ئانامنىڭ يېرىم پارچە خېتى

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2015-04-01 15:44:50

ئەنە شۇ قېتىمدىن باشلاپ، ئاچام بىلەن ئىككىمىز ھەر قېتىمدا ھەر ئايدا يېرىم پارچىدىن خەت تاپشۇرۇۋالىدىغان بولدۇق. ئانامنىڭ ئەنە شۇ يېرىم پارچە خېتى بولغاندىن باشلاپ مەن ئاچام بىلەن ئايدا بىر قېتىم كۆرۈشەلەيدىغان بولدۇم.

     
    ئانامنىڭ يېرىم پارچە خېتى         
                  
    مەن ئاچام بىلەن گەرچە بىر شەھەردە تۇرساممۇ، لېكىن خىزمەت، تۇرمۇش سەۋەبىدىن ناھايىتى ئاز ئۇچرىشىمىز. باشقا شەھەردە تۇرىدىغان ئانام دائىم ماڭا يازغا خېتىدە:«ئالدىنقى قېتىم ئاچاڭ بىلەن قاچان كۆرۈشكەنتىڭ؟» دەپ سورايدۇ، مەنمۇ جاۋاب خېتىمگە ياۋاشلىق بىلەن:«تەخمىنەن يېرىم يىل ئىلگىرى» دەپ يازىمەن.                                                                    
    ئاخىر بىر كۈنى مەن ئانامنىڭ غەلىتە بىر پارچە خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، بۇ خەتنىڭ 1-، 3- ۋارىقى ماڭا ئەۋەتىلىپتۇ، 2-، 4-ۋارىقى ئاچامغا ئەۋەتىلىپتۇ. ئانامنىڭ بىزگە يازغان بۇ بىر پارچە خېتىنى تولۇق ئوقۇش ئۈچۈن مەن چوقۇم ئاچام بىلەن بىر قېتىم كۆرۈشۈشىمگە توغرا كېلەتتى.                                                                 
    ئەنە شۇ قېتىمدىن باشلاپ، ئاچام بىلەن ئىككىمىز ھەر قېتىمدا ھەر ئايدا يېرىم پارچىدىن خەت تاپشۇرۇۋالىدىغان بولدۇق. ئانامنىڭ ئەنە شۇ يېرىم پارچە خېتى بولغاندىن باشلاپ مەن ئاچام بىلەن ئايدا بىر قېتىم كۆرۈشەلەيدىغان بولدۇم.
    ھېكمەت: ئانىنىڭ يېرىم پارچە خېتى ئاچا-سىڭىل ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك بولۇپ قالغان. ئەنە شۇ يېرىم پارچە خەت قېرىنداشلار ئارىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى كۈچەيتىدىكەن.
     (ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى)


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئانا