شوراپ بوپتۇ شىرنەڭنى ياتلار(سېرگى يېسىنىن)

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-13 00:00:00

دۇنيا شېئىرىيىتىدىن تاللانما شوراپ بوپتۇ شىرنەڭنى ياتلار.... شوراپ بولۇپ ياتلار شېرىن شىرنەڭنى،قالدۇرۇپتۇ سېنى ماڭا شۈپۈكتەك.چاچلىرىڭدا ياتۋى بۇسنىڭ پۇرىقى،ھارغىن كۆزۈڭ كۈزدىكى جۇت ئۇپۇقتەك.ئېھ!...


    دۇنيا شېئىرىيىتىدىن تاللانما

     

     

    شوراپ بوپتۇ شىرنەڭنى ياتلار....

     

    شوراپ بولۇپ ياتلار شېرىن شىرنەڭنى،

    قالدۇرۇپتۇ سېنى ماڭا شۈپۈكتەك.

    چاچلىرىڭدا ياتۋى بۇسنىڭ پۇرىقى،

    ھارغىن كۆزۈڭ كۈزدىكى جۇت ئۇپۇقتەك.

     

    ئېھ! مېنىڭ كۈز پەسلىم-- مويسىپىتلىكىم!

    باھار، ياز پەسلىمدىن ئەلا يۈز ھەسسە.

    چۈنكى شۇ مول پەسلىم شائىر پىكرىدە،

    سۆيگۈنى ئويغىتىپ تىزار گۈلدەستە.

     

    يۈرىكىم ئەزەلدىن بىزار ساختىدىن،

    شۇڭلاشقا تىترىمەي چىقار ئۈنلىرىم؛

    ئەمدى مەن مەردلەرچە قىلىمەن خىتاب:

    قول ئۈزدۈم، قالدى ئۇ بەڭۋاش كۈنلىرىم.

     

    كەپقالدى قاراملىق خۇيۇمنى تاشلاپ،

    يوقىلاڭ ئىشلارنى قىلماسلىق پەيتى.

    ئۆزگە قان شۇرقىراپ كىرگەچ تومۇرغا،

    باشقىچە قەلبىمنىڭ ھۇشيارلىق كەيپى.

     

    سىنتەبىر قىزغۇچ رەڭ تاللىرى بىلەن،

    چەكمەكتە دېرىزەمنى تىرىقشىتىپ،

    ھە، بۇ شەرتى تۆۋەن زىيارەتچىنى،

    خۇش قىلاي مېھرىم بىلەن كۈتۈپ ئېلىپ.

     

    ئەمدى مەن ئادىل بولىمەن كىشىلەرگە،

    چېقىلىش، زورلۇقلاردىن قولنى ئۈزۈپ.

    روسىيە كىرىپ قاپتۇ باشقا تۈسكە،

    كەپىلەر، گۆرىستانلار كۆپ ئۆزگىرىپ.

     

    ئەتراپنى كۆزەتتىممەن كۆزۈم تىكىپ،

    ئۇ ياقتىنمۇ، بۇياقتىنمۇ ھەممە جاينى؛

    پەقەت سەنلا يار بولۇشقا مۇناسىپ،

    شائىرىڭ يارىتىدۇ سەندەك ئاينى.

     

    يېتىلدى يۈرىكىمدە جۇشقۇن يۈرەك،

    ئاڭلاپ باققىن سوقۇشىنى كەلسە پەيت.

    ناخشا ئېيتتىم يولدا غىڭشىپ گۇگۇم چېغى:

    "ئاستا- ئاستا بەڭۋاشلىقنى تەرك ئەت..."

     

    قەشقەر خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان"خەزىنە گىرۋەكلىرى ناملىق توپلامدىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.