(مۇھەببەت قوشاقلىرى)ئىسىكاۋا تاكۇبوكۇ

يوللىغۇچى : unatsu يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-23 13:48:58

مۇھەببەت قوشاقلىرى(داۋامى)ئىسىكاۋاتاكۇباكۇ(ياپونيە)(خۇرشىد دەۋراننىڭ ئۆزبېكچە تەرجىمىسىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.)مەن ناگاھ كەتتىم تىترەپ،بۇشۇنداق ئاجىزشۇنداق ئاجىز سۆيۈش ئىدى.چىنار ياپرىغى ئۇچۇپ...

     

    مۇھەببەت قوشاقلىرى

    (داۋامى)

    ئىسىكاۋاتاكۇباكۇ

    (ياپونيە)

     

    (خۇرشىد دەۋراننىڭ ئۆزبېكچە تەرجىمىسىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.)

     

    مەن ناگاھ كەتتىم تىترەپ،

    بۇشۇنداق ئاجىز

    شۇنداق ئاجىز سۆيۈش ئىدى.

    چىنار ياپرىغى ئۇچۇپ چۈشۈپ
    سىرغىدى مەڭزىمدە.

    ...

    مەن ئۇنى كۈتتۈم،

    شۇنداق كۈتتىم ـ كى!

    ئۇ تېخى كەلمىدى

    مەن شىرەنى ئىتتىرىپ قويدۇم

    باشقا بىر يەرگە.

    ...

    ئالبومنىڭ ئارىسىدىن

    ئايىغىم ئاستىغا چۈشتى

    كونا سۈرەت.

    سارغايغان سۈرەتتە

    ئايالنىڭ يۈزى.

    ...

    قېنى ئۇلار؟

    قەيەرگە يۇشۇردۇم ئۇلارنى؟ ـ

    خوتۇنۇمنىڭ

    سەككىز يىل ئاۋۋال

    ماڭا پۈتكەن مەكتۇپلىرىنى.

    (تۈگۈدى)

    2010.10.23

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.