پويىزدىكى ئۇچىرىشىش-راسچ باڭدى (ھىندىستان)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-02-12 21:20:22

پويىزدىكى ئۇچرىشىشراسچ باڭدى (ھىندىستان)ئانارگۈل تۇرسۇن تەرجىمىسى پويىزدا ئۆزۈم يالغۇز بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتىم. روخقا يېتىپ بارغاندا پويىزغا بىر قىز چىقتى. قىزنى ئۇزىتىپ كەلگەنلەر ئۇنىڭ ئ...

    پويىزدىكى ئۇچرىشىش
    راسچ باڭدى (ھىندىستان)
    ئانارگۈل تۇرسۇن تەرجىمىسى

       پويىزدا ئۆزۈم يالغۇز بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتىم. روخقا يېتىپ بارغاندا پويىزغا بىر قىز چىقتى. قىزنى ئۇزىتىپ كەلگەنلەر ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسى بولسا كېرەك، قىزنىڭ سەپىرىدىن تازا خاتىرقەم بولالمايۋاتقاندەك، ئۇنىڭغا نەرسە كېرىكىنى قەيەرگە قويۇش، بېشىنى دېرىزىدىن چىقارماسلىق، كۆرگەنلا ئادەم بىەلن پاراڭلاشماسلىق ھەققىدە خېلى گەپلەرنى جېكىلىدى.
       كۆزۈم كۆرمەيدىغان بولغاچقا، قىزنىڭ ئاتەقى ـ تۇرقى ماڭا نامەلۇم ئىدى. ئايىغىنىڭ ۋازىدىن، ئۇنىڭ سوڭىز كەش  كىيىۋالغانلىقىنى بىلدىم، ئۇنىڭ ئاۋازى تولىمۇ يېقىملىق ئىدى.
       ـ سىز تەيراتقا بارامسىز؟ ـ دەپ سورىدىم مەن پويىز ۋوگزالدىن چىققاندا.
       ئۇ بىر بۇلۇڭدىن تۇيۇقسىز چاىققان ئاۋازدىن چۆچۈپ كەتكەن بولسا كېرەك، پەس ئاۋازدا:
       ـ بۇ يەردە ئادەم  بارلىقىنى بىلمەپتىمەن، ـ دېدى.
       دەرۋەقە، مۇنداق ئىش دائىم بولۇپ تۇرىدۇ، كۆزى ئوچۇق كىشىلەرمۇ ئادەتتە كۆپ نەرسىلەرگە دىققەت قىلماي، كۆز ئالدىدا تۇرغان نەرسىلەرنىمۇ كۆرمەي قالىدۇ. ئەكسىچە ئەما كىشىلەر بولسا كۆپ ھاللاردا ئۆزىنىڭ سەزگۈ ئەزالىرى ئارقىلىق ئەتراپتىكى نەرسىلەرگە دىققەت قىلالايدۇ.
       ـ دەسلەپ مەنمۇ سىزنى كۆرمىگەن، ـ دېدىم مەن، كېيىن ئاياغ تىۋىشىڭىزنى ئاڭلىدىم. ئۇ مېنىڭ ئەما ئىكەنلىكىمنى بىلىۋالغانمىدۇ، ياق، جايىمدا جىملا ئولتۇرۇۋالسام بىلمەي قالار.
       ـ مەن ساخار بوردا چۈشۈپ قالىمەن، ـ دېدى قىز، ـ ئۇ يەردە مېنى ھامما ئاچام ساقلاپ تۇرىدۇ. سىزچۇ؟
       ـ ئاۋۋال تەيراتقا، ئاندىن موسورغا بارىمەن، ـ دېدىم مەن.
       ـ بۇنداق دەڭ، سىز تولىمۇ تەلەيلىك ئىكەنسىز. مەنمۇ موسورغا بارالىغان بولسام نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى! مەن ئۇ يەرنىڭ تاغلىرىنى قەۋەتلا ياخشى كۆرىمەن. تاغلار بولۇپمۇ ئۆكتەبردە بەك گۈزەللىشىپ كېتىدۇ.
       ـ ئالتۇندەك مەزگىلدە ئۇ، ـ مەن كۆزۈم ساق ۋاقتىدا كۆرگەنلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم. ـ تاغ ـ دالىلاردا ھۈپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن گۈللەر قۇياش نۇرىدا ئاجايىپ چىرايلىقلىشىپ كېتىدۇ.
       گېپىم تەسىر قىلدىمىكىن، ئۇ جىمىپ كەتتى. ئۇ مېنى تازا شاللاق نېمىكەن دەپ ئويلاپ قالغانمىدۇ؟
       ـ سىرتتا ھاۋا قانداق؟ ـ مەن يەنە گەپتىن كەتكۈزۈپ قويدۇم.
       بۇ سوئالىمدىن ئۇ ئانچە ھەيران قالمىغاندەك قىلاتتى. مېنىڭ ئەما ئىكەنلىكىمنى بىلىۋالغانمىدۇ؟ لېكىن ئۇنىڭ  مۇنۇ گېپى مەندىكى گۇمان بولۇتلىرىنى ھەيدىۋەتتى.
       ـ ئۆزىڭىز قاراپ باقمامسىز؟ ـ دېدى ئۇ.
       مەن ئورۇندۇقنى بويلاپ دېرىزە يېنىغا باردىم. دېرىزە ئوچۇق ئىدى. سىرتتىكى مەنزىرلەرنى تاماشا قىلىۋاتقان قىياپەتتە دېرىزىدىن قاراپ تۇردۇم، سىز تاناپ تۈۋرۈكلىرىنىڭ ئارقىمىزدا قېلىۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ تەۋەككۈلىگىلا:
       ـ قاراڭ، دىققەت قىلدىڭىزمۇ؟ ئادەمگە پويىز ئەمەس، سىرتتىكى دەرەخلەر مېڭىۋاتقاندەك تۇيۇلىدىكەن، ـ دېدىم.
       ـ بۇ ئادەتتىكى ئەھۋالغۇ، ـ دېدى ئۇ.
       مەن دېرىزىدىن كۆزۈمنى ئېلىپ قىزغا قارىدىم. ئارىمىزنى بىر ئاز جىمجىتلىق باستى.
       ـ سىز بەكمۇ چىرايلىق ئىكەنسىز، ـ دېدىم مەن ئارىدىكى سۈكۈتنى بۇزۇپ. كۆپىنچە قىزلار مۇشۇنداق سۆزلەرنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا، مېنىڭ پەرىزىمنىڭ توغرا چىقىشىدا گەپ يوق ئىدى.
       قىز قوڭغۇراقتەك زىل ئاۋازدا كۈلۈپ كەتتى.
       ـ ماختىغانلىقىڭىزغا رەھمەت. ـ دېدى ئۇ، ـ باشقىلارمۇ مېنى شۇنداق دېيىشىدۇ.
       ئۇ راستتىنلا چىرايلىق ئوخشىمامدۇ! پەرىزىمنىڭ توغرا چىققىنىغا ئۆزۈممۇ ھەيران قالدىم ۋە:
       ـ راست، بەكلا ئوماقكەنسىز، ـ دېدىم.
       ـ ئەجەپ گەپكە ئۇستىكەنسىز، ـ دېدى ئۇ.
       ـ پويىز سىز چۈشىدىغان يەرگە كېلىپ قالدى. ـ دېدىم مەن ئۇشتۇمتۇت.
       ـ خۇدايا شۈكرى، ھەر ھالدا بىراق ئەمەسكەن، يەنە ئىككى ـ ئۈچ سائەتلىك يول بولسا قانداقمۇ چىدار ئىدىم.
       مەن قىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا تۇرسام، بۇ يەردە قانچىلىك ئۇزۇن بولسىمۇ ئولتۇرۇشقا رازى ئىدىم. ئۇنىڭ ئاۋازى خۇددى جىرادىكى ئېقىن سۇنىڭ شىلدىرلىشىدەك يېقىملىق ئىدى. بەلكى ئۇ پويىزدىن  چۈشۈپمۇ بۇ قىسقىغىنا ئۇچرىشىشىمىزنى ئۇنتۇپ كېتەر. لېكىن مەن بۇ ئۇچرىشىشنى پويىزدىن چۈشۈپمۇ ھەتتا ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇنتۇپ كېتەلمەسلىكىم مۈمكىن.
       پويىز سىگنال بېرىپ ئاستىلاشقا باشلىدى. قىز ئورنىدىن تۇرۇپ نەرسە كېرەكلىرىنى يىغىشتۇردى، ئۇنىڭ چاچلىرى قانداقتۇ؟ ئۇزۇن قويۇۋەتكەنمىدۇ ياكى بۇدۇر قىلىۋالغانمىدۇ؟ بۇنى تازا بىلگۈم بار ئىدى.
       پويىز ئاستا ـ ئاستا ۋوگزالغا كىرىپ كەلدى. سىرتتا ئۇششاق تىجارەتچىلەرنىڭ ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئۇشتۇمتۇت، بىر ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، ئېھتىمال، ئۇ قىزنىڭ ھامما ئاچىسى بولسا كېرەك.
       ـ خەير ـ خوش، ـ دېدى قىز.
       قىز ماڭا ناھايىتى يېقىن تۇرغاچقا، بەدىنىدىن چىققان خۇش پۇراق بۇرنۇمغا ئۇرۇلدى. مېنىڭ ئۇنىڭ چاچلىرىنى سىلىغۇم كېپكەتتى.
       پويىزغا چىققۇچە كىمنىدۇ سوقۇۋەتكەن بولسا كېرەك. بىر ئەر كىشىنىڭ پويىزغا چىقىپلا ئەپۇ سورىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم، ئارقىدىن ئىشىك يېپىلدى. مەن جايىمغا  بېرىپ ئولتۇردۇم. سەلدىن كېيىن پويىز ئورنىدىن قوزغالدى.
       بارا ـ بارا ئىتتىكلەپ كېتىۋاتقان پويىز چاقىدىن چىققان ئاۋاز رىتىملىك ئوقۇلغان ناخشىغا ئوخشىشاتتى. مەن ئاستا دېرىزە ئالدىغا كېلىپ سىرتقا قاراپ ئولتۇردۇم، سىرتتا ھاۋا شۇنداق ئوچۇق، لېكىن كۆز ئالدىم قاراڭغۇ ئىدى. ماڭا يەنە بىر ھەمراھ چىقتى. ئۇ ئالدامچى بولۇشىمۇ مۈمكىن!
       ـ كەچۈرۈڭ. مەن بايىقى قىزچىلىك جەلپ قىلارلىق ئەمەس، ـ دېدى ئۇ چاقچاق قىلغاندەك قىلىپ.
       ـ ئۇ ئاجايىپ قىز ئىكەن، ـ دېدىم مەن. ـ سىز ئۇنىڭ چېچىنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقىلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەرسىزمۇ؟
       ئۇنىڭ چېچىغا دىققەت قىلماپتىمەن. ـ دېدى ئۇ بىر ئازا خاۋاتىرلىنىپ، ـ مەن ئۇنىڭ كۆزىگە دىققەت قىلىپ قالدىم. ئۇ كۆزلەر تولىمۇ چىرايلىق، لېكىن كۆرمەيدىكەن. سىز دىققەت قىلمىدىڭىزمۇ؟
       (خەنزۇچە «ئاق گۈللەر»ژۇرنىلىنىڭ 1983 - يىل 10 - سانىدىن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.