ﺩﯦﯖﯩﺰ ئاﺗﻠﯩﺮﻯﭼﯩﻴﻮﺗﭽﯩﯟ (ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ)

يوللىغۇچى : yalqunazizi يوللىغان ۋاقىت : 2008-08-21 23:18:00

دېڭىز ئاتلىرىچىيوتچىۋ (روسىيە) سۇس يېشىل يايىلىق دېڭىز ئاتلىرىچاپقۇلداپ زادىلا تىنچىمايسىلەربەزىدە شۇ قەدەر مۇلايىم، يۇۋاشبەزىدە شۇنچىكى ئويۇنچى بەڭباشتەڭرىنىڭ پايانسىز يايلاقلىرىدا قۇترىغ...

    دېڭىز ئاتلىرى
    چىيوتچىۋ (روسىيە)


           سۇس يېشىل يايىلىق دېڭىز ئاتلىرى
     چاپقۇلداپ زادىلا تىنچىمايسىلەر
    بەزىدە شۇ قەدەر مۇلايىم، يۇۋاش
    بەزىدە شۇنچىكى ئويۇنچى بەڭباش
    تەڭرىنىڭ پايانسىز يايلاقلىرىدا
    قۇترىغان قۇيۇنتاز سىلەرگە تائام
    چاپقۇلداش سىلەرگە تەڭرىدىن ئىنئام
    قانغۇچە چېپىڭلار ، شاشلاڭلار
    ھامان ئامراقمەن سىلەرگە ئەي ئۇچقۇر ئاتلار
    سىلەردە بە قۇۋۋەت تەنتەنە ئەيلەر
    گادىرماش مويۇڭلار ئۇزۇن ۋە قۇيۇق
    موي ئارا غۇچچىدە تەپچىرەيدۇ تەر
     تۇرساڭلار شىددەتتە ساھىلغا شوخشۇپ
    شوخ ئۇزاق كىشنەشلەر شادىمان ئۈنلەر
    پەنجىڭلار ساھىلنى سالار لەرزىگە
     بۇژغۇنلار كۆك تامان سىلكىتىدۇ پەر!


     بوز سايىگە يىغىلماقتا سايىلەر

     چىيوتچىۋ ( روسىيە )

    سايىگە يىغىلماقتا سايىلەر
    رەڭلەر ئۆڭگەن ، چۈشەكەيدۇ ئاۋازلار ؛
     گۇڭگىلاشتى ھايات، ھەرىكەت، ئورنىدا-
     يىراقتىكى غىژ-غىژ ئۈنلەر بولدى بار.
     پەرۋانىلەر كۆرۈنمەستىن كۆزلەرگە
     ئۇچار لەرزان ، تۈن ئاسمىنىن ئايلىنار.

     ئەي سەن ئېيتماق قىيىن بولغان غەمكىن دەم !
     ئالەم مەندە، مەن ئالەمدە مۇجەسسەم
    جىمجىتقىنە ئۇخلاپ ياتقان ئەي گۇگۇم.
     يۈرىكىمگە ئۈن تىۋىشسىز كىرىپ كەل.
    ئېلىپ كىرگىن تىمتاس يەڭگىل خۇشپۇراق
     ۋە روھىمنى تىنجىت ، ئارام بېرىپ كەل
    "مەن ئۇنتۇلغان " قاراڭغۇ يەر-ئاسماننى ھېسلىرىمغا تولدۇر
     يامراپ تاشقۇچە تېتىتىپ قوي ماڭا ئۆلۈم تەمىنى،
     بولاي غاپىل دۇنيا بىلەن بىر تەن ، دەل.

     تىلماچ : باتۇر روزى

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-27 13:31:24]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق