سالۋاتور كاشىمودو شېئىرلىرىدىن

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-28 18:08:00

سالۋاتور كاشىمودو شېئىرلىرىدىن مۇختار مەخسۇت تەرجىمىسى جىمجىتلىق قېتىپ قالغان رەستىدە، كۈز شامىلى ئۆمىلەپ يەر كۆكسىدە ئوينار سولغۇن ياپراق بىلەن چىرمىشىپ. سۆيۈشەر ھەم كۆتۈرلۈپ ئېگىزگە يات ...

           سالۋاتور كاشىمودو شېئىرلىرىدىن

    مۇختار مەخسۇت تەرجىمىسى

    جىمجىتلىق قېتىپ قالغان رەستىدە،
    كۈز شامىلى ئۆمىلەپ يەر كۆكسىدە
    ئوينار سولغۇن ياپراق بىلەن چىرمىشىپ.
    سۆيۈشەر ھەم كۆتۈرلۈپ ئېگىزگە

    يات ئەللەرنىڭ كۆز چاقناتقان نامى بىلەن سىردىشىپ.
     بەلكىم ساڭا ئىزھار قىلالماسمەن دەردىمنى،
    يېڭى بىر كۈن چۈنكى بىزدىن يىراقتا.
    بەلكىم بۇ ھورۇنلۇق بىزلەرنى قالدۇرارمۇ ئېچىنىشلىق ئازابقا.

    ھايات ئەمەس ھەرگىز يۈرەكنىڭ
    ۋەھىمىگە چۈشۈپ غال ـ غال تىترىشى،
    ياكى بىچارىنىڭ مەدەت تىلىشى.
    ھايات قانلار كېچىپ ئېلىشىش دېمەك،
    ئۆلۈم قان ئىچىدە ئېچىلغان چېچەك.

    قەدىرلىكىم ئۇنۇتما ھەرگىز
    ئوقلار تېشىپ ئۆتكەن تامنىڭ ئۈستىد
    ە توق قىزىرىپ ئېچىلغان شۇ رەيھاننى.
    بۈگۈن بولالمايدۇ ئۆلۈم بىزگە تەسەللى،
    ساپ مۇھەببەت ئۈچۈن قانچىلار پىدا قىلغان بولسىمۇ جاننى.

    لىمون دەرىخىدە سايرار سېغىزخان
    چېكاۋ ئالدى يېشىل چىملىقتا
    تەڭكەش بولۇپ خۇش ناۋالارغا،
    ئوينار ئىدى پىرقىراپ ئۇسسۇل باش ئوينىتىپ.

    تۇتۇپ قولغا قول شوخ بالىلار چۆرىدەپ مېنى.
     بەلكى، شۇنداقتۇر. ھاياتلىقنىڭ ھەقىقىي رەڭگى.
    تارتماقتا ئاسمانغا كېچە پەردىسىنى ئېغىر ھەسرەتنىڭ.
    تارام ـ تارام ئاينىڭ نۇرىدا،
    يۇمرانغىنا چىملىق يولىدا كۆلەڭگۈسى تەۋرەر كۈلپەتنىڭ!
    ئەسلەش ــ شېرىن خىيال يېغىشلار پەقەت،
    ئويغىنىشقا ئەمدى كەلدى پەيت،
    باق، دېڭىزدا ئۇلۇغۋار تەۋرەش.
    بۇ چاغلار ئەمدى مەنسۇپ ئەمەستۇر ماڭا،
    قېپ قالغىنى خىياللا پەقەت،
    شۇنچە يىراق، شۇنچىلىك غۇۋا.

    ئېپ كېلىسەن جەنۇب شامىلى
    خۇش ھىدىنى لىمون گۈلىنىڭ،
    ئۇچۇرۇپ كەت، شېرىن ئۇيقىدا
    قىپ ـ يالىڭاچ ياتقان بالىنىڭ
    ئۈستىدىكى ئاينىڭ نۇرىنى.


     قۇلۇنلارغا كەتكىن ھەم باشلاپ
    يامغۇر يۇيۇپ ئۆتكەن يايلاققا.
    دېڭىزلاردا كۆتەرگىن دولقۇن
    ئورمانلاردىن قارا بۇلۇتنى
    سۈرۈپ قوغلاپ كەتكىن يىراققا.

    دېڭىز تامان ئۈچتى ئاق قۇتان،
    چاتقاللىقتىن نىجاسەت پۇراپ،
    لىمون شېخىدا ئەنە سېغىزخان
    ئۇزاق ـ ئۇزاق تۇرماقتا سايراپ.

    _ _ _ _ _ _ _ _ _ _  _ _ _ _ _ _ _ _ _  _ _ _ _ _ _ _ _ _ _ --

    ساختا يېشىللىق ۋە چىن يېشىللىق

     جىمىپ قالدى ئوينىغان قەلبىڭ،
    ئەمدى مېنى كۈتمەيسەن تەمكىن.
    نېمە بولدى، ھالىڭ پەرىشان،
    نەلەرگىدۇر باقىسەن غەمكىن.

    سوغ دۇنيانى قاپلاپتۇ ئازاب،
    تۆكۈلمەكتە شىلدىرلاپ غازاڭ.
    ئېتىكىڭگە ئۇرۇلۇپ تەكرار
    ئۇ پىچىرلاپ قىلىدۇ پاراڭ.

     دېرىزەمنىڭ سىرتىدا بۇلۇت،
    لەيلەپ يۈرەر سەرگەردان بولۇپ.
    ئۇنتالمايمەن نازلىق كۈلكەڭنى،
    زەڭگەر كۆڭلەك كىيگەن تۈرقۇڭنى.

    مەجنۇن تالدەك يېپىپ يەلكەڭنى
    دولقۇنلىنىپ تۇرغان زۇلپۇڭنى.
    يادىمدىدۇر ئايدەك جامالىڭ،
    سۇ ئەكسىدىن باققان نىگاھىڭ،

     دىرىلدەيدۇ سارغايغان ياپراق،
    كۈل رەڭ قۇشلار تۇرار پەرۋازسىز،
    شاخلىرىدىن ئايرىلغان غازاڭ،
    ئۇچۇپ يۈرەر كۆكتە نىشانسىز.

     ئاپرىلدا ساختا يېشىللىق
    چىن يېشىللىق كەتكەن چىرمىشىپ.
    رەڭمۇ ـ رەڭ گۈل ئېچىلغان باغدا
    كۆرۈنەر ئۇ بەكمۇ چېنىشىپ.

     قېنى ئەمدى گۈلدەك كەرەشمەڭ
    چۈشۈمگىمۇ كىرمەيسەن چاقناپ.
    سېغىندۇردى مانۇ قوللىرىڭ،
    ئاھ، شوخقىنا قويمايسەن قاراپ.

    مەن يازىمەن ئوتلۇق خاتىرە،
    كۈيلىرىمنى بىر ساڭا ئاتاپ.
    مانا كۆككە تۇرىمەن قاراپ،
    رەزگى تەلەي بىلەن ئېلىشقان
    يۈرىكىمدىن تەكرار ۋە تەكرار
    بار ئاۋازدا قىلىمەن خىتاب.

    قارلىق كېچە ھىم بولسىمۇ ئىشىك ۋە رۇجەك،
    ئاڭلىدىم يىراقتىن ئۆكسۈشلىرىڭنى.
    قار ـ مۇزغا كۆمۈلۈپ ياتار تاغلىق كەنت،
    چولپاننىڭ كەپىسى ئىچرە ۋىژىلداپ
    شىۋىرغان تىنىمسىز چالىدۇ ئۈشتەك.

     بىردەملىك تاماشا ئەمەس ئەسلىمە،
    لەپىلدەپ تۆكۈلەر قار ئۇچقۇنلىرى.
    كۆمۈلۈپ قالماقتا ئۆي تۇرخۇنلىرى،
    قىپقىزىل يۇلتۇزنى ياپتى ئىس ـ تۈتەك
    چوخچىيىپ تۇرىدۇ كۆمۈلمەي قارغا،
    ئەمخانىنىڭ ئەگمە ئىشىكى.

     قايداسەن ياپيېشىل ئېقىنلىق قىرغاق؟
    قايداسەن ئارامبەخش يازنىڭ كېچىسى
    پەلەكتە تەبسسۇم قىلغان ئاي ـ ئوماق؟
    كەينىمدە، جىمغىنا تۈننىڭ قوينىدا
    خورلانغان ئاۋازىڭ پەقەت شۇ سادا.

     بىلىمەن ۋەجىنى ھەسرەتلىرىڭنىڭ
    مەن سەندىن كۆپ ئۇزاق بولدۇمغۇ ـ جۇدا

    -----------------------------


     قىش كېچىسى

     يەنە شۇنداق بىر قىش كېچىسى،
    يۇتۇپ كەتتى راۋاق سائىتى
    بۇغۇققىنا تۈن تىۋىشىنى.
    پەسلەپ چۈشكەن قارا بۇلۇتلار يۇپۇقلىدى گۈل ـ گىياھلارنى
    ۋە دەريانىڭ شوخ ئېقىشىنى.

     جېنىم دوستۇم، بىلىمەن سېنى،
    ئاھ، يۈرىكىڭ يىغلىماقتا قان.
    كۆز يەتكۈسىز بۇ كەڭ دالادىن
    تېپىلمىغاچ بىزگە بىر ماكان.

     قىيناپ سېنى زېمىن سۆيگۈسى،
    ياش تۆكىسەن بۇندا ئۈن ـ تىنسىز.
    چىشلىۋاپسەن تەستە ياغلىقنى،
    ياتسۇن دەمسەن ئۇنى دەخلىسىز؟
    ئەنە مۇزدەك لەھەت ئىچىدە
    يالىڭاياغ شۇ ئۆسمۈر بالا
    ئۇخلاپ ياتار چەكسىز ۋە چەكسىز.


    ھېچكىم بىزگە بەرمىدى ئەسلەپ
    ئانىلارنىڭ بۈيۈك ئىشىنى.
    ھېچكىم بىزگە قىلمىدى بايان
    سېغىندۇرغان يۇرتنىڭ چۈشىنى

    --------------------------------

     قەبرە تەزكىرىسى بۇ بەلكى

     دۇنيادىن شۇ قەدەر يىراق بۇ ماكان،
    كۈن نۇرى چېكەڭگە سېپىلەر ئاران.
    ئاخىرقى تومۇزغا چىرىلدار شاختا
    ئۇيقىدىن بىزلەرنى بىر ـ بىر ئويغاتقان.
    گۈدۈكنىڭ ساداسى كېزىدۇ ئېغىز
    لىمبارد دالاسىغا سېلىپ ۋەھىمە.

    قۇياشقا قاقلىنىپ قىزىغان ئاھاڭ
    ئېيتقىنا، سەن زادى تىلەيسەن نېمە؟
    زېمىندىن بىر تەۋرەش ئۆرلىدى يەنە!
    دەرەخ ئېرىپ كەتتى سايەڭ تۈن ئارا.
    غايىب بولدى كۆلەڭگەم مانا.
    ئانا پونىڭ ئويناق سۇلىرى
    ئاق تەڭگىدەك كۆرۈنەر گويا.

     مارت كېچىسى يېشىل گىياھلار
    چۆمۈلگەنچە ئاينىڭ نۇرىغا،
    مەدەت بېرىپ سىلكىتىپ قانات
    ئالدىرىتار مېنى يۇرتۇمغا.

     سايە ئۈچۈن ياشاپ نەقىلاي،
    سولدۇم خۇددى تۆكۈلدۈم گۈلدەك.
    باراقسان بوپ ياشىدىڭ بىراق،
    زېمىن، قۇياش ۋە ھەمدە بۇلاق
     ئابىھايات بەخش ئېتىپ ئەلۋەك.
    ئاھ، تىۋىنىپ ساڭا شۇ تاپتا،
    غوللىرىڭغا ياقىمەن يۈرەك.

    زېمىن تۈن كېچە،
    قېتىپ قالغان سايىلار تامام،
    بۆشۈكىڭدە تەۋرىنىپ ئاستا
    بار مەۋجۇدات ئالماقتا ئارام.
    مىنىپ مەيىن تاڭ شامالىغا
    قۇچىقىڭدا قاقىمەن قانات.
    دېڭىز ھۇزۇرلىنىپ سابالىرىڭدىن
    خۇش ھىدىڭنى شورايدۇ پات ـ پات.

     تاڭ نۇرلىرى كۈلسە ئۇپۇقتا،
    ھاسىل تامان كېتەر ئاشىقلار.
    يىراقلىشىپ يەلكەن قىرغاقتىن،
    دولقۇنلاردا ھىجران چايقىتار.

     تاقىر دۆڭلەر ۋە يېشىل دالا،
    چەيلىمەكتە بەھۇزۇر يالماپ
    ئۇندا چەكسىز يامرىغان پادا.
     ئاھ، زېمىن،
    سېنىڭ چەكسىز ئازابلىرىڭدىن
    يۈرەك باغرىم بولماقتا يارا

    ------------------------------

     جەنۇب قايغۇسى

    تولۇن ئاي قىزارغان مىس لېگەن كەبى،
    كۈلتۈك قار ئاستىغا كۆمۈلگەن جاھان.
    مۇدھىش شىۋىرغاندا يېگانە ئايال
    تۇرىدۇ يۈزلىرى تامدەك تاتارغان.

     ئاھ، مېنىڭ مۇجۇلغان قەلبىم قېتىدا،
    قېپ قالدى شىمالنىڭ چىمەنلىكلىرى.
    قېپ قالدى ئۇرۇلۇپ ئاپئاق تۇمانغا
    جۇش ئۇرغان دەريانىڭ شوخ تىنىقلىرى.

     ئېسىمدىن ئۆچمەكتە جەنۇب دېڭىزى،
    ئۆچمەكتە سىتسىلىيىنىڭ يېشىل دالاسى.
    يولدىكى ھارۋىنىڭ مۇڭلۇق ئۈنى ھەم
    چوپانلار ياڭراتقان بۇرغا ساداسى.

    ئېسىمدىن ئۆچمەكتە، پۇرچاق دەرىخى
    يايلاقتا شال ئارتىپ قىزغۇچ تۈتەكتىن يۇمران شاخلىرىنى يېنىك تىترەتكەن؛
    كۆچكەن ئاق قاقىرلار ھەم ئاق تۇرنىلار

    لومبارد دالاسىدا ئۇچۇشۇپ لەرزان،
    دەرياغا پەيلىرىن چىلىشىپ كەتكەن.
    چۇشۈڭگە ھەمراھكەن يۇرتۇڭ ھەر زامان
    ئايرىلىپ جاھاندا بولساڭ سەرگەردان.

    نەقىلاي، يىراقتا قالدى شۇ جەنۇب،
    قايتالماي يۈرىمەن دىلىم پەرىشان.
    ئاھ، جەنۇب ماداردىن كەتتى ھاسىراپ،
    جەسەتلەر توشۇلار ساسلىقلارغا،
    بۇ جەنۇب ماداردىن كەتكەن ھاسىراپ،
    تەنھالىق ۋە كىشەن تۇرغاچقا چىرماپ.
    ئاھ جەنۇب ماداردىن كەتتى ھالسىراپ،
    ئەلەملىك دەرد بىلەن تولغان قورۇقلار.
    قىزارغان سۇلىرى يۇرتنىڭ
    قەلبىدىن ئۇخچۇپ چىقىۋاتقان قىپقىزىل قاندەك.
    كېتىشتى تۇلپاردا يىراق يوللارغا
    جەنۇبنىڭ باھادىر مەرد ئوغۇللىرى.

     سايىسىدىن ئۇلارنىڭ تۆپىلىكلەردە
    ئىللىتىپ تۇرماقتا يۇلتۇز نۇرلىرى.
    يايلاقنىڭ لېۋىدە سۆيگۈ دەرىخى،
    تاقەتسىز تىترەيدۇ ئۇنىڭ گۈللىرى.
    چېچەكلەر يۈزىدە چوغلۇق جىلۋىسى،
    قان كەبى قىزارغان مەزمۇن غوللىرى،
    نەقىلاي ھەسرىتىم ئاشتى ھەسسىلەپ،
    ھېچ مېنى چىللىماس جەنۇب يوللىرى.

    زىمىستان بۇ قىشنىڭ ئۇزاق كېچىسى
    تۇرماقتا يەنىلا بىزلەرنى قاپلاپ.
    تۇرماقتا قەلبىمدىن ئۆرلەپ تىنىمسىز
    مۇلايىم سۆيۈنۈش ۋە ئاچچىق ئازاب.

     بىر سەۋدا بولدۇمغۇ يۇرتنىڭ ئىشقىدا
    سۆيگۈسىز سۆيگۈدىن باغرىم مىڭ كاۋاب.
    ئېيتىمەن بىر ئاچچىق بىر لەزىز كۈيىنى،
    قەدىرلىك ئىنسانلار سىلەرگە ئاتاپ.

     دولقۇنى تىڭشىدىم زوقلىنىپ قانچە كېچىلەر،
    دېڭىزنىڭ مەيىن دولقۇنلىرىنى.
    ساھىلغا ناز بىلەن يېقىپ لېۋىنى،
    پىچىرلاپ يەتكۈزگەن كۆڭۈل سىرىنى.

    يېقىملىق بىر ئاۋاز ئوينىتىپ دىلنى،
    كەلگەندەك بىلىندى ئۆتكەن كۈنلەردىن.
    ئەكس سادا ئويغاتتى تەكرار ۋەتەكرار،
    قەلبىمدە ساقلانغان ئەسلىمىلەردىن؛

     گوياكى تۈزلەڭگە ئۇچقان قۇشلارنىڭ
    باھارغا تىنتىلىپ سايراشلىرى ئۇ
    ۋە ياكى چايكىنىڭ قىيغىتىپ كۆكتە
    قىيماستىن بوغۇلۇپ توۋلاشلىرى ئۇ.

    ئىككىمىز ئۇنتۇلماس ئاشۇ كۈنلەردە
    دولقۇنلار كۈيىگە بولغاندۇق سىرداش.
    سەن مېنى، مەن سېنى سۆيگەن شۇ قەدەر،
    سەن ئىدىڭ قوينۇمدا كۈلگەن بىر قۇياش.

    ئاھ، شۇ تاپ قەلبىمدە كۈچلۈك بىر ئۈمىد،
    سېغىنچىم جۇش ئۇردى تىنماي تىپىرلاپ.
    تىلەيمەن، يەتسە دەپ ئۇنى قېشىڭغا،
    تۈندىكى دېڭىزدەك ئاستا پىچىرلاپ.

     ئاق كۆڭلەك كىرپىكلەر تېگىدىن تىكىلدىڭ ماڭا،
    ئەۋرىشىم تېنىڭدە ئاق شايى كۆڭلەك.
    قەلبىڭنى نامايان قىلدى ئاشۇ تاپ
    سەن پىنھان كۆرۈنۈپ سەدەپتەك كۆرەك.

     بەستىمگە چېچىلدى ئاھ، نۇرۇڭ ئەلۋەك،
    تىترىدىم، چىرمىغان چاغدا ئاق بىلەك.
    ئۇچراتتىم مەن سېنى قايتىدىن يەنە،
    تەمتىرەپ، كېكەچلەپ، كەتتىڭ ئالدىراش.

     بايقىدىم،
    ھاياتنىڭ تارازىسىغا قويۇپتىمەن قەلبىڭنى،
    بۇمۇ بىر ياشاش.
    ئاھ، ياشاش چېلىشقا نەقەدەر ئوخشاش.

    سۈكۈنات قاپلىغان مارت كېچىسىدە
    غۇر قۇراپ يوللارنى كەزمەكتە شامال.
    ئويغاندۇق، ھەيرەتتە قارىشىپ قالدۇق،
    تۈنجى رەت ھاياتقا كۆز ئاچقان مىسال.

     تاڭ ئاخىرلاشتى تۈننىڭ تىنىقى،
    ئوخشاپ گويا كۈمۈش تاۋاققا،
    مۆكۈندى ئاي زۇمرەت بولاققا.
    سۈزۈلگەندە ئۇپۇق سىزىقى.

    -------------------

     ئەجەپ گۈزەل بۇندا سېنتەبىر،
    گىياھلاردا چاقنايدۇ قەترە،
    كۆرۈنىدۇ ئەتراپتا ھەممە،
    جەنۇب باھارىدەك كۆركەم، خۇش چېھىر.

     دوستلىرىمدىن بولدۇم مەن جۇدا،
    يۈرىكىمنى قولدا كۆتۈرۈپ،
    تاش تام ئارا قويدۇم مەن كۆمۈپ،
    ساڭا تەنھا بولۇشقا ھەمرا.

     تىكىلگەندە كۆزلىرىم ساڭا،
    كۆرۈندۈڭ شۇ ئايدىنمۇ يىراق.
    كۈلمەكتە تاڭ روشەن ھەم پارلاق،
    ئاتلار چاپچىپ بەرمەكتە سادا!

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 11:53:05]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق