كۈي(بايرون)

يوللىغۇچى : Yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-09 15:49:43

كۈي گىئورگى گوردون بايرون بايرون 1816-يىل 3-ئاينىڭ 28- كۈنى 1 بىرمۇ گۈزەل بولالماس سەن جانادەك، سېھرىي كۈچۈڭ بولدى كۆڭۈل ئۇتقاندەك، بالدەك شىرىن ئۈنۈڭ ماڭا تۇيۇلدى، سۇ يۈزىنى يېقىملىق كۈي قۇچقاندەك، شۇ ...

     

    كۈي

    گىئورگى گوردون بايرون بايرون

    1816-يىل 3-ئاينىڭ 28- كۈنى

     

    1

    بىرمۇ گۈزەل بولالماس سەن جانادەك،

    سېھرىي كۈچۈڭ بولدى كۆڭۈل ئۇتقاندەك،

    بالدەك شىرىن ئۈنۈڭ ماڭا تۇيۇلدى،

    سۇ يۈزىنى يېقىملىق كۈي قۇچقاندەك،

    شۇ ئۈنۈڭدىن دېڭىزلارنىڭ دولقۇنى،

    جىمىپ قالدى مەپتۇن بولۇپ ياتقاندەك،

    تاۋلىنىدۇ جىمجىت دېڭىز كۆز چېقىپ،

    شامال ئۇخلار چۈش قوينىغا پاتقاندەك

    2

    ئاي شولىسى تەڭ كېچىدە ئوخشۇتۇپ،

    كۆمۈش ھالقا ياسار دولقۇن قوغلىشىپ ،

    دېڭىز لەرزان تەۋرەر گويا . قويغاندەك،

    شوخ بوۋاقنى بۆشىكىدە ئۇخلىتىپ،

    يۈرىكىممۇ تەلپۈنىدۇ شۇ سىياق،

    ئاۋازىڭنى تىڭشاش ئۈچۈن زوقلىنىپ،

    چايقالغاندەك يازدا دېڭىز دولقۇنى،

    نازاكەتلىك تۇيغۇ ئىچرە تولغۇنۇپ.

     

    قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1984-يىلى نەشر قىلغان « خەزىنە گىرۋەكلىرى » دىن ئېلىندى.  مۇھەممەدئىمىن تەرجىمىسى

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.