ئەمرە ئۆزدەمىر: تار كەلمەكتە كوچىلار

يوللىغۇچى : aypalta يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-28 20:18:13

Dar Geliyor SokaklarEmre Özdemirتار كەلمەكتە كوچىلارئەمرە ئۆزدەمىر ( تۈركىيە)تار كەلمەكتە كوچىلار،ياتقۇزۇلغان تاشلىرى يوق.ئېغىر كەلمەكتە ئايرىلىش،تۆكۈلۈپ كەتمەكتە لەۋلەردىن سۆيۈش.ھېچكىممۇ ھەممىگە بولال...



     

    Dar  Geliyor  Sokaklar 

    Emre Özdemir 

    تار كەلمەكتە كوچىلار 

    ئەمرە ئۆزدەمىر ( تۈركىيە)

     

    تار كەلمەكتە كوچىلار،

    ياتقۇزۇلغان تاشلىرى يوق.

    ئېغىر كەلمەكتە ئايرىلىش،

    تۆكۈلۈپ كەتمەكتە لەۋلەردىن سۆيۈش.

     

    ھېچكىممۇ ھەممىگە بولالماس مەنسۇپ،

    چۈشلەر ئاقار كۆز ئۇچلىرىمدىن.

    تامچىلار كۆيدۈرەر كىرپىكلىرىڭنى،

    سۆز يۇتار، سۆيگۈ يىغلار كۆزلىرىڭنى.

     

    باق، كەلمەكتە قارا باسقانلار،

    ئارقىسىدا يوقالماقتا ئاياغ ئىزلىرى.

    يار كەتمەكتە، سايىسىدە قاراڭغۇلۇق،

    سىقىلغان كۈنلەر ماتەم ناخشىلىرىنىڭ ئارىسىغا قايتماقتا.

    لەۋسۇرۇخ يۇقى قالماقتا چىشلارنىڭ ئارىسىدا.

     

    كەلمە دېمەك ئاسان، بەك ئاسان،

    قېپقالماق بەسى-مۈشكۈل.

    سۆيگۈ ئۈچۈن تاملار يېزىلماقتا،

    كوچا بېشىدا كىشىلەر پاراڭلاشماقتا.

    يۈتكەن بىر كۈن،

    كۈننىڭ تۇغۇشىدا لىققىدە ئازاپلار بار،

    پېتىشىدا چۇقان سالغان تىمتاسلىقلار...

     

    ئەسلىدە ئانىلار، بۈيۈك ئازاپلارنى تۇغماقتا،

    ئايرىلىشتىن قېپقالغانلار قان قۇسماقتا.

    ئانا رازى بولغان شۇنچە سۈت،

    ئۆگىتىلگەن سۆزلەر،

    قانات ئاستىدا قوغدالغان يۈزلەر،

    ھەركۈنى بۇرنىدىن يۆتىلىنىپ كەلتۈرۈلمەكتە.

     

    بەك ئاسان سۈرۈلمەكتە مۇھەببەت پەيزى،

    كۆڭۈللەرنى بەزلەش ئۈچۈن ھەر كېچە.

    مەجنۇندىن قېپقالغىنى پەقەت رىۋايەت،

    قايسى تەرەپتە سەن ئېيتقىن ئەي قەلب،

    بىر تەرەپتە زەھەردەك ئازاپ،

    يەنە بىر تەرەپتە شېكەر يالىتىلغان ئۈمىت.

    مەخرەج ئاشكارە،

    ئەسلىدە

    ھەر سۆيگۈنىڭ كەينىدە ئورتاق جىنايەت.

     

    ئايرىلىشلار سۈنئىي،

    سۆيۈشلەر ئەدىبىي،

    تاشلىۋېتىشلەر غەيرى رەسمىي،

    ئوقلار قانۇنىي،

    ئۆلگەنلەر ھەقىقي،

    نە چارە،

    ئۇنۇتۇش ۋاقتىدۇر ئەمدى.

     

    تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت( ئايپالتا) ئۇيغۇرچىلاشتۇردى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.