بىر تۈركىيلىكنىڭ ھەسرىتى(لېرمونتوۋ)

يوللىغۇچى : YultuzAy يوللىغان ۋاقىت : 2007-10-31 08:51:00

بىر تۈركىيلىكنىڭ ھەسىتى رۇس شائىرى لېرمونتوۋ (1814-1841) بار قۇياش ئوتتەك قىزىتقان بىر پايانسىز جاي-ماكان، ئۇندا ئورمان، چۆپ ئارا بولدى قاراڭغۇ-تۈن... خاقان. قىلدى يار شۇملۇقنى غاپىل-قۇۋ-مۇغەمبەر تۈلكى...

    بىر تۈركىيلىكنىڭ ھەسىتى

       رۇس شائىرى لېرمونتوۋ (1814-1841)    

    بار قۇياش ئوتتەك قىزىتقان بىر پايانسىز جاي-ماكان،
    ئۇندا ئورمان، چۆپ ئارا بولدى قاراڭغۇ-تۈن... خاقان.
    قىلدى يار شۇملۇقنى غاپىل-قۇۋ-مۇغەمبەر تۈلكىلەر،
    ئەل ئاۋامنى سالىدۇ تەشۋىشكە كۈلپەتلەر ھامان.

     

    ئۇندا گاھى تاغ سۈپەت مەزمۇت، جەسۇر، سالماق-ئېغىر،
    پەم –پاراسەتلىك ئوغۇل، قىزلار يەنە بولغاي ئايان.
    ئەيلىنىپ دەردكە قامال-مەھكۇم ئۇلارنىڭ قۇدرىتى،
    كۆڭلىدە بولدى ساخاۋەت گۈللىرى ۋەيران-خازان.

     

    ئۇندا نامراتلىق قۇچاق ئاچقان ئاۋامغا باشتىلا،
    ئەل كىشەن-زەنجىر، ئاسارەت ئاستىدا ئەيلەر پىغان.
    ئۇندا شادلىق كۈتمىگەن ھەسرەت-بالاغا تاشلىغاي..

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 9:34:42]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر لېرمونتوۋ