بار

يوللىغۇچى : gulsum يوللىغان ۋاقىت : 2013-09-23 10:58:34

ئۆزۈڭ نېسىپ قىلمىساڭ گەر، نە كېچە-نە كۈندۈزۈم بار. سالىھلىققا نېسىپ ئەيلە، مۇشۇ دۇئا-تىلەگىم بار !

    ‏-ئابدۇۋەلى رېھىم [ئۆز ئىجادىيىتىم]

    ‏‏جۈمە دەپ غۇسلىدا پاكلاندىم پاكىزە تەن-ھۇجۇدۇم بار،
    ‏مىڭ شۈكۈر، مەدھىيە يا رەب، ھەمدۇ بىرلە دۇئايىم بار.
    ‏تەۋبەم بولۇر مەقبۇل دەپ، مەغفىرىتىڭدىن ئۈمۈدۈم بار،
    ‏ئۆزۈڭ نېسىپ قىلمىساڭ گەر، نە كېچە-نە كۈندۈزۈم بار.
    ‏سالىھلىققا نېسىپ ئەيلە، مۇشۇ دۇئا-تىلەگىم بار !

    يېشىم ئاز كەم يىگىرمە يەتتە، شۈكۈر ئىماندا رىزقىم بار،
    ‏قورقۇپ يەنە ئازغۇنلۇقتىن، دائىما سەجدىدە جىسمىم بار.
    ‏سېنى سۆيگەننى سۆيدۈرگىن، ئىسلامى قەلىبكە رايىم بار،
    ‏تىلەيمەن ھەر تىنىق شەفقەت، ئاداقى شەيتان دۈشمىنىم بار.
    ‏غەفلەت-ھارامدىن پانا ئەيلە، مۇشۇ دۇئا-تىلەگىم بار !
     
    ‏سەن ئىنئام قىلساڭ ھالال جۈپ، نە ئەندىشە غېمىم بار،
    ‏سىنى سۆيگەن، ‏سەن سۆيگەننى، سۆيمەكلىكتىن ئارمانىم بار.
    ‏دۇنيا رەڭدار، ۋەسۋەسە كۆپ، ئازغۇنلۇقتىن ئەندىكىم بار،
    ‏شۇ سۆيگۈنۈڭ مېنى سۆيۈپ، ساڭا تارتىشتىن ئۈمۈدۈم بار.
    ‏ئىمانىم ئەيلىگىل پۈتۈن، مۇشۇ دۇئا-تىلەگىم بار !

    2013-يىل 16-ئاۋغۇست جۈمە نامىزىدىن كېيىن

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ‏‏جۈمە دۇئا ئىسلام