ياۋا تىنىچلىق(يەھۇدا ئامغاي شېئىرلىرىدىن)

يوللىغۇچى : nasmi يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-06 14:27:31

ياۋا تىنىچلىقيەھۇدا ئامغايئورۇش توختىتىش تىنىچلىق ئەمەس،ھەتتا بۆرە بىلەن قوزىچاقنىڭ نەزىرىدىمۇ.چىن يۈرەكتىن چىقمىغان تىنىچلىقھەرقانچە ھاياجانلىق بولسىمۇسېنىڭ سۆيلىيەلەيدىغىنىڭ بىر يۈرەك ئاج...

     

    ياۋا تىنىچلىق
    يەھۇدا ئامغاي
     
    ئورۇش توختىتىش تىنىچلىق ئەمەس،
    ھەتتا بۆرە بىلەن قوزىچاقنىڭ نەزىرىدىمۇ.
    چىن يۈرەكتىن چىقمىغان تىنىچلىق
    ھەرقانچە ھاياجانلىق بولسىمۇ
    سېنىڭ سۆيلىيەلەيدىغىنىڭ بىر يۈرەك ئاجىزلىق، 
    خالاس.
     
     
     
    مەن قانداق ئادەم ئۆلتۈرۈشنى بىلىمەن.
    ئۇ مېنى چوڭ ئادەم قىلغان
    بىلىدۇ ھەتتا ئويۇنچۇق ئوينايدىغان ئوغلۇممۇ
    كۆزىنى قانداق ئېچىپ قانداق يۇمۇپ دېيىشنى
    ئانا.
     
     
     
    تىنىچلىق بىر ئىش
    قىلىچلارنىڭ تەنگە سوقۇلغان ئاۋازىدىن خالىي
    گەپ-سۆزدىن خالىي، خالىي يەنە
    تامغىنىڭ گۈپ قېلىپ بېسىلغان ئاۋازىدىن
    ئايلانغىلى قويۇڭلار ئۇنى، يىنىك
    لەيلەپ يۈرگەن ئاپئاق كۆپۈككە.
    جاراھەتنىڭ ئارام ئېلىشى
    ئاۋازىمۇ شىپا تېپىشنىڭ؟
    (يىتىملەرنىڭ نالە زارى ئەۋلاد ئاتلىغان
    ئوخشايدۇ مۇسابىقىگە ئىزچىل داۋاملاشقان
    دىرژورلۇق تايىقى چۈشمەس مەڭگۈ.)
     
     
     
    كەلگىلى قوي ئۇنى
    ياۋا گۈلگە ئوخشاش
    چۈنكى زىمىن بوپ قالدى ئىگە
    ياۋا تىنىچلىققا.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.