(ئوكتاۋىئو پاز) قايتىش

يوللىغۇچى : tahirhamut يوللىغان ۋاقىت : 2008-02-12 13:35:00

قايتىش ئوكتاۋىئىو پاز (مېكسىكا) تاھىر ھامۇت تەرجىمە قىلغان بۇ باياۋان كېچىسىدە قەلبىم كېچىدۇر،قەلبىم باياۋان. كۈن تەپتىدە تاش ئىدىم بىر چاغ،ئەينەك ۋە تاش. باياۋان ۋە خارابە نېرىسىدا كۆرۈندى د...

    قايتىش
    ئوكتاۋىئىو پاز (مېكسىكا)
    تاھىر ھامۇت تەرجىمە قىلغان

     بۇ باياۋان كېچىسىدە قەلبىم كېچىدۇر،
    قەلبىم باياۋان. كۈن تەپتىدە تاش ئىدىم بىر چاغ،ئەينەك ۋە تاش.
    باياۋان ۋە خارابە نېرىسىدا كۆرۈندى دېڭىز كېيىنچە، دېڭىزنىڭ نېرىسى قاپقارا ئاسمان.
    ئەزمىلەر ئەدەبىياتىنىڭ غايەت زور تېشى:
    يۇلتۇزلار،كۆرسەتمىدى ماڭا ھېچنېمە.
    كەلدىم ئاخىرقى چەككە،ئىشىك تاقالغان،
    پەرىشتە ئۇخلاپ قالغان قورالنى تاشلاپ.
    ئىشىك ئىچىدە ئۇ گۈللۈك:قېرىشقاق ياپراق،
    تاشلارنىڭ تىنىقى خۇددى تىرىكتەك،
    گۈلسۇرۇخ مۈگىدەر ئۇندا يالىڭاچ، يېشىل غولنىڭ ئىچىدە يورۇق
    . سۇ قۇچاقلار قىزىل،يېشىل ئوتلاقلارنى پۇت-قولى بىلەن
    . دەل ئوتتۇرىسىدا ئايال،دەرەخ.
    يېرىم يولدا مەن توختىدىم دەل ۋاقتىدا بۇراپ بېشىمنى
    خالىماستىن كەلگۈسىگە دائىم مېڭىشنى:
    __ ھېچكىم مېنى ساقلىمايدۇ ئۇ يەردە. بۇرالدىم،سەرسان بولدۇم سەرسان يوللاردا ئايرىلدىم سىزىقتىن،
    ئۇ يەردە بارچە ئادەمنى كۈتمەكتە ئۆزى باشلىغان باشلىنىش نۇقتىسى
    __ مەلۇم بېلەت،مەلۇم ئاچقۇچ،مەلۇم كېسىم.
    ئۈمىدسىزلەرچە ئۈمىدلەنمەكتە،
    ئۈمىدلەنمەكتە ئەسىر ئشىكى ئېچىلسىكەن دەپ، ئۈمىدلەنمەكتە بىرسى مۇنداق دېسىكەن دەپ:
    __ ھازىر ئىشىك يوق،ئەسىرمۇ يوق ھەم..
    . كېزىپ ئۆتتۈم كوچا،مەيداننى كۈلرەڭ قىياپەت قادالغان مۇزدەك سەھەرگە،
    پەقەت شامال ياشىماقتا ئۆلۈپ كەتكەن ئارىلىقلاردا.
    ئۇچماقتا سۇمرۇغ شەھەر،سەھرادا.
    يالىڭاچ بەدىنىم تەبىئىي شۇنداق:
    مەن گويا سۈزۈك سۇ،گوياكى ھاۋا، دەرەخنىڭ ياپيېشىل نۇرى ئاستىدا، ئۇخلاپتۇ چۆپلەرگە پۈكۈنگەن پېتى، ئاغزىنى چوڭ ئاچقان بىر تال قۇش پېيى، شامالدا تاشلانغان،قار كەبى ئاپئاق.
    سۆيگۈم بار ئۇنى،لېكىن سۇ كۈيى چاڭقاتتى، بىر پارچە سۈزۈكلۈك ئاشۇ يەردىكى باشلاپ كىردى تەنھا ئويلارغا، باغرىمدا بىر ئىماگ تىترەۋاتىدۇ، ئېگىلگەن چاڭقاش،بۇزۇلغان ئېغىز، ئەي قېرى قۇل،ئېزىتقۇ ئوت توسۇۋالدى تۇغما تېنىمنى،كەتتىم،ئاستىلا.
    كۈلدى پەرىشتە،ئويغاندى شامال ئۇ چاچقان قۇم ئەما قىلدى بىر جۈپ كۆزۈمنى.
    مېنىڭ سۆزۈم _ شامال،سۆزۈم _ قۇم، ياشىمىدۇق بىز،ياشاۋاتىدۇ ۋاقىت بىزلەرنى.

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 22:09:47]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر قايتىش