوق ئىدى، ئاندىن سودىسىنى پۈتۈشۈپ بولۇپلا قايتىپ كەلسە بولاتتى. ئەمما ھازىرلا يەنە ئايالىغا تېلېفون بېرىپ ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ ئىشىنى بىر تەرەپ قىلمىسا بولمايتتى، ئۇ ئايالىغا ياتاق ئۆيىدىكى تومپۇچكىنىڭ تارتمىسىدىكى خاتىرىدىن كارتا نومۇرىنى تېپىپ ئىناۋەتلىك كارتا شىركىتىگە خەۋەر قىلىشىنى تاپىلىشى كېرەك ئىدى. بۇ ئىش مۇشۇنداق ئاۋارىچىلىق ئىدى. ئەمدى قانداق قىلىشى كېرەك؟
        ئۇ ئالدى بىلەن ساقچىنى تېپىپ بولغان ئىشنى ئېيماقچى بولدى، ھېلىقى قىزنىڭ تەقى- تۇرقىنىمۇ دېيش كېرەك ئىدى. ھۇ، ئۆلگۈر، قارىماققا مەنىلىك قاراپ قويۇشى، ئەسلىدە ماڭا يېقىنلىشىش ئۈچۈنلا ئىكەندە، ئۇنىڭغا گەپ قىلغان چېغىمدىكى يۈزىنىڭ قىزىرىشى خىجىلچىلىقتىن ئەمەس بەلكى پورتمالىمنى ئوغۇرلاش ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ تۇتۇۋېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن ئىكەندە، دەل مۇشۇ قىلمىش كىشىنىڭ ئەڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ، دېسە. ئەر شۇلارنى ئويلىغانچە ئوغىسى قاينىماقتا ئىدى.
        ئۇ ساقچىغا بۇ تەپسىلاتلارنى سۆزلەپ يۈرمەي قىزنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى، پورتمالدا نېمىلەرنىڭ بارلىقىنىلا ئېيتماقچى بولدى. ئۇنىڭ ئاچچىقتىن چىشلىرى غۇچۇرلاپ كەتتى، بەلكىم ئۇنىڭ پورتمالى مەڭگۈ تېپىلماسلىقىمۇ مۈمكىن ئىدى. ئەر قارا چاچلىق قىزنى قايتا كۆرگەندە ھەم ھەيران قالدى، ھەم خۇش بولدى، ئەمما بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى يېنىدىكى ساقچىغا ئېيتىش كېرەكمۇ يوق، ئىككىلىنىپ قالدى.    

          ( گېزىتلەردە قارا ئۆرۈمە چاچلىق ئوغرى قىز دەپ خەۋەر قىلىنىشى مۈمكىن، دېگەنلەر ئۇنىڭ خىيالىدىن كەچتى.) قىز كارىدوردىكى چوڭ بىر دېرىزىنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى، سىرتتا تاكسى ۋە باشقا ئاپتوموبىللار ئاستا -ئاستا چۈشۈۋاتقان قاراڭغۇلۇقتا ھورۇنلۇق بىلەن ئالدىرىماي مېڭىشماقتا ئىدى. قىزچاق پۈتۈن زېھنى بىلەن كىتاب ئوقۇۋاتقاندەك قىلاتتى. قىزنىڭ يېنىدا بىر بوش ئورۇن بولۇپ، ئەر كېلىپ ئولتۇردى.
       ـ مەن سىزنى ئىزدەۋاتقانتىم، - دېدى ئەر. قىز ئىپادىسىز ھالدا بىر قارىۋېتىپ:
       - مەن سىزنى تونۇمايمەن، - دېدى.
        - چوقۇم تونۇيسىز.
        قىز بىر ئۇھسىنىۋېتىپ، قولىدىكى كىتابنى قويدى-دە :
        - بۇ سەنلەرنىڭ بىزدەك قىزلارنى قۇشلاشتىكى ۋاستىسىمۇ، ھە؟ مېنى ئەخمەق قىلماقچىمۇ، مېنى نېمە كۆرۈپ قالدىڭىز؟دېدى
        - مېنىڭ پورتمالىمنى ئېپ قويۇپسىز، - دېدى ئەر.
        ئۇ ئۆزىنىڭ "ئېپ قويۇپسىز" دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەنلىكىدىن مەمنۇن بولۇۋاتاتتى، بۇ سۆز ئاڭلىماققا "ئوغۇرلاپسىز"، "ئېلىۋاپسىز"، "موكلاپسىز" دېگەن سۆزلەرگە قارىغاندا سىلىق ھەم مۇۋاپىق ئىدى.
        - نېمە دېدىڭىز؟
       - پورتمالىمنى سىز ئالدىڭىز، ئاۋۇ گېزىت ژۇرنال پۇكىيى تۈۋىدە، ئەگەر قايتۇرۇپ بەرسىڭىز بۇ ئىشلارنى تەگەپ يۈرمەيمەن، قايتۇرۇپ بەرمىسىڭىز سىزنى ساقچىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن.
       قىز ئەرگە سىنچىلاپ قارىدى، چىرايى ناھايىتى سۆرۈن ئىدى:
        - ماقۇل، - قىز شۇنداق دەپ قارا سومكىسىنى تىزىغا قويۇپ ئىچىدىن بىر پورتمالنى چىقاردى. ئەر پورتمالنى ئېلىپ:
        - توختاڭ، بۇ مېنىڭ پورتمالىم ئەمەس، - دېدى.
        قىز ئورنىدىن تۇرۇپلا قاچتى، ئەر تاپ بېسىپ قوغلىدى، بۇ كۆرۈنۈش دەل كىنولاردىكى كۆرۈنۈشكىلا ئوخشايتتى.  قىز باشقىلارغا سوقۇلۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئەگرى-بۈگرى يول ئېلىپ قاچاتتى، يولۇچىلار ئىككى تەرەپكە قېچىشىپ يول بېرىشەتتى، ئەر ھاسىراپ ھۆمىدەپ كەتكەنىدى، بۇ ئۆزىنىڭ يېشىنى ئېسىگە سالدى. تۇيۇقسىز ئارقا تەرپتىن بىر ئايال ۋارقىرىدى:
        - ئوغرىنى تۇتۇڭلار، ئاشۇ ئادەم شۇ. قارا چاچلىق قىز ئالدى تەرەپتە بىر ئەگىپلا كۆزدىن غايىپ بولدى. دەل مۇشۇ چاغدا ئالدى تەرەپتە دېڭىز ئارمىيە فورمىسى كىيىۋالغان بىر يىگىت ئەرنى پۇتلىۋەتتى. ئەر ناھايىتى قاتتىق يىقىلدى، تىزى ۋە جەينىكى قاتتىق چىنە قىش ئۈستىگە جالاققىدە چۈشتى. بۇ چاغدىمۇ ئۇ ئۆزىگە تەئەللۇق بولمىغان ھېلىقى پورتمالنى مەھكەم تۇتۇۋالغان ئىدى. بۇ بىر ئايالچە پورتمال بولۇپ، پۇل، ئىناۋەتلىك كارتا دېگەندەكلەرگە لىق تولغان ئىدى. بۇ پورتمال ئۆرۈمە تۈكلۇك پوپايكا كىيگەن ئالتۇن چاچلىق قىز - ئەر بايا ھېلىقى نومۇسسىز قارا چاچلىق قىز بىلەن پاراڭلاشقانلىقىنى كۆرگەن ھېلىقى ئالتۇن چاچلىق قىزنىڭ ئىكەن. بۇ قىزمۇ بىرگە قوغلاپ كەلگەن ساقچىغا ئوخشاشلا ھاسىراپ-ھۆمىدەپ كەتكەنىدى.
        - مېنىڭ پورتمالىمنى ئالغان مۇشۇ ئادەم شۇ،- دېدى ئالتۇن چاچلىق قىز. ئەر توساتتىن ساقچىغا ئۆزىنىڭ كىملىكىنىمۇ ئېيتىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ قالدى. ئىككى ھەپتىدىن كېيىنكى بىر كۈنى سەھەردە- ئوساللىق ۋە ئاچچىق ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلۇۋاتقان، ئۇنىڭ ئادۋۇكاتى تېگىشلىك ھەققىنىمۇ ئېلىپ بولغان، ئۆيىدىكى قالايمىقانچىلىقمۇ بېسىققان كۈندە ئۇ بىر پارچە پوسۇلكا تاپشۇرۇۋالدى، ئۇ ئۆزىنىڭ يۈتكەن پورتمالى ئىدى، پوسۇلكىدا ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش يوق ئىدى. پورتمالدىكى پۇلمۇ، كارتىمۇ ھەممە نەرسە ساپساق ئىدى. بۇ ئۇنىڭغا ئازتولا تەسەللى بولغان بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆمۈر بويى ساقچىنى كۆرسىلا تىترەيدىغان، ئاياللارنى كۆرسىلا قورۇنىدىغان ھالەتتىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ئويلاپ قالدى. «تەرجىمىلەردىن تەرمىلىرى» ژۇرنىلى 2007-يىلى 5-سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 21:05:31]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق