روبېرت فروست: مېڭىلمىغان يول

يوللىغۇچى : aypalta يوللىغان ۋاقىت : 2008-02-22 20:56:00

ئىلاۋە: بۇ شېئىر توغرۇلۇق «سۇمرۇغ ئەدەبىيات مۇنبىرى» دە مۇنازىرىلەر بولغان ئىدى، ئايتۇغدى، شەمشاد ۋە مەن ئۆزلىرىمىزنىڭ تەرجىمىلىرىمىزنى يوللاپ كۆرگەن ئىدۇق، كېيىن يەنە بىرەيلەن بۇ شېئىرنىڭ ...

    ئىلاۋە: بۇ شېئىر توغرۇلۇق «سۇمرۇغ ئەدەبىيات مۇنبىرى» دە مۇنازىرىلەر بولغان ئىدى، ئايتۇغدى، شەمشاد ۋە مەن ئۆزلىرىمىزنىڭ تەرجىمىلىرىمىزنى يوللاپ كۆرگەن ئىدۇق، كېيىن يەنە بىرەيلەن بۇ شېئىرنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلگەن تەرجىمە نۇسخىسىنىمۇ قوشۇپ يوللىغان ئىدى. بۇ قېتىم مەن بۇ شېئىرنى مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتە تېخمۇ ئەسلىگە سادىق ھالەتتە تەرجىمە قىلىپ بېقىشقا ئۇرۇندۇم ۋە بۇ ئۇرۇنۇشنىڭ نەتىجىسىنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشايلى دەپ يوللاپ قويدۇم.

    The Road Not Taken
    مېڭىلمىغان يول

    by Robert Frost
    روبېرت فروست

     Two roads diverged in a yellow wood,
    And sorry I could not travel both And be one traveler,
    long I stood And looked down one as far as I could To where it bent in the undergrowth;
    ئالتۇنرەڭ ئورماندىن چىقتى ئىككى يول،
     ئەپسۇس مەن يۈرەلمەيتىم ئىككىسىدە تەڭ.
    تەنھا بىر يولۇچىمەن، بوپ قالدىم دىلغۇل ،
    بىرسىگە قارىغىنىمچە تازا سېلىپ زەڭ يوقالغىچە چاتقاللىققا كىرىپلا ئۇدۇل.
    Then took the other, as just as fair,
    And having perhaps the better claim,
    Because it was grassy and wanted wear;
    Though as for that the passing there Had worn them really about the same,
    يەنە بىرىدە يولغا چۈشتۈم، بۇمۇ بولغۇدەك،
    بەلكىم مەندە بار بۇنىڭغا ئوبدانلا سەۋەپ.
    دەسسەلمىگەن گۈل-چىمەنگە تولۇپ تۇرغۇدەك؛
     كىشى چىققان بولسىمۇ بۇ يولدا يۈرگۈدەك
    بىرىنچى يولدىن ئانچە پەرقى يوقكەنغۇ ئەجەپ.

     And both that morning equally
    lay In leaves no step had trodden black.
    Oh, I kept the first for another day!
    Yet knowing how way leads on to way,
    I doubted if I should ever come back.
    ئاشۇ سەھەر ئىككى يولغا دۇچكەلدىم يەنە،
    ئاياغلاردا قارايمىغان ياپراقلار بىلەن.
     تۇنجىسىنى قالدۇردۇممەن باشقا بىر كۈنگە!
    ئىشىنىمەن، يول بىلەن يول تۇتاش دېگەنگە،
    تېڭىرقايمەن، تىلەيمەن دەپ: « قايتالىسامكەن.»

     I shall be telling this with a sigh Somewhere ages and ages hence: Two roads diverged in a wood, and I-- I took the one less traveled by, And that has made all the difference.
    بىر كۈنلەردە ئاھلار ئۇرۇپ سۆزلەپ بېرىمەن كۈنلەر ئۆتۈپ،
    ئايلار ئۆتۈپ مەلۇم بىر يەردە: ئورمانلىقتىن ئىككى يول چىقتى،
    ئاندىن مەن- ئادەم ئازراق شۇ بىرسىدە يۈرۈپ كەتكەنمەن،
    ئۆز يولۇمدا يەتتىم ئاخىر ئۆزگە پەللىگە.

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 17:46:07]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق