ئاشىق ۋەيسەل شېئىرلىرى(داۋامى)

يوللىغۇچى : unatsu يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-20 12:45:12

سەن بىر ھېجران بولساڭ، مەن بىر ئوۋچى، ئوۋلىسام چۆللەردە ساز بىلان سېنى.

    ئاشىق ۋەيسەل شېئىرلىرى(داۋامى)

     

    سەن بىر ھېجران بولساڭ، مەن بىر ئوۋچى،

    ئوۋلىسام چۆللەردە ساز بىلان سېنى.

    بولماس دەرمانى، يوقتۇر ئىلاجى ـ

    تۇتسام تارلاندۇرسام سۆز بىلەن سېنى.

    كەل سېۈىندىم سېنى، گۈزىلىم

    كىيمە قارىنى، ھال ـقزىل كىين،

    ماى بىر چوپان بولاي،سەن مېنىڭ قويۇم،

    باغلىسام ئالدىمدا تۇز بىلەن سېنى.

    قويۇم بولساڭ ئتلىتاتتىم يايلاقلاردا،

    تىللىرىنى يۇلدۇرماستىن ھەر ياندا،

    بېلىق بولۇپ ئۈزسەڭ ئەگەر دەريادا،

    سۈزىۋالاتتىم دەريادىن تېزلىكتە سېنى.

    ۋەيسەل دەر:ئوت ئىدىڭ چۈشمەس تىلىمدىن

    ئايرىلىپ قالدىم ۋەتەندىن، ئېلىمدىن،

    قۇش بولساڭ گەر قۇتۇلالماس ئىدىڭ قولۇمدىن،

    ئەگەر كۆرسەم ئىدىم كۆز بىلەن سېنى.

    سېنىڭ يولۇڭدا

    خەتەر بولدى ياشلىق چېغىم

    سېنىڭ يولۇڭدا ـ يولۇڭدا.

    سۇلدى چېچىكىم يولۇڭدا ـ يولۇڭدا.

    مەن نىچۈك ئىدىم؟ نىچۈك بولدۇم،

    گاھى قۇرۇق بولدۇم، گاھى تولدۇم،

    ياندىم ، كۆيدۈم،ئاتەش بولدۇم،

    سېنىڭ يولۇڭدا ـ يولۇڭدا.

    مانا كەلدى سوڭ باھارىم،

    خەتەر بولدى نۇمۇس ـ ئارىم،

    سېنىڭ يولۇڭدا ـ يولۇڭدا.

    قولۇڭدىن بىربادە ئىچتىم،

    تۈرلۈك -تۈرلۈك دەركە چۈشتۈم،

    ھەممە بارلىغىمدىن كەچتىم،

    سېنىڭ يولۇڭدا ـ يولۇڭدا.

    دىلسىز بولدۇم: كۆكەردىم،

    يامغۇر بولدۇم: پاكىزلاىدىم،

    تۇپرا بولدۇم:ئاغدۇرۇلدۇم،

    سېنىڭ يولۇڭدا ـ يولۇڭدا.

    ساڭا بېرىلگەن قۇل بولدۇم،

    گاھ ئاقىل، گاھى دال بولدۇم،

    ئاجىزلىقتا ۋەيسەل بولدۇم،

    سېنىڭ يولۇڭدا ـ يولۇڭدا.

     

    تۈگىدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.