قان بۇلىقى(بودلېر)

يوللىغۇچى : yalqunazizi يوللىغان ۋاقىت : 2008-08-26 21:24:00

بودلىرنىڭ قان بۇلىقى بۇ مەمتىمىن ئەلا ' تەڭىرتاغ ' ژورنىلىنىڭ 1994-يىلىلىق 4- ساندا ئىلان قىلغان بودلىرنىڭ قان بۇلىقىنىڭ يەنە بىر نۇسخىسىقان بۇلىقىبۇلاقنىڭ سۈيىدەك گاھىدا قېنىم ، ئاققاندەك تۇيۇ...

    بودلىرنىڭ قان بۇلىقى

        بۇ مەمتىمىن ئەلا ' تەڭىرتاغ ' ژورنىلىنىڭ 1994-يىلىلىق 4- ساندا ئىلان قىلغان


    بودلىرنىڭ قان بۇلىقىنىڭ يەنە بىر نۇسخىسى 

     قان بۇلىقى

     بۇلاقنىڭ سۈيىدەك گاھىدا قېنىم ،
    ئاققاندەك تۇيۇلار ھەسرەتلىك يىغلاپ .
    ئاڭلىنىپ تۇرسىمۇ شاۋقۇن تاپالماي ،
    قالىمەن جارائەت ئاغزىنى سىلاپ .

    شەھەرنى باستى قان قۇشخانا كەبى ،
    كوچىلار بولدى بىر دېڭىز بىپايان .
    ئۇ قانلار قاندۇرار چاڭقاق گاللارنى ،
    تۈس ئالار قىپ -قىزىل كائىنات جاھان .

    قېنى سەن كىشنى مەسىت قىلغۇچى شاراپ ،
    سەن بار ، يوق قورقۇنۇچ قايغۇ -ئىزتىراپ .
    سەزگۈمنى ئويغىتار شاراپ ھەرقاچان ،
    مۇھەببەت ئىچىدە بەك شىرىن ئۇخلاپ ،
     قېلىشنى تىلەيتىم بىراق مۇھەببەت ،
    قېنىمنى تۈگەتتى جالاپتەك شوراپ .

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-27 12:27:24]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر بودلېر