ۋىللىيام ئېرنېست خېنلېي: يېڭىلمەس

يوللىغۇچى : aypalta يوللىغان ۋاقىت : 2011-08-13 13:16:05

ئىلاۋە: بۇ شېئىرنى « مەرىپەت» تورىدا ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ « غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى» ناملىق يازمىسىدا كۆرگەنىدىم، تەرجىمە قىلىپ باقتىم.

    Invictus

    William Ernest Henley

     

    ئىلاۋە: بۇ شېئىرنى « مەرىپەت» تورىدا ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ « غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى» ناملىق يازمىسىدا كۆرگەنىدىم، تەرجىمە قىلىپ باقتىم.

     

    يېڭىلمەس

    ۋىللىيام ئېرنېست خېنلېي((1849 –1903))

    ( ئەنگلىيە)

     

    مېنى چىرمىۋالغان كېچىدىن چىقىپ،

    قۇتۇپلار ئارىسىدىكى بوشلۇقتەك قارا،

    رەھمەت ئېيتىمەن مېنى ياراتقان خۇداغا

    يېڭىلمەس بىر روھ ئاتا قىلغىنىغا.

     

    يىقىلغان، غەمگە پاتقان يالغۇز  چاغلاردا،

    قورقمىدىم، نالە قىلىپ تۆكمىدىم ياش.

    پۇرسەتنىڭ رەھىمسىز قىيناشلىرىدا،

    يېرىلدى، قانىدى … ئىگىلمىدى باش.

     

    ئازاپ بىلەن كۆز-ياشقا تولغان بۇ ماكان،

    بۇلۇتتەك كۆلەڭگە تاشلىغان ۋەھىم،

    ۋە ھەتتا يىللارنىڭ شۇم بىشارىتى

    گۇۋاھتۇر قورقمىدىم، قورقماس روھىم!

     

    تار يەردە قىستىسىمۇ كۆزۈمنى تېڭىپ،

    قىينىسىمۇ ئەڭ قەدىمىي قىيناقلار بىلەن.

    مەن يەنىلا ئۆز تەقدىرىمنىڭ خوجايىنى ؛

    مەن يەنىلا ئۆز روھىمنىڭ كاپىتانى.

     

    ئىنگلىزچىدىن ئەنۋەر ھامىت(ئايپالتا) تەرجىمە قىلدى.

     

     

    Invictus

    William Ernest Henley

     

     

    Out of the night that covers me,
    Black as the Pit from pole to pole,
    I thank whatever gods may be
    For my unconquerable soul.


    In the fell clutch of circumstance
    I have not winced nor cried aloud.
    Under the bludgeonings of chance
    My head is bloody, but unbowed.


    Beyond this place of wrath and tears
    Looms but the Horror of the shade,
    And yet the menace of the years
    Finds, and shall find, me unafraid.

     

    It matters not how strait the gate,
    How charged with punishments the scroll.
    I am the master of my fate:
    I am the captain of my soul.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.