دالاي6: ئون نەسىھەت

يوللىغۇچى : zakirjanmejid يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-25 17:57:58

ئون نەسىھەتلوسان رىنچەن ساڭ ياڭ جا سو (دالاي6)زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى تەرجىمىسىبىرىنجىدىن، ئۇچراشمىغان ئەبزەل ھەممىدىن،سېلىنمىغاي شۇندا دىلغا ئىشىق زەنجىرىن.ئىككىنجىدىن، تونۇشماسلىق خو...



    ئون نەسىھەت


    لوسان رىنچەن ساڭ ياڭ جا سو (دالاي6)

    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى تەرجىمىسى

    بىرىنجىدىن، ئۇچراشمىغان ئەبزەل ھەممىدىن،
    سېلىنمىغاي  شۇندا  دىلغا  ئىشىق زەنجىرىن.

    ئىككىنجىدىن،  تونۇشماسلىق خوپتۇر نەقەدەر،
    دەل شۇندىلا بولماس بىدار،  زارىقىپ كۆزلەر.

    ئۈچىنجىدىن،  ئۈلپەتسىزلىك خوپ ھەم  ئۆز ئارا،
    ئۆتنە-لاپقۇت، مەجبۇرىيەت يوقتۇر شۇندىلا.

    تۆتىنجىدىن، ئىچىكىشتىن تۇرغۇلۇق يىراق،
    ئۆرتىمسۇن دېسە دىلنى سېغىنىش –پىراق.

    بەشىنجىدىن، سۆيمىگۈلۈك بولۇپ مۇپتىلا،
    بىل، شۇنىدىلا يوق ئۆز ئارا بولۇشمۇ جۇدا.

    ئالتىنجىدىن، لەيلى-مەجنۇن بولمىغان تۈزۈك،
    شۇندىلا دىل بۆلۈنمىگەي- بولمىغاي ئۈزۈك.

    يەتتىنجىدىن، خاتا پەھىم قىلىشمىغان خوپ،
    قالماس شۇندا بىر بىرىگە ئېغىر يۈك بولۇپ.

    سەككىزىنجى، «ماقۇل»،«خوپ»نى كۆرمىگەي راۋا،
    ئوينىمىسۇن دېسە غەمنى باشلاردا ساما...

    توققۇزىنجى، كۆيسە مەيلى، قالمىغاي كۆنۈپ،
    شۇندا ھېچكىم پۇشايماندا  قالماس ئۆكۈنۈپ.

    ئونىنجىدىن، قالمىغۇلۇق مۇلاقات بولۇپ،
    شۇندا ئۈزلەت ھالىمىزغا تۇرار ھال قوشۇپ.

    ئۇچرىشىپ ھەم تونۇشۇشقا ئۈلگۈردى دېسەك،
    بولماس ھەممە ئۇچراشمىغان ۋاقىتتىكىدەك.

    ھەقنىڭ زىكرى بىرلە تىنسا كۆڭۈللا پەقەت.
    ھايات نېمە؟ ماماتلىقچۇ؟ بىلىش بىھاجەت.

    2011-يىل 1-ئاپرىل

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.