نازىم ھېكمەت: ئاچلىق قوشۇنى يۈرمەكتە

يوللىغۇچى : aypalta يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-17 10:49:29

مەن بىر ئىنسان،مەن بىر تۈرك شائىرى نازىم ھېكمەتچېچىمدىن تىرنىقىمغىچە ئىنسانچېچىمدىن تىرنىقىمغىچە غەۋغا، ھەسرەت، ئۈمىتتىن ئىبارەت...مەن ھەم ئۆزۈم توغرۇلۇق شېئىرلار يېزىشنى ئىستەيمەنھەم بىر ئ...



     

    مەن بىر ئىنسان،

    مەن بىر تۈرك شائىرى نازىم ھېكمەت

    چېچىمدىن تىرنىقىمغىچە ئىنسان

    چېچىمدىن تىرنىقىمغىچە غەۋغا، ھەسرەت، ئۈمىتتىن ئىبارەت...

     

    مەن ھەم ئۆزۈم توغرۇلۇق شېئىرلار يېزىشنى ئىستەيمەن

    ھەم بىر ئىنسانغا ۋە مىليونلارچە ئىنسانلارغا خىتاپ قىلغان شېئىرلار.

    ھەم بىر ئالمىدىن، ھەم سۈپۈرۈلگەن يەردىن ، ھەم

    زىنداندىن قايتقان ئىنسان روھىدىن، ھەم بىچارىلەرنىڭ

    تېخىمۇ گۈزەل كۈنلەر ئۈچۈن قىلغان كۆرەشلىرىدىن، ھەم بىر

    ئىنساننىڭ سەۋدالىق تەقدىرىدىن سۆز ئەتكەن شېئىرلار يېزىشنى

    ئىستەيمەن، ھەم ئۆلۈم قورقۇسىدىن، ھەم ئۆلۈمدىن قورقماسلىقتىن

    سۆز ئەتكەن شېئىرلار يېزىشنى ئىستەيمەن.

     

                                                                         ــ نازىم ھېكمەت

     

    Açlık Ordusu Yürüyor

     

    Nazım Hikmet

     

     

    ئاچلىق قوشۇنى يۈرمەكتە

     

    نازىم ھېكمەت ( تۈركىيە)

     

    ئاچلىق قوشۇنى يۈرمەكتە

    يۈرمەكتە نانغا تويۇش ئۈچۈن

    گۆشكە تويۇش ئۈچۈن

    كىتاپقا تويۇش ئۈچۈن

    ھۆرىيەتكە تويۇش ئۈچۈن.

     

    يۈرمەكتە كۆۋرۈكلەردىن ئۆتۈپ قىلدىن ئىنچىكە، قىلىچتىن كەسكىن

    يۈرمەكتە تۆمۈر ئىشىكلەرنى يىرتىپ، قەلئە تاملىرىنى يىقىتىپ

    يۈرمەكتە ئاياغلىرى قان ئىچىدە.

     

    ئاچلىق قوشۇنى يۈرمەكتە

    قەدەملىرى ئاسمانننىڭ گۈلدۈرلىشى

    بايرىقىدا ئۈمىت

    ئۈمىتلەرنىڭ ئۈمىدى بايرىقىدا.

     

    ئاچلىق قوشۇنى يۈرمەكتە

    شەھەرلەرنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ

    تار كوچىلىرى قاراڭغۇ ئۆيلىرى بىلەن شەھەرلەرنى

    فابرىكا تۇرخۇنلىرىنى

    دەم ئېلىش ۋاقتىدىن كېيىنكى تۈگىمەس ھارغۇنلۇقنى كۆتۈرۈپ.

     

    ئاچلىق قوشۇنى يۈرمەكتە

    ئاينى، ئۇۋىنى، يېزىلارنى ئارقىچىلاپ ئېلىپ كۆتۈرۈپ

    ۋە يەرسىزلىكتىن ئۆلگەنلەرنى بۇ كەڭرى تۇپراقتا.

     

    ئاچلىق قوشۇنى يۈرمەكتە

    يۈرمەكتە نانسىزلارنى نانغا تويدۇرۇش ئۈچۈن

    ھۆرىيەتسىزلەرنى ھۆرىيەتكە تويدۇرۇش ئۈچۈن ئاچلىق قوشۇنى يۈرمەكتە

    يۈرمەكتە ئاياغلىرى قان ئىچىدە.

     

     

    1924- 1- 21

     

    لامپىنى ياقما، بولدى قوي،

    سېرىق بىر ئىنسان بېشى

    چۈشمىسۇن دەرىزىدىن قارغا.

    قار ياغماقتا

    قاراڭغۇلۇقلارغا

    ۋە مەن ئەسلەۋاتىمەن.

    قار...

    پۈۋلەنگەن شامدەك ئۆچتى

    چوڭ-چوڭ نۇرلار...

    ۋە شەھەر

    كور بىر ئىنساندەك قالدى

    ئاستىدا ياغقان قارلارنىڭ.

    لامپىنى ياقما، بولدى قوي!

    يۈرەككە پىچاقتەك كىرگەن خاتىرىلەرنىڭ

    تىلسىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋاتىمەن

    قار ياغماقتا

    ۋە مەن ئەسلەۋاتىمەن.

     

    تۈركچىدىن ئايپالتا ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.