ئۇ كېلىدۇ يارقىن نۇرغۇن بۆلۈنۈپ بۇيان (بايرون )

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-23 13:47:49

بايرون تانسىدا ۋىرمون خانىم بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ، ئۆيىگە قايتىپ كېلىپلا بۇ شېئىرنى يازىدۇ. ۋىرمون خانىم شۇ چاغدا ئۈستىگە مۇراسىم كىيىمى كەيگەن بولۇپ، قارا رەڭلىك كۆينىكىدە نۇرغۇنلىغان ئالت...

    بايرون تانسىدا ۋىرمون خانىم بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ، ئۆيىگە قايتىپ كېلىپلا بۇ شېئىرنى يازىدۇ. ۋىرمون خانىم شۇ چاغدا ئۈستىگە مۇراسىم كىيىمى كەيگەن بولۇپ، قارا رەڭلىك كۆينىكىدە نۇرغۇنلىغان ئالتۇن بېزەكلەر يالتىراپ تۇراتتى.

     

     

    ئۇ كېلىدۇ يارقىن نۇرغۇن بۆلۈنۈپ بۇيان

     گىئورگى گوردون بايرون

     

    1

    ئۇ كېلىدۇ يارقىن نۇرغا بۆلۈنۈپ بۇيان*

    چاقنىغاندەك سانسىز يۇلتۇز ئىلكىدە ئاسمان.

    يورۇق، خۇنۇك خوپ تەڭشەلگەن ئۆزگىچە بىر رەڭ،

    چېھرى، شەكلا كۆزلىرىدە بۇلار نامايان.

    ئۇ گۇيا تاڭ شەبنىمىدە پارلىغان زەر نۇر،

    بىراق ئۇ رەڭ بۇ نۇردىنمۇ ئىللىق ۋە پىنھان.

    2

    زەررىچە رەڭ كۆپەيسە يا ئازايسا ئەگەر،

    تىل يەتمەس بۇ گۈزەللىككە كۆپ نۇقسان يېتەر.

    جىلۋە قىلار بۇ گۈزەللىك قۇندۇز ساچىدا،

    ياكى چاقنار ئۇندىن ھەر يان سۇس-غۇۋا نۇر - زەر.

    چىرايىدا ئەكىس ئەتكەن خىيالچان ئ.ويلار،

    ئەتىۋا، خاس پاك زاتىنى نامايان ئەيلەر.

    3

    ئاھ، چېكىسى، گۈلدەك گۈزەل چېھرىدە شۇ دەم،

    مۇلايىملىق، خاتىرجەملىك، ئىچكى ھېسى جەم.

    ھەر قارىشى، دىلنى مەپتۇن ئەيلەر كۈلكىسى

    بىر ئاقكۆڭۈل ھاياتلىققا بېرەر ئىزاھ ھەم؛

    دۇنيادىكى ھەممىگە ئۇ مۇلايىم شۇنداق،

    ساپ مۇھەببەت يۈرىكىگە مەڭگۈلۈك ھەمدەم!

     

    قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1984-يىلى نەشر قىلغان « خەزىنە گىرۋەكلىرى » دىن ئېلىندى.  مۇھەممەدئىمىن تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.