سۈبھىگە سالام
كالى داسا (ھېندىستان)
زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى تەرجىمىسى
سۈبھىگە سالام
نەزەر سېلىڭ مۇشۇ بىر كۈنگە
چۈنكى، ئۇ-ھاياتتۇر، ھاياتتۇر، ھايات
تاپارمىز مەۋجۇدلۇق ھەقىقىتىنى، بولسىمۇ گەرچە قىسقا ۋە قىسقا
ئۆسۈش نىئمىتى
ھەم بۆيۈك ئەمەل
گۈزەل غەلبىلەر
چۈنكى، تۆنۈگۈن شېرىن چۈش، يەنە
ئۇ، پەقەت خىيالدۇر، خىيال،
لېكىن بۈگۈندە ياشارمىز تولۇق، تۆنۈگۈن ئايلاندى گۈزەل بىر چۈشكە
ھەر تاڭدا كۆرمەك بوپ ئارزۇيىمىزنى
قارايلى يېڭىدىن مانا بۇ كۈنگە،
مانا بۇ سۈبھىنىڭ سالىمى بىزگە.
___________________________________________
كەڭسۇ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان «غەم قىلماڭ» ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.