قىزىل راۋاقتىكى چۈش(خاتىمە نەزمىسى)

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-03 15:08:10

«قىزىل راۋاقتىكى چۈش» نىڭ خاتىمە شىئېرى ------------ساۋشۆچىن ئۆز ۋاقتىدا بەگ غوجاملار تولغان ساراي،غۇربەت بېسىپ قۇرۇق سۆلەت دالان قالدى.بىر چاغلاردا بەزمە- مەشرەپ قاينىغان جاي،گۈللەر توزۇپ دەل-دەرەخ...

    «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» نىڭ خاتىمە شىئېرى

    ------------ساۋشۆچىن


    ئۆز ۋاقتىدا بەگ غوجاملار تولغان ساراي،
    غۇربەت بېسىپ قۇرۇق سۆلەت دالان قالدى.
    بىر چاغلاردا بەزمە- مەشرەپ قاينىغان جاي،
    گۈللەر توزۇپ دەل-دەرەخلەر خازان بولدى.

    زەر تورۇسقا ئۆمۈچۈكلەر باغلىدى تور،
    گۈل پەنجىرلەر ئوت-گىياھقا ئاشيان بولدى.
    ئۇپا-ئەڭلىك خۇش پۇراقنىڭ نە ھاجىتى،
    قىراۋ قوندى چاچقا قېرىلىق ئايان بولدى.

    كېچە تۇپراق ئارا كىرسەم ئوردا بۈگۈن،
    ئاشىق-مەشۇق ھېجران ئارا پىنھان بولدى.
    ساندۇق-ساندۇق ئالتۇن-كۈمۈش ساقلىغانلار،
    كۆز ئاچقۇچە گادايلىشىپ ۋەيران بولدى.

    ئۆمرى قىسقا دەپ ئۆزىنى ئاھ ئۇرغانلار،
    كىلىپ ئۆزى ئۇ ئالەمگە راۋان بولدى.
    ئاتىسىدىن قاتتىق تەنبىھ ئالغان زاتلار،
    ئېتىمالىم قىلمىشلىرى ئەسيان بولدى.

    بايۋەچچىدىن ئۆزىگە جۆر ئىزدىگەنلەر،
    تاپقان جايى قۇم چاۋا مەيدان بولدى.
    تاجىسىنى كىچىك كۆرۈپ كىيمىگەنلەر،
    كىيىپ قۇۋۇق ياتقان يېرى زىندان بولدى.

    ئاخشام تېخى جۇل-جۇل توندىن غىڭشىغانلار،
    بۈگۈن بەگلىك چاپىنىمۇ يامان بولدى.
    بىرى تەخىتتىن چۈشسە يەنە بىرى چىقتى،
    ئاقىۋەت ماڭا ياقا يۇرت ماكان بولدى.

    قويغىن بۇ ئەپسانىنى ھەننىۋاسى،
    باشقىلارغا ئاخىرى تويلۇق چاپان بولدى.


     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.