فەرىدە ئەفرۇز شېئىرلىرىدىن (ئۆزبېكىستان)

يوللىغۇچى : siddiq يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-04 14:10:22

پەرىدە ئەفرۇز شېئىرلىرىدىن (ئۆزبېكىستان) «ئۆزۈمدىن - ئۆزۈمگىچە» ئۆزبېكىستانلىق شائىرە ئەفرۇزنىڭ بەشىنچى شېئىرلار توپلىمىنىڭ نامى . بۇ سۆزدىن شائىرەنىڭ شېئىرىيەتكە نىسبەتەن سەمىمىيلىك، ئىچكى ...

    پەرىدە ئەفرۇز شېئىرلىرىدىن  (ئۆزبېكىستان)

       «ئۆزۈمدىن - ئۆزۈمگىچە»  ئۆزبېكىستانلىق شائىرە ئەفرۇزنىڭ بەشىنچى شېئىرلار توپلىمىنىڭ نامى . بۇ سۆزدىن شائىرەنىڭ  شېئىرىيەتكە نىسبەتەن سەمىمىيلىك، ئىچكى ئالەمگە يۈزلىنىش، ئۆزلۈكنى ئىزدەش، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنى قولغا قەلەم ئېلىشقا ئۈندىگەن ئىزتىراپلىق ھېس - تۇيغۇلارنىڭ چىن مەنىسىگە ئىنتىلىش نوقتىسىدىن يانداشقانلىقىنى ھېس قىلىش تەس ئەمەس. شائىرەنىڭ ھەر بىر شېئىرىدا دېگۈدەك مەلۇم دەرىجىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان شۇ خىل روھىي ھاياجان، زارىقىش ۋە سەرخۇشلۇق ئالامەتلىرى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. شائىرە ئۇشبۇ توپلامغا يازغان قەلب سۆزىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئۆزۈمدىن - ئۆزۈمگىچە ئۇزاق يول باستىم، تېخى مەنزىلىم يىراق. مەن ئۆزۈمنى مىڭ پارچىغا بۆلدۈم، تېرىقتەك چېچىلدىم. ئەمما بۈگۈن سىز تۇتۇپ تۇرغان ئۇشبۇ كىتاب ئىچرە جەم بولدۇم» دەيدۇ. دەرۋەقە نام - ئاتاق،  شان - شۆھرەت قاتارلىق ھەر خىل ۋەسۋەسىلەردىن خالىي قەلەم ساھىبلىرى ئۈچۈن شېئىر يېزىش بىر خىل ئۆزىنى بېغىشلاش جەريانىدۇر.

        فەرىدە ئەفرۇز ئۆزىگە خاس شائىرانە ساداسى بىلەن جەلپكار، ئۈمىدۋار ۋە سالماق بىر نۇقتىغا ئايلىنىپ، ھازىرقى زامان ئۆزبېك شېئىرىيىتىنىڭ يېڭى بىر ئۆرلەش باسقۇچىغا كىرىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى. ئۇ ئۆز شېئىرلىرىدا تىلدىن ئىبارەت بىباھا خەزىنىنىڭ ئىمكانىيەتلىرىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ئۆز مىللىتىنىڭ تىل، تەپەككۇر ئەنئەنىسىگە ئىجادىي ياندىشىپ، ئۆز خەلقىنىڭ روھىي ۋە ئىجتىمائىي  قىسمەتلىرىگە تەشۋىشلىك نەزەر تاشلايدۇ. بۇنى پەرىدە ئەفرۇزنى شائىرلىق ئازابىغا مۇپتىلا قىلغان مەنبەلەردىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. خەلق قوشاقلىرى، ماقال - تەمسىللەر، ئىدىيوملار، جانلىق تىلدىكى ھاياتىي كۈچكە ئىگە سىمۋوللار، ئىستىئارىلەر ۋە سېھىرلىك جەزىبە، مەنىلەرگە باي شەرق كلاسسىك ئەدەبىياتى پەرىدە ئەفرۇزنىڭ قەلبىگە شېئىرىي ئىلھام پىراقلىرىنى  تۇتاشتۇرغان مەنبەلەردۇر. شۇڭا ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن ھاپىزنىڭ، رۇمىينىڭ، ئەخمەت يەسسەۋىينىڭ، نەۋائىينىڭ، مەشرەپنىڭ ھازىرقى زامانغا خاس پۇراقلىرى كېلىدۇ.

       فەرىدە ئەفرۇز 1956 - يىلى قوقاندا تۇغۇلغان. 1977-يىلى مۇقىمى نامىدىكى پىداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن   «قىرىق كوكىلام»، «ئىزتىراپنىڭ كۆڭلىكى»، «تۈنلەر ئىسيانى»، «كۆزۈم مېنىڭ»، «ئۆزۈمدىن - ئۆزۈمگىچە» ناملىق شېئىرىي توپلاملىرى ئېلان قىلىنغان.

    ساچلارىمنى...

    ساچلارىمنى رەيھان سۆيدى، بىلمىدىڭ،
    تىللىرىمدىن تۆكتىم ناۋات، بىلمىدىڭ،
    تۆكۈل دېدىم، تۆكۈلمىدىڭ، تولمىدىڭ،
    ئەمدى سېنىڭ كۆكسۈڭ ئۆزرە تاغ غۇلار،
    ئەمدى مېنىڭ كۆكسۈم ئۆزرە داغ تۈنەر.

    شاماللاردىن تۇتۇپ كەلدىم ئۆزۈمنى،
    ھەر ناكەستىن ئېلىپ قاچتىم يۈزۈمنى،
    ساچلارىمغا زۇننار قىلدىم سۆزىمنى،
    ئەمدى سېنىڭ مەندەك ئارمانىڭ بولماس،
    ئەمدى مېنىڭ سەندەك ئاسمانىم بولماس.

    ئالتۇن ئالما پەرۋىشلىدىم بېغىمدا،
    ئالۋاستىلار ئۈزۈپ كەتتى بېغىمدىن،
    ئىچسە يىلان ئۆلەر ئەمدى قېنىمدىن،
    ئەمدى سېنىڭ باغلىرىڭدا كۈز يىغلار،
    ئەمدى مېنىڭ قىسمىتىمدە سۆز يىغلار.

    مەن ئۆزى كىممەن

    مەن ئۆزى كىممەن،
    تاشلاندۇق قۇدۇق،
    يامغۇرلارنىڭ ئېسىدىن چىققان
    بېلىقلىرى ئۇسساپ جان بەرگەن،
    قومۇشلىرى ئويۇپ نەيلەنگەن،
    تاشلاندۇق قۇدۇق.

    سەن ئۆزى كىمسەن،
    سۇغا چۆككەن تاش،
    قىيالارنىڭ يادى ئۈچۈرگەن،
    تەۋرەشلەردە توپ - توپ تۆكۈلگەن،
    چوققىلاردىن مەڭگۈ ھەيدەلگەن،
    سۇغا چۆككەن تاش.

    ئىشق  ئۇ نېمە؟
    ئۇنتۇلغان تۈگمەن.
    دۇنيالارنىڭ ئەسلىرىدە يوق،
    قۇشلار ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئۇۋا،
    ھوقۇشلارغا شاد - خۇرام ماكان،
    ئىككىمىزنى داندەك يەنچىگەن،
    ئۇنتۇلغان تۈگمەن.

    سەن ئەۋەتكەن بۇلۇتلار

    سەن ئەۋەتكەن بۇلۇتلار
    ئاپئاق ۋە يۇمشاق،
    كاشكى، قارا بولسا.

    سەن ئەۋەتكەن بۇلۇتلار
    يۈرىكىمگە كىرمەكتە ئۈزۈپ،
    كاشكى، ئۆتۈپ كەتسە.

    سەن ئەۋەتكەن بۇلۇتلار
    يامغۇرسىز، قۇرغاق...
    كاشكى، ياش تۆكسەم.

    سەندىن شەپقەت كۈتكەندىن كۆرە

    سەندىن شەپقەت كۈتكەندىن كۆرە
    قۇرىغان دەرەخكە يىغلايمەن،
    ئېتىكىمگە ئالما تۆكەر ئۇ.

    سەندىن مېھىر كۈتكەندىن كۆرە
    ئەجدىھاغا قېنىپ بوزلايمەن،
    باغرىمدا بالامدەك ئۇخلىغۇسى ئۇ.

    سەندىن ۋاپا كۈتكەندىن كۆرە
    كۆكسىمگە خەنجەرلەر تىكىمەن،
    كۆكىرىپ گۈللەيدۇ ئۇ چوقۇم.

    كىمگىدۇر

    شۇ كۆزۈڭ، شۇ قېشىڭ
    شۇ رۇخسار بىلەن
    كىمگىدۇر كېرەكسەن، كىمنىڭكىدۇرسەن.
    شۇ سۆزۈڭ، شۇ كۈلكەڭ
    شۇ نىگاھ بىلەن
    كىمگىدۇر ئارمانسەن، كىمگىدۇر تىلەك...

    ئىمانسەن مۇكەممەل،
    نۇرسەن ھۈۋەيدا،
    قىممەتلىك جاۋاھىر
    يۇلتۇزسەن پەيدا،
    ئاشىقسەن سەۋدايى،
    ياردۇرسەن تەنھا.
    شۇ غېمىڭ، شۇ دەردىڭ،
    شۇ ئەلەم بىلەن،
    ئۆمرۈمنىڭ مەنىسى، مېنىڭكىدۇرسەن!...

    بىلدىم

    بەلكى سورۇنلاردا كۈلگىنىم راستتۇر،
    گۈل كىيگىنىم، گۈللىگىنىم، گۈل بولغىنىم راستتۇر،
    كۈيلىگىنىم، كۆيدۈرگىنىم، كۈل بولغىنىم راستتۇر،
    ئەمما سىزسىز ھېچكىممەن، بىلدىم.

    بىلدىم خۇددى تاڭلار ئاتقىنى كەبى،
    قۇياش ھارغىن پاتقىنى كەبى،
    ئاسماندا ئاي شورلۇق، بىناۋا،
    ئوۋلاقتا ئاھۇلار ياتقىنى كەبى، بىلدىم.

    ئون گۈلۈمدىن ئون گۈلۈم ئېچىلدى، سولدى،
    ياپراقلىرىم سارغىيىپ چېچىلدى، سولدى،
    ئىشق دېگەنگە كىپەنلەر پىچىلدى، سولدى،
    ئەسسىز، سىزسىز، ھېچكىممەن بىلدىم.

    بىلدىم، قانائەتنىڭ مەنزىلى خۇدا،
    بىلدىم، سائادەتنىڭ تۈنلىرى زىيا،
    تومۇردا ئىشق دېگەن ئەلەم ئويغانسا
    بېشىڭغا بالادۇر، بالدۇر، بالا، بىلدىم!

    بىلدىم، ئارمانلارنىڭ ئۆمرى ئۇزاقتۇر،
    پايانداز سېلىنغان يوللار توزاقتۇر،
    بىلدىم، خىيانەتنىڭ يولى چىراغتۇر،
    بىلدىم، بوينۇمدىكى مارجان - پىراقتۇر،
    بىلدىم...

    بەلكى، سورۇنلاردا كۈلگىنىم راستتۇر،
    گۈللىگىنىم، گۈل بولغىنىم راستتۇر،
    كۈيلىگىنىم، كۈل بولغىنىم راستتۇر،
    ئاسماندا ئاي كەبى تۇل بولغىنىم راستتۇر،
    سىزسىز، سىزسىز ھېچكىممەن، بىلدىم...
    (ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:ئەزىزى)


    

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئۆزبېك فەرىدە