ئويلىسام ئىككىمىز خوشلاشقان چاغدا( بايرون)

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-07 15:24:01

ئويلىسام ئىككىمىز خوشلاشقان چاغدا   گئورگى گوردۇن بايرون شېئىرلىرىدىن ئويلىسام ئىككىمىز خوشلاشقان چاغدا ئۈن-تىنسىز تۆكۈپ ياش، چەككەنتۇق ھەسرەت. كۆپ يىللىق ھىجراننى سەزگەندەك يۈرەك بولغانتى سەكپا...

    ئويلىسام ئىككىمىز خوشلاشقان چاغدا

     

    گئورگى گوردۇن بايرون شېئىرلىرىدىن

     

     

    ئويلىسام ئىككىمىز خوشلاشقان چاغدا

    ئۈن-تىنسىز تۆكۈپ ياش، چەككەنتۇق ھەسرەت.

    كۆپ يىللىق ھىجراننى سەزگەندەك يۈرەك

    بولغانتى سەكپارە بېرەلمەي تاقەت.

    تاتىرىپ چىرايىڭ، سۇۋۇغان مۇزدەك،

    سۆيۈشۈڭ مۇزدىن سوغ ئىدى شۇ سائەت.

    ئىخ. ئاشۇ چاغدىكى ئالامەت ماڭا

    بۈگۈنكى ئازابتىن بەرگەن بىشارەت.

     

     

    تاڭ سەھەر ياپراققا قونغان سۇغ شەبنەم،

    چۈشكەندە دۇمۇلاپ، سۇۋۇدى چېكەم.

    ھە، ئاشۇ تۇيغۇ-ھېس تۇيۇلدى ئەجەپ

    ئاگاھ بول، دېگەندەك پېقىرنى شۇدەم.

    ئىكەنسەن ئەسلىدە شۇنچىلىك شاللاق،

    نەلەردە قالدى ئۇ سەن بەرگەن قەسەم،

    كىشىلەر ئىسمىڭنى ئالغاندا تىلغا

    قاپلايدۇ دىلىمنى ئىزا ۋە ئەلەم.

     

     

    تەرىپىڭ قىلىشسا ئالدىمدا ئۇلار،

    ئۇ ماتەم كۈيىدەك دەردلىك تۇيۇلار.

    تىترەك باسىدۇ تېنىمنى تامام،

    نېمىشقا ساڭىلا ئىشقىم قۇيۇلار.

    بىز سىرداش ئىكەننى بىلمەيدۇ ھېچكىم،

    ئاھ، ئۆتكەن سىردىشىپ يېقىن شۇنچىلا.

    قىلىمەن پۇشايمان ئۇزاقتىن-ئۇزاق،

    دەيمەنكى، بىلمىسە بۇ سىرنى ياتلار.

     

     

    كۆرۈشسەك بىز يەنە يوشۇرۇن دىدار،

    بولىمەن ئۈن-تىنسىز ھەسرەتكە ئەسرار.

    سېلىپسەن دوپپامغا جىگدە، تەپ تارتماي،

    ئۇنتۇغاچ يۈرىكىڭ ئاخىرى، دىلدار.

    ناۋادا ئارىدىن ئۆتۈپ نۇرغۇن يىل،

    تۇيۇقسىز ئۇچراشساق بىز بى ئىختىيار؛

    نېمە دەپ چاقىرسام بولاركىن سېنى؟

    تۇرارمەن تۆكۈپ ياش، گەپ-سۆزسىز زىنھار.

    1808-يىل

     

     

    قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1984-يىلى نەشر قىلغان «خەزىنە گىرۋەكلىرى» دىن ئېلىندى. مۇھەممەدئىمىن تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.