مەن سېنى ھېچ ئۇنۇتمىدىم

يوللىغۇچى : aypalta يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-03 13:31:46

Ben Seni Hiç UnutmadımAli Kınıkمەن سېنى ھېچ ئۇنۇتمىدىمئەلى كىنىك ( تۈركىيە)يىللار ئۆتتى بەك سىقىلدىمتىللاردا كىرلەشتى ئىسمىمنە تۈزەلدىم، نە چوڭ بولدۇممەن سېنى ھېچ ئۇنۇتمىدىم.تەقۋىم ئاخىرىنى ئۇنۇتتىب...

     

     

    Ben Seni Hiç Unutmadım

    Ali Kınık

     

    مەن سېنى ھېچ ئۇنۇتمىدىم

     

    ئەلى كىنىك ( تۈركىيە)

     

    يىللار ئۆتتى بەك سىقىلدىم

    تىللاردا كىرلەشتى ئىسمىم

    نە تۈزەلدىم، نە چوڭ بولدۇم

    مەن سېنى ھېچ ئۇنۇتمىدىم.

     

    تەقۋىم ئاخىرىنى ئۇنۇتتى

    بۇلبۇل قېنىنى ئۇنۇتتى

    دۈشمەن غۇمىنى ئۇنۇتتى

    مەن سېنى ھېچ ئۇنۇتمىدىم.

     

    چېھرىڭ كەبى باقتىم ئايغا

    قانىدىم، تۇپراققا، سۇغا

    تاغۇ-تاش چۈشسىمۇ ئۇيقۇغا

    مەن سېنى ھېچ ئۇنۇتمىدىم.

     

    سەن مېنى تېزلا ئۇنۇتتۇڭ

    ئەلۋىدا دەپلا ئۇنۇتتۇڭ

    ۋەدەڭ تۇرۇپمۇ ئۇنۇتتۇڭ

    مەن سېنى ھېچ ئۇنۇتمىدىم.

     

    سەن مەيلىڭچە بىر سۆيگۈ ئويلا

    ھاياتىڭنى يېڭىدىن باشلا

    كەچۈر،سۆيگۈم سېنى قىينىسا

    مەن سېنى ھېچ ئۇنۇتمىدىم.

     

    قۇللار دىنىنى ئۇنۇتتى

    مەھشەر كۈنىنى ئۇنۇتتى

    يوللار نىشاننى ئۇنۇتتى

    مەن سېنى ھېچ ئۇنۇتمىدىم.

     

    قۇلاق سالمىدىم دوستلار سۆزىگە

    رەنجىشتى، ئۈنى چۈشتى ئىچىگە

    سەت كۆرۈندۈم ئانامنىڭ ھەم كۆزىگە

    مەن سېنى ھېچ ئۇنۇتمىدىم.

     

    ئايرىلغانغا ھېچكىم ئۆلمەسمىش

    قىز دېگەن تېپىلماس خورما ئەمەسمىش

    ئۇلار بىلمەس، بۇ قانداق بىر ئىش

    مەن سېنى ھېچ ئۇنۇتمىدىم.

     

    شۇ ئاخشاملار ھاردۇردى مېنى

    يۇلتۇزلارمۇ تالدۇردى مېنى

    خاتىرەلەر قۇچاقلار مېنى

    مەن سېنى ھېچ ئۇنۇتمىدىم.

     

    ئىككىمىز ئايرىلدۇق، ئاھ،بۇ يۈزدىن

    دولقۇنلار ئاجرىدى دېڭىزدىن

    بىر مەن قالدىم ئىككىمىزدىن

    مەن سېنى ھېچ ئۇنۇتمىدىم.

     

    ئاسلى نازىنى ئۇنۇتتى

    كېرەم سازىنى ئۇنۇتتى

    مەجنۇن سۆزىنى ئۇنۇتتى

    مەن سېنى ھېچ ئۇنۇتمىدىم.

     

    سۇغا، كۆككە قەسەم بولسۇن

    قىزىل، قارا قەسەم بولسۇن

    « يالغان يەر»گە قەسەم بولسۇن

    مەن سېنى ھېچ ئۇنۇتمىدىم.

     

    مىڭبىر قېتىم قەسەم بولسۇن

    يەنە تالاي قەسەم بولسۇن

    مەن سېنى ھېچ ئۇنۇتمىدىم

    مەن سېنى ھېچ ئۇنۇتمىدىم...

     

    تۈركچىدىن ئايپالتا ئۇيغۇرچىلاشتۇردى. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.