مۇھەببەت (دىرۇنا-رۇسىيە شائىرى)

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2009-02-25 05:43:00

مۇھەببەت ( دىرۇنا-رۇسىيە شائىرى) دىرۇنا Юлия Друнина رۇسىيەلىك داڭلىق ئايال شائىرە. 1924-يىلى تۇغۇلغان، 2 -دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ سۆيگۈ لىرىكىلىرى بىلەن داڭ قازانغان بولۇپ1991-يىلى 11-ئايدا ئۆ...

     مۇھەببەت

     ( دىرۇنا-رۇسىيە شائىرى)

      دىرۇنا Юлия Друнина رۇسىيەلىك داڭلىق ئايال شائىرە. 1924-يىلى تۇغۇلغان، 2 -دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ سۆيگۈ لىرىكىلىرى بىلەن داڭ قازانغان بولۇپ1991-يىلى 11-ئايدا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان.
          مۇھەببەت كىرپىك قاقماي بۇ كېچە يەنە ،
    سوئال قويۇپ چىقتىڭ ئۆزۈڭگە.
    دېدىڭ، «ئۇ ئانچىلا چىرايلىق ئەمەس».
    جاۋاپ بەردى لېكىن يۈرىكىڭ :
    «ھىچقىسى يوق بولدى قىلغىن بەس».

    ئۇخلىيالماي ياتتىڭ ئۆرۈلۈپ،
    ئۇزاق-ئۇزاق خىياللار سۈرۈپ:
    چىنمۇ سۆزى ۋە ياكى ساختا...
    دېدىڭ ئاخىر: «ئۇ ئانچىلا ئەقىللىق ئەمەس!»

    جاۋاپ بەردى لېكىن يۈرىكىڭ :
    «ھىچقىسى يوق بولدى قىلغىن بەس».
    شۇئان سېنى باستى تەشۋىش غەم،
    ھەممە ۋەيران تۈگەشتىڭ شۇ دەم.
    يۈرىكىڭگە سۆزلىدىڭ يەنە:
    «تۈگىشىپسەن ئامىتىڭ كەلمەس!»
    جاۋاپ بەردى لېكىن يۈرىكىڭ :
    «ھىچقىسى يوق بولدى قىلغىن بەس».

    ------1972-يىلى .

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 0:49:03]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر دىرۇنا