ئەپسانىۋىي ئايال،

يوللىغۇچى : aypalta يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-06 01:48:28

Phenomenal Womanby Maya Angelouئەپسانىۋىي ئايالمايا ئانگېلو ( ئامېرىكا)چىرايلىق ئاياللارنىڭ مەخپىيەتلىكىمنىڭ نەدىلىلكىنى بىلگۈسى كېلىدۇ.مەن ئوماق ياكى مودېل بولالىغۇدەك قاملاشقان ئەمەسلېكىن گەپلىرىمنى باش...

     

    Phenomenal Woman

    by Maya Angelou

     

    ئەپسانىۋىي ئايال

     

    مايا ئانگېلو ( ئامېرىكا)

     

    چىرايلىق ئاياللارنىڭ مەخپىيەتلىكىمنىڭ نەدىلىلكىنى بىلگۈسى كېلىدۇ.

    مەن ئوماق ياكى مودېل بولالىغۇدەك قاملاشقان ئەمەس

    لېكىن گەپلىرىمنى باشلا- باشلىمايلا،

    ئۇلارغا يالغانچىدەك تۇيىلىمەن.

    دەيمەن،

    ئۇ  -  قۇچاقلىرىمدا

    ساغرىلىرىمدا،

    مەغرۇر قەدەملىرىمدە،

    لەۋلىرىمنىڭ ئەگىملىرىدە.

    ئەپسانىۋىي ھالەتتە.

    ئەپسانىۋىي ئايال،

    ئۇ – مەندۇرمەن.

     

    بىر ئۆيگە كىرسەم

    سېنى خۇش قىلغان پەيزى ھالەتتە،

    بىر ئادەم ئۈچۈن،

    ئادەملىرى سەپراس تۇرۇشتى ياكى

    تىزلىنىشتى.

    ئاندىن ماڭا يوپۇرۇلۇشتى،

    بىر توپ ھەسەل ھەرىلىرى.

    دەيمەن.

    ئۇ ـ كۆزلىرىمدىكى ئوتتۇر،

    ھەم چىشىمنىڭ يالتىراشلىرى،

    بەللىرىمنىڭ تولغىنىشلىرى،

    پۇتلىرىمنىڭ شاد –يايراشلىرى.

    ئايالمەن،

    ئەپسانىۋىي ھالەتتە.

    ئەپسانىۋىي ئايال،

    ئۇ – مەندۇرمەن.

     

    ئەرلەر قالىدۇ  ھەيرانۇ – ھەستە

    ئۆزلىرى مەندە كۆرگەنلىرىگە.

    قىلمىغانلىرى ئاز قېلىشسىمۇ

    ئەسلا يېتەلمەس

    ئىچكى سىرىمگە.

    كۆرسىتەي دېسەم ئۇلارغا ئۆزۈم

    ئۇلار دېيىشەر كۆرمىدى كۆزۈم.

    دەيمەن،

    ئۇ – دۈمبەمدىكى ئويماندا،

    كۈلكەمدىكى قۇياشتا،

    قوش كۆكسۈمنىڭ ئۆركەشلىرىدە،

    لاتاپەتلىك كۆرك- خۇلقىمدا.

    ئايالمەن

    ئەپسانىۋىي ھالەتتە.

    ئەپسانىۋىي ئايال،

    ئۇ – مەندۇرمەن.

     

    ئەمدىغۇ چۈشەنگەنسەن

    مەن نېمىشقا باشىم ئەگمىدىم.

    قىيا – چىيا ياكى تىپچەكلەشلەردىن

    ياكى داۋراڭ سېلىشلاردىن خالىمەن.

    كۆزۈڭ چۈشسە ئۆتۈۋاتقان چېغىمدا

    بېشىڭ بولۇر تاقاشقاندەك ئاسمانغا.

    دەيمەن،

    ئۇ ـ پاشنامنىڭ تاس- تاسلىرىدا،

    ساچلىرىمنىڭ ئويناشلىرىدا،

    قوللىرىمنىڭ ئالقانلىرىدا،

    كۆيۈمگە بولغان مۇھتاجلىقىمدا،

    چۈنكى ئايالمەن

    ئەپسانىۋىي ھالەتتە.

    ئەپسانىۋىي ئايال،

    ئۇ – مەندۇرمەن.

     

    ئىنگلىزچىدىن ئايپالتا تەرجىمە قىلدى. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.