خۇرشىد دەۋراننىڭ ئىككى شېئىرى

يوللىغۇچى : qasimjan يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-15 19:05:00

بەكمۇ گۈزەل ئايال ئىدى ئۇ ئاپتورى: خۇرشىد دەۋران رومال ئوراپ چىقتى كوچىغا رومالىنى يەشتى كوچىدا ۋە چاچلىرى سەل كەبىي بىردىن ئېقىپ كەتتى بىلەكلىرىدىن .بەكمۇ گۈزەل ئايال ئىدى ئۇ! قەلەندەردەك ئە...

    بەكمۇ گۈزەل ئايال ئىدى ئۇ
    ئاپتورى: خۇرشىد دەۋران  


    رومال ئوراپ چىقتى كوچىغا
    رومالىنى يەشتى كوچىدا
    ۋە چاچلىرى سەل كەبىي بىردىن
    ئېقىپ كەتتى بىلەكلىرىدىن .
     بەكمۇ گۈزەل ئايال ئىدى ئۇ!
    قەلەندەردەك ئەگەشتى ھىلال.
    ==
    خوشلىشىش
     مەن سېنىڭدىن ئايرىلماقچىمەن،
    يامغۇردەك ئەمەس
    ---- يامغۇر يەنە كىلىدۇ قايىتىپ .
    شامالدەك ئەمەس
    - شامال يەنە كىلىدۇ قايتىپ .
    مەن سېنىڭدىن ئايرىلماقچىمەن
    مۇھەببەت كەبى ...
    ------------------------- --ئەزىزى ئۆزبېكچىدىن ئۇيقۇرچىلاشتۇرغان.

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-27 16:20:00]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.