نەجىپ فازىل كىساكۈرەك: بۇ يامغۇر

يوللىغۇچى : aypalta يوللىغان ۋاقىت : 2011-08-04 19:19:58

Bu yağmurNecip Fazıl Kısakürekبۇ يامغۇرنەجىپ فازىل كىساكۈرەك( تۈركىيە)بۇ يامغۇر، بۇ يامغۇر بۇ قىلدىن ئىنچىكە،نەپەستىن يۇمشاق ياغقان بىر يامغۇر.بۇ يامغۇر، بۇ يامغۇر توختىغان چاغدا،ئەينەكلەر يۈزۈمنى ت...



     

    Bu yağmur

    Necip Fazıl Kısakürek

     

    بۇ يامغۇر

     

    نەجىپ فازىل كىساكۈرەك( تۈركىيە)

     

    بۇ يامغۇر، بۇ يامغۇر بۇ قىلدىن ئىنچىكە،

    نەپەستىن يۇمشاق ياغقان بىر يامغۇر.

    بۇ يامغۇر، بۇ يامغۇر توختىغان چاغدا،

    ئەينەكلەر يۈزۈمنى تونۇماس بولۇر.

     

    بۇ يامغۇر قېنىمنى بوغقان بىر يىپتۇر،

    تېنىمدە ئاغرىقسىز ياتقان بىر پىچاق.

    بۇ يامغۇر يەردە تاش ۋە مەندە سۆڭەك،

    چىدىغانچە ئېغىر-ئېغىر ياغىدۇ.

     

    بۇ يامغۇر سوۋۇغان يارىدىكى كېسلاتا،

    سەۋرنىڭ كۆكسىگە يېپىشقان سۈلۈك،

    نە بېشى، نە ئاخىرى يوق بىر ئازاپ،

    كۆيدۈرگەنچە مەزمۇتلاشقان سىھىرلىك كۆتۈك.

     

    بۇ يامغۇر، توپانىدۇر ۋە بەلكىم نۇھنىڭ،

    ۋە كۆلەڭگىدە ئۈزگەن ئۆيۈم ، كېمىسى،

    چايىنى، يىلىنى، قۇرتلىرى روھنىڭ،

    نېمە بولسا مەيداندا، مەيداندا ھەممىسى.

     

    بۇ يامغۇر ساراڭلىق ۋەھىمىسىدىن ئۈستۈن،

    قاراڭغۇ زۇلمەت قوغلانماس خىياللاردىن.

    جىنلارنىڭ مېڭەمدە ئۆتكۈزگەن تويى،

    سۇلاردىن، ئاۋازلاردىن ۋە كېچىلەردىن.

     

    تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت( ئايپالتا) ئۇيغۇرچىلاشتۇردى. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.