ئىككى شېئىر(يۇنۇس ئەمرە)

يوللىغۇچى : unatsu يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-20 14:59:07

ئىككى شېئريۇنۇس ئەمرە(1240 ـ 1320)( تۈركيە)1. نەيلەيىنبىلمىدىم نەلەيىن،ئىشقىڭ قۇلىدىن؟نەسۆز سۆزلەيىن،ئىشقىڭ قۇلىدىن؟مەسكانىم @ تاغلار،كۆز يېشىم ئاقار،باغرىم قان يىغلار،ئىشقىڭ قۇلىدىن.قەددىم يا بول...

    ئىككى شېئر

    يۇنۇس ئەمرە(1240 ـ 1320)

    ( تۈركيە)

     

     

    1. نەيلەيىن

    بىلمىدىم نەلەيىن،

    ئىشقىڭ قۇلىدىن؟

    نەسۆز سۆزلەيىن،

    ئىشقىڭ قۇلىدىن؟

    مەسكانىم @ تاغلار،

    كۆز يېشىم ئاقار،

    باغرىم قان يىغلار،

    ئىشقىڭ قۇلىدىن.

    قەددىم يا بولدى،

    ئىشىم ۋاي@ بولدى،

    ئشقىڭ قۇلىدىن.

    تىڭلا زارىمنى،

    ئاتىدىم ئارىمنى،

    بەردىم بارىمنى،

    ئشقىڭ قۇلىدىن،

    يۇنۇسنىڭ سۆزى،

    توغرىدۇر ئۆزى،

    قان يىغلار كۆزى،

    ئشقىڭ قۇلىدىن.

     

     

    2.بۇلبۇل، ھەي...

     

    بۇ يەرلەردە غېرىپسەنمۇ،

    نىچۈن يىغلارسەن،بۇلبۇل، ھەي؟

    ئۇچۇپ قارلىق تاغ ئاشتىڭمۇ،

    سايۇ ـ جىرالارنى كەچتىڭمۇ،

    يارىڭدىن ئايرىلىپ قالدىڭمۇ،

    نىچۈن يىغلارسەن،بۇلبۇل، ھەي؟

    قوزا كەبى بوزلارسەن،

    مېنىڭ دەردىم تازلارسەن،

    دوستنى كۆرمەكنى تىلەرسەن،

    نىچۈن يىغلارسەن،بۇلبۇل، ھەي؟

    قانىتىڭ ئاچماق ئىزلەرسەن،

    ئۇچۇپ قاچماق ئىزلەرسەن،

    توسۇقلارنى بۇزماق تىلەرسەن،

    نىچۈن يىغلارسەن، بۇلبۇل، ھەي؟

    قەلئەيىڭ، شەھرىڭ يىقىلدىمۇ،

    غۇربەتتە تارىڭ قالدىمۇ،

    يا نۇمۇس ـ ئارىڭ قالدىمۇ

    نىچۈن يىغلارسەن، بۇلبۇل، ھەي؟

    قىممىتىڭ بىلىنمەس بولدىمۇ،

    ھالىڭ سورالماس بولدىمۇ،

    دوست ـ يارىڭ كۆرۈنمەس بولدىمۇ،

    نىچۈن يىغلارسەن، بۇلبۇل، ھەي؟

    ئۆزكۆڭلۈڭنى تىڭلارسەن،

    تاغۇ ـ تاشنى كۈيلىتەرسەن،

    يۇنۇس كەبى ئىڭرايسەن،

    نىچۈن يىغلارسەن، بۇلبۇل، ھەي؟

     

    1.مەسكان ـ تۇرار جاي، ئۆي، ئورۇن

    2.ۋاي بولماق ـ  يۇرۇشمەسلىك، قاملاشماسلىق

     

    خۇرشىد دەۋران(ئۆزبېكىستان)نىڭ ئۆزبېكچە تەرجىمىسىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.