مۇھەببەت قوشاقلىرى(داۋامى)

يوللىغۇچى : unatsu يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-22 12:38:43

مۇھەببەت قوشاقلىرىئىساكاۋا تاكۇباكۇ(داۋامى)ئۇنۇتقاندەك بولىمەن،بىراق،ئاددىي نەرسەيادغا سالار ـئۇنتالمايمەن!ئۇلار ئېيتقاندەك، گۈزەل ئىكەنپېشانەڭگە چۈشۈپ تۇرسابىر تۇتام چېچىڭقاراپ تۇيمىدىمسەن ...

     

    مۇھەببەت قوشاقلىرى

    ئىساكاۋا تاكۇباكۇ

    (داۋامى)

     

    ئۇنۇتقاندەك بولىمەن،

    بىراق،

    ئاددىي نەرسە

    يادغا سالار ـ

    ئۇنتالمايمەن!

     

    ئۇلار ئېيتقاندەك، گۈزەل ئىكەن

    پېشانەڭگە چۈشۈپ تۇرسا

    بىر تۇتام چېچىڭ

    قاراپ تۇيمىدىم

    سەن يېزىۋاتقاندا.

    ...

    ئىشىتتىمكى ـ كى،

    بىمار ئىكەسەن.

    ئىشىتتىمكى ـ ساقىيىپ كېتىپسەن:

    تۆت يۈز چاقىرىم يېراقتا  ئۆزۈمنى

    چۈش ئىچىدە يۈرگەن كەبى سەزدىم ئۈزۈمنى.

    ...

    كوچا ـ كويدا توساتتىن

    تونۇش چېھرە كۆزگە چېلىقسا،

    ئۇچۇپ كېتەر

    دىلىم كۆكسىمدىن ـ

    ئېچىنمامسەن؟

    ...

    ئارقىدا قالغان

    ئۆمۈرىمدىكى بار نەرسىنى ئۇنتۇپ

    خىيال سۈرىمەن

    بىلەمسەن كىم ھەققىدە؟

    ...

    يىللارئۆتەر تىنىمسىز.

    ئۆتكەنسېرى

    سەندىن يېراقلاردا

    سېغىنىپ ـ سېغىىنپ

    سېنى سۆيۈمەن!

    ...

    ئسىكەرىگە يېقىن

    گۈزەل باغدا

    سېنىڭ ئۆيۈڭ بار...

    تۆكۈلدىمۇ

    ئالمىلار گۈلى؟

    ...

    باھار كوچىسىدىن

    بارىمەن، ئەنە

    ئاستانەدە

    چىرايلىق يېزىلغان ـ

    ئايالنىڭ ئىسمى.

    ...

    كىچىككىنە

    زەنگەر كوزدىن

    سۈت قۇيماقتا

    تىتىرەپ قول...

    سۆيۈملۈك قول.

    ...

    بۇسە ئالدىم

    ئۇزاقتىن ـ ئۇزاق

    ۋە خەيرلەشتۇق.

    تۈن يېرىم، كوچىدا

    يېراق تاڭنىڭ سولىسى.

    ...

    ‹ئۇ بۈگۈن كېلەر ›، ـ دېدى ماڭا.

    سەھەردىلا تۇردۇم،

    ئاپاق كۆڭلىگىمنىڭ يېڭىدا

    كىرنى كۆرۈپ

    تەشۋىشكە چۈشتۇم.

    ...

    پاتقاقتىكى

    نىلۇپەر كەبى

    چۆكمەس

    قايغۇ

    مەستلىك چوڭقۇرلىغىغا.

    ...

    ـ بېچارە مۇھەبەتتىم! –

    شىۋىرلايمەن ئۆز  ـ ئۆزۈمگە.

    تۈن يېرىمىلاشتى.

    ئۆچۈۋاتقان ئوتقا

    كومۈر سالىمەن.

    ...

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.