ۋەتەنگە (بۇنىن)

يوللىغۇچى : Siddiq يوللىغان ۋاقىت : 2007-10-19 18:59:00

بۇ 1933-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرشكەن داڭلىق شائىر بۇنىننىڭ شېئىرى بولۇپ، جاسارەت تاش تەرجىمە قىلغان. ۋەتەنگەئەي ئەزىز ۋەتىنىم، سۆيۈملۈك دىيار، سېنى زەپ خار-ۋەيران ئەيلىدى ئۇلار. ئە...

        بۇ   1933-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرشكەن داڭلىق شائىر بۇنىننىڭ شېئىرى بولۇپ، جاسارەت تاش تەرجىمە قىلغان.

                  ۋەتەنگە
    ئەي ئەزىز ۋەتىنىم، سۆيۈملۈك دىيار،
    سېنى زەپ خار-ۋەيران ئەيلىدى ئۇلار.
    ئەرزىمەس، كۆرۈمسىز زۇلمەت دەپ بىلىپ،
    رەنجىدى سېنىڭدىن بولۇشتى بىزار.

    ئوغلىنىڭ شەھەرلىك دوستلىرى ئارا،
    ھەسرەتتە ھالسىراپ تۇرىدۇ ئانا.
    شۇ بىغەم، نومۇسسىز ئوغۇل ئانىدىن
    تانىدۇ ھەتتا كۆزسالمايدۇ ئاڭا.

    ئانا ئۆز ئوغلىنى ئىزدەيدۇ شۇتاپ،
    قالدۇردى مۈلكىنى ھەم ئاڭا ئاتاپ.
    ۋە لېكىن شۇ ئوغۇل ئېچىنىش ئىچرە،
    سوغ كۈلۈپ ئانىغا تۇرىدۇ قاراپ.

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 19:17:33]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق