بىر يىگىت بىر قىزغا بولۇپتۇ ئاشىق(گېنرىخ گېينى)

يوللىغۇچى : Yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-09 16:25:57

بىر يىگىت بىر قىزغا بولۇپتۇ ئاشىق گېنىرىخ گېنى ( گىرمانىيە ) بىر يىگىت بىر قىزغا بولۇپتۇ ئاشىق ، بىراق قىز تاللاپتۇ باشقا بىرىنى . ئۇمۇ ھەم كۆز سېلىپ بۆلەك رەناغا ، ئاپتۇ ئۆز ئەمرىگە بېرىپبىرسىنى...

    بىر يىگىت بىر قىزغا بولۇپتۇ ئاشىق

    گېنىرىخ گېنى ( گىرمانىيە )

     

     

    بىر يىگىت بىر قىزغا بولۇپتۇ ئاشىق ،

    بىراق قىز تاللاپتۇ باشقا بىرىنى .

    ئۇمۇ ھەم كۆز سېلىپ بۆلەك رەناغا ،

    ئاپتۇ ئۆز ئەمرىگە بېرىپبىرسىنى.

     

    ھىلىقى قىز دەرتكە تۇرالماي چىداپ ،

    تېگىپتۇ ئالدىغا ئۇچرىغان ئەرگە .

    ھىلىقى يىگىتمۇ ھەسرەتكە چۆمۈپ ،

    بولۇپتۇ پۇشماندا تەشنا زەھەرگە .

     

    بۇغۇ بىر قەدىمدىن قالغان رىۋايەت ،

    لېكىن ئۇ مەڭگۈگە يېڭى ھىكايە .

    كىمىكى دۇچ كەلسە بۇ يەڭلىغ ئىشقا ،

    يۈرۈگى گەپ سۆزسىز بولغۇسى پارە .

     

    قەشقەر خەلق نەشرىياتى 1984-يىلى نەشىر قىلغان خەزىنە گىرۋەكلىرى ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.